ماڭا مېھىر بېرەلمىگەن قىز
نىجات ئابلىمىت
ئۆتۈپ كەتتىم شامالدەك گويا،
يۈرىكىدە قالدۇرۇپ بىر ئىز.
ياش تۆكىدۇ بىراۋلار ئۈچۈن،
ماڭا مېھىر بېرەلمىگەن قىز.
ماڭا مېھىر بېرەلمىگەن قىز،
مەندىن سۆيگۈ كۈتىدۇ بىراق.
شۇنچە يېقىن تۇرساقمۇ ئەمما،
قەلبىمىزنىڭ ئارىسى يىراق.
قەلبىمىزنىڭ ئارىسى يىراق،
چۈنكى ئۇنىڭ سىرلىرى پىنھان.
بىز يېزىشقان سۆيگۈ مەكتۇبى،
تىلسىماتقا ئايلىنار ھامان!
*** *** *** *** *** ***
ئۆتۈپ كەتتىم شامالدەك گويا،
يۈرىكىدە قالدۇرۇپ بىر ئىز.
ئاھ ئۇرىدۇ بىراۋلار ئۈچۈن،
ماڭا مېھىر بېرەلمىگەن قىز.
ماڭا مېھىر بېرەلمىگەن قىز،
مېھىر تىلەپ ئۆزگە كۆڭۈلدىن،
خۇشاللىقنى كۈتىدۇ مەندىن...