ئىچىم پۇشتى ئەجەپمۇ ، قىلدىغانغا ئىش يوقتەك. ھەممە ئىشلار بۇزۇلۇپ ، تۈزەلمىدى ھىچ پوقتەك. بۇ ئىشلارنى تۈزەشكە ، تېپىلمىدى ھىچ ئامال . تۈگىمەس غەم خياللار، قىلدى مىنى چىڭ قامال. قىممارۋازدەك بۇ ھالىم، ئۇتتۇرۋەتكەن تاۋكادا. تېپىلمىدى بىرەر دوست، مىنىڭ ھالىمنى تىڭشاغا. قانداق قىلاي مەن ئەمدى، پۇلۇممۇ يوق يېنىمدا . قەرىزدارمەن ھەم يەنە، ئاچچىق ھىسلار قېنىمدا . پۇل ئۈچۈن بەك قىينالدىم، بۇ يولدا كۆپ سىنالدىم . ياكى پۇلنى تاپالماي ، ئېغىر ئەلەمگە مەن قالدىم. تىرىشىپمۇ بەك ھاردىم ، كۈندە شۇ غەم چارچىدىم. يەنە نەۋاخ چىدايمەن ، ئۆز-ئۆزەمگە قاخشىدىم . ئانام مىنى ئەجەپمۇ ، تۇغۇپتىكەن بىتەلەي . ئەمدى دىسەم ئامال يوق، كۆرگۈلۈكنى مەن كۈرەي . پەقەت بولمىسا ساتارمەن ، ئەسلى-ۋەسلىمنى بارىمنى . ھايات بولساملا چالارمەن، شاد-خوراملىق سازىمنى . ئەجەپ قىلدىڭ ئەي دۇنيا، سىنى بىر كۈن تاپارمەن ، شۇ كۈنلۈرۈم كەلگەندە ، سىنى ھارۋامغا قاتارمەن. ئاچچىقىم بار ئىچىمدە ، لىكىن ھازىر دىمەيمەن. ئەگەر ۋاقتى كەلگەندە ، گۆش بەرسەڭمۇ يىمەيمەن. شۇ چاغ تىترەپ تۇرارسەن، خىزمىتىمگە تەييار بوپ . قايسى ئىشقا بۇيرىسام ، باش لىڭشىتىپ بېگىم خوپ. ئاغرىتمايمەن ئىچىمنى ، ئۆلسەڭمۇ گەر بۇغۇلۇپ . شۇندا پۇشمان قىلىسەن، قالدىم نىمىشقا تۇغۇلۇپ. كۈندە دەسسەپ چەيلەيمەن، ئاچچىق قىساسىمنى ئالىمەن. كۈلۈپ تۇرۇپ غادىيىپ ، ئۈستۈڭدە ئالچاڭلاپ ماڭىمەن. ساڭا شۇنداق ئۆچ بولدۇم، ئارزۇ قىلسام كەلمىدىڭ . ئەمدى مىنى كەچۈرگىن ، دېمە ھەرگىز قىينىدىڭ . مانا سىنى تېپىشچۈن ، ئاتلاندىم مەن كۈرەشكە. مىنىڭ سەنسىز كۈنلۈرۈم، ئاز قالدىغۇ تۈگەشكە . تۇتاي دىدىم ئاخىرى ، سىنى قوغلاپ كەينىڭدىن. يۇۋاش بولغىن بۇرادەر ، يانغىن ئەمدى پەيلىڭدىن.
مەنبە:قەلمىم ئىچىم پۇشۇپ ماندا-مانداقلا
|