كەچۈرۈڭ
قىز دېدى يىغلاپ تۇرۇپ:-سىز رايىڭىزنى بىلدۈرۈڭ،
لەۋزىڭىزدىن ئوق ئۈزۈڭ-دە،يىغلىتىڭ يا كۈلدۈرۈڭ.
مەندە گەپ يوق،ئەندىشەم بار،سىزدەىالدى ھەممەگەپ،
قەلبىڭىزنى چۇخچىلاپ دادىل زۇۋانغا كەلتۈرۈڭ.
گاھى چاغ شىرىن سۇخەن سز ،يورغىلايدۇ ۋەدىڭىز،
ئەمدى سىزشۇۋەدىلەرنىڭ ۋەزىنىنى دەڭسەپ كۆرۈڭ.
گاھى چاغ ھاتەمگە ئوخشاش بەك رەھىمدىل ،بەك سېخى،
گاھ ئەمەس،دائىم يېڭى ھاتەم بولۇشقا يەڭ تۈرۈڭ .
زادى سىزدىن كۈتكۈنۈم بايلىق ئەمەس ،سەمىمىيەت ،
بۇتەلەپكە زىت خىيالنى ئوتقاتاشلاپ كۆيدۈرۈڭ.
رايىڭىزسىنچىلاپ باقسام ۋىسالدىن يوق ئۈمىد ،
سىزئۈچۈن مۈھەببىتىمنى خارلىمايمەن كەچۈرۈڭ!