داستىخان راستلاپ سۈكۈتتىن چىللىغان نامەرد ئۆزۈڭ،
يوق ئىكەن بۇغداي نېنىڭمۇ ،يوقمىدى بۇغداي سۆزۈڭ؟
كۆزلەرىڭگە تەلمۈرۈپ ئاۋارە بولدى دېققىتىم ،
نەئۈچۈن مۈشكۈل مۇئەمما ياغدۇرار بىرجۈپ كۆزۈڭ؟
كەپتىمەن ھۆسنۈڭدىكى مەۋھۈم سۈكۈتكە ئۈلگۈرۈپ ،
ھېچقاچان مۇنداق پەرىشان بولمىغان نۇرلۇق يۈزۈڭ.
سۆيگۈنۈڭ ئىستەكلىرى خىلۋەت چىمەن ،ئايدىڭ كېچە،
بۇزدىمۇ ئىستەكلىرىڭنى شۇ بۇگۈنكى كۈندۈزۈڭ؟
كالتە ئەقلىم كېچىكىپ يەتتى سۈكۈتنىڭ تەكتىگە ،
ئەھدىمىزنى يىرتقىلى تەييار تۇرۇپتۇ مۈڭگۈزۈڭ.