ئوغۇل - قىزلاردىكى(ئەر -ئاياللار)پەرىقنى بىلەمسىز ؟
يىگىتلەر مەشۇقلىرىغا « سىز ھەقىقەتەن بەك ياخشى جۇمۇ»دېسە ، قىزلار ئاشىقلىرىغا «ئەسكى ، سىز ئەسكى »دەپ نازكەرەشمە قەلىشىدۇ .
ئەرلەر ھاراق ئىچىپ مەست بولغان پەيىتلەردە قايغۇ -ئازاپلىرىنى ئىسىگە ئالسا ، ئاياللار چۇشىدە قايغۇ - ھەسرەتلىرىنى چۈشەكەيدۇ .
ئەرلەر ئاياللارنىڭ « مەن سىزگە تەئەللۇق »دىيىشىنى ياقتۇرسا ، ئاياللار ئەرلەرنىڭ «مەن سىزنى سۆيىمەن»دىيىشىنى ئاڭلاشنى ياقتۇرىدۇ .
ئەرلەر قورقۇنچاق كەلسە بولۇمسىز تۇيغۇنى بىرىدۇ ؛ ئاياللار قورقۇنچاق كەلسە سۆيۇملۇك تۈيىلىدۇ ؛ئەرلەر كىچىك بالىلارغا ئوخشاپ قالغان پەيتلەردە تولىمۇ ھاياجانلىنىپ كىتىدۇ ؛ ئاياللار بولسا ئەركىلەپ شوخلۇق قىلىدۇ .
ئەرلەر يالغان سۆزلىگەن پەيتلەردە كەسكىن قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ ؛ ئاياللار بولسا كۆزىنى ئۇياق- بۇياققا ئەپقىچىپ ، قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىيالمايدۇ .
ئەرلەر ياش توكسە ھەمىشەم باشقىلارنىڭ قالايمىقان قىياس قىلىشىغا ئۇچرايدۇ ؛ ئاياللار كۆز يىشى ئارقىلىق ھەمىشە باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۇرەلەيدۇ .
ئەرلەر ھەمىشە تەنھالىقنىڭ ئازابىنى تارتسا ؛ ئاياللار ھەمىشە يىگانىلىق ، جىمغۇرلۇق تۇمانى باسىدۇ .
ئەرلەر تىجەشلىك بولسا باشقىلار ئۇنى پىخسىق ، كۆزى كىچىك دەپ مەسخىرە قىلىدۇ ؛ ئاياللار تىجەشلىك بولسا باشقىلار ئۇنى ئوي تۇتۇشقا ئۇستا دەپ ماختايدۇ .
ئەرلەر قاتتىق ئۇمۇتسىسلەنگەندە :«مەن ياشىشىم كىرەك» دەپ ئويلايدۇ؛ئاياللار بولسا «مەن ئەمدى قانداق قىلارمەن »دەپ ئويلايدۇ .
ئەرلەر قورقىسا كۆزىنىچەكچەيتىپ يوغان ئاچىدۇ ؛ئاياللار كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋالىدۇ .
ئەرلەر كەمسۆز بولسا باشقىلارغا ئۆزىنى تۇتىۋالغان ، مىجەزى ئىغىركەن دىگەن تۇيغىنى بېرىدۇ ؛ ئاياللار كەمسۆز بولسا مەغرۇر ، پوچىكەن دېگەن تەسىرنى بىرىدۇ .