غەملەرنى ئارقىغا تاشلىۋىتىشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ
دالى كارتېگ مۇنداق دىگەن : ھەر كۇنى ئەتىگەندە تۇرۇپ ، ئۆزىڭىز بىلىدىغان ناخشىغا غىڭشىڭ ، غىڭشىۋەرسىڭىز تۇرۇپلا ئۆزىڭىزنىڭ خۇشال بولىۋاتقىنىڭىزنى ، كەيپىياتىڭىزنىڭ كۆتۇرلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىسىز ، شۇنىڭ بىلەن ھىزنىڭ بىر كۇنىڭىز روھلۇق ، خۇشال - خورام ئۆتىدۇ .ئادەم ھاياتىدا ئۆز ئىرادىسىگە باقمىغان ھالدا ئۇنداق ياكى مۇنداق كۆڭۇلسىزلىكلەرگە ئۈچراپلا تۇرىدۇ . بىر قىسىملىرىنى سىز دەل ۋاختىدا ھەل قىلىپ كۆڭۇلسىزلىكنىڭ داۋاملىشىغا خاتىمە بېرەلەيسىز ، بەزىلىرىگە بولسا رىياللىق ئۆز قەنۇنىيىتى بىلەن ئالدىرىماي خۇلاسە چىقىرىدۇ ، بۇنىڭغا بەزى ئىنساننىڭمۇ قۇدرىتى يەتمەيدۇ . گەرچە بىز غەملىرىمىزنى كۆڭلىمىزدىكىدەك ھەل قىلىپ كىتەلمىسەكمۇ ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىرلا ئامالى بار ، ئۇ بولسىمۇ « جىسمىڭىزنى ئازاپلاۋاتقان بۇ غەم - دەرتلەرنى ئارقىڭىزغا تاشلىۋېتىش » . بىز كوڭولسىزلىككە دۇچ كەلگەندە ، بۇنىڭ ئاسارىتىدىن تاماقتىن قالىمىز ، چىرايىمىزنى ھىچكىمگە ئاچقۇمىز كەلمەيدۇ ، ئۆزىمىزگە مۇڭداش ئىزدەيمىز . ئەمما نىمىلا قىلساقمۇ بۇ قورساقنىڭ كۆپىكىگە ، ناھەقچىلىككە ، ۋە باشقا دەرتلىرىمىزگە داۋا تاپالمايمىز . كېچىدە كۆزىمىزگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ ، بۇنىڭ بىلەن كۇنلەر خامۇشلۇقتا ئۆتىدۇ . ئەمما تۇرمۇشنىڭ چاقى تىرىشچانلىق بىلەن ئالدىغا ئىلگىرلەيدۇ ، سىز ڭىزگە كىلەلمەي يۇرۇۋەرسىڭىز ،تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھەربىر ھالقىلىرىدىكى مەنپەتلىرىڭىز زىيانغا ئۇچرايدۇ . سىز شۇ چاغلاردا بۇ كۇنلەرنىڭمۇ ئۆتۇپ كىتىپ ، يەنە قۇياشنىڭ شەرىقتىن پارلاپ چىقىدىغانلىقنى ، يىڭى بىر كۈننىڭ سىزگە كۇلۇپ باقىدىغانلىقىنى ، سىزنىڭ نۇرغۇن دەرتلەرنى كۇتىۋالدىغانلىقىڭىزنى ، يەنە بۇنىمۇ ئۇزۇتالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلىشىڭىز كىرەك . بۇنىڭ ئۇچۇن سىز «ئەتە بىر گەپ بولا »دىگەننى ئويلاڭ ۋە قىنىپ ئۇخلاشنىڭ ئامالىنى قىلىڭ . ئۇزۇن مۇددەتلىك خامۇش يۇرۇش ، بىر قارارغا كىلەلمەسلىك ، دىلغۇل بولۇش ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز ، ۋاقىتنىمۇ ئىسراپ قىلىدۇ ، سىزنىڭ شۇ مەزگىلدىكى قىلىدىغان ئىشلىرىڭىزنىمۇ دەخلىگە ئۇچرىتىدۇ . شۇڭا ، ھەممە دەرتلىرىڭىزنى كەينىڭىزگە تاشلاپ ، ئالدىڭىزغا بىقىڭ .