نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >>
قۇتلۇق بولسۇن بايرىمىڭلار بالىلار(ئاينۇرى888)
يوللىغان ۋاقىت:2010-06-01 09:56:34  يازغۇچى:ئاينۇرى888  كىلىش مەنبەسى:ئىجادىيەت  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

قۇتلۇق بولسۇن بايرىمىڭلار بالىلار

تۇرنىسا رەھىم

شاتلىنىدۇ سىلەر بىلەن بۇ ھايات،
جانلىنىدۇ ئائىلىمۇ بوپ ئاۋات.
قۇتلۇق بولسۇن بايرىمىڭلار بالىلار،
قېنىپ ئويناپ،يايراپ كۈلۈڭ،بولۇپ شات.

ئۆگۈنىڭلار ھارماي-تالماي ئېلىم پەن،
ئىلىم بىلەن گۈللىنىدۇ ئەل-ۋەتەن.
كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈتلىرى سىلەردە،
پۇختا بولسۇن ھاياتلىقتا ھەر قەدەم.

مەكتەپ بولسا سىلەر ئۈچۈن بىر گۈلزار،
مۇئەللىملەر ئىشچان،ئاقىل بىر باغۋەن.
پۇتاپ تۇرسا ھارام شاخنى ۋاقتىدا،
كۆچەت ئۆسەر ساغلام،قابىل ھەم تىمەن.

ئىلىم ئېرپان سىڭىپ كەتسۇن قانلارغا،
يولىمىسۇن قەلبىڭلاغا نادانلىق.
قەدىرلىسە ھەر بىر دەقىق ۋاقىتنى،
بولالايدۇ ئاقىل،زىرەك،ياراملىق.

ئەمگەك بىلەن بەرپا بولغان بۇ جاھان،
تىرىشچانلار كۆكلەپ تۇرار ھەر قاچان.
ئارزۇ-ئارمان يېنىپ تۇرسۇن دىللاردا،
بولغايسىلەر قەيسەر،باتۇر،ئەمگەكچان.

ئاپتور قاراماي كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتوتىدا

تورداش << ئاينۇرى888>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ