سۆيگىنە گۈلۈم مىنىلا شۇنداق ،
سۆيگۈدىن يوقالسۇن جىمىكى توزاق.
كېچە ھەم كۈندۈز خىيالىم سەندە ،
سىنىلا سۈيىمەن ئەبەدى ئۇزاق .
ۋىسال گۈللىرى ئېچىلسا تىزراق ،
قەلىبتىن غولايتتى ھىجران ۋە پىراق.
نە ھىجران نە پىراق نەلەردە ئازاپ،
بىلمەيسەن گۈلۈم بىلمەيسەن بىراق.
ئازاپنىڭ ھەممىسى مىنىڭ قەلبىمدە،
ھىجران ۋە پىراق ئاڭا ھەمدەمدە .
ئې گۈلۈم سەزدىڭمۇ ئازابىمنى سەن،
توۋلۇدۇم ئىسمىڭنى ھەر-بىر قەدەمدە.
ئېيتقىنا گۈلۈم شۇندا بىر مىسرا ،
كۈرۈنەر ئالدىمدا تاغلار تىك-قىيا.
يازساڭ گەر سۆيگۈڭنى قىيا تاغلارغا،
تەسەددۇق پاك قېنىم سەن ئۈچۈن سىيا.