نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >>
بالىلىرىم
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-01 14:36:49  يازغۇچى:saypidin  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

 

بالىلىرىم

قۇربان ئابلىمىت

سۆيۈش
يارىتىدۇ ئادىمىيلىكنى.
قىزىم گۈل كۆتۈرۈپ كىرىدۇ،
ئوغلۇم نۇر ئېلىپ كېلىدۇ،
ئايالىم جېنىمنى سۇغۇرىدۇ،
كۆزلىرىم كۈلىدۇ.

ئوماق بالىلىرىم
قۇچىقىمدا ئولتۇرۇپ،
قۇياش-ئاينى ئوينايدۇ؛
چۆچەك ئىچىگە كىرگەندە.
«ئۇچار گېلەم»،«ياغاچ ئات» نى كۆرگەندە،
قانات چىقىرىپ ئۇچىدۇ.

يېغلايدۇ قىزىم
قونچىقىغا نان يىگۈزەلمەي.
ئوغلۇم ئاۋارە بولىدۇ،
ئۇيۇنچۇق تاپانچىسىدا
مۈشۈكىگە ئوق تەككۈزەلمەي.

بالىلىرىمغا قاراپ خىيالچان،
ئەسلەپ قالىمەن بالىلىقىمنى.
شېئىرلىرىم ئىچىدىن چىقىپ
قۇچاقلايمەن رېئاللىقىمنى.
تورداش << saypidin>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ