ئەرلەر ۋە ئاياللار توغرىسىدا بىر كەلىمە سۆز <2>
چىرايلىق ئاياللارنى ئەڭ قاتتىق جازالاش ئۇسۇلى مۇنداق ؛ ئامالنىڭ بارىچە ئۇلارغا قارماسلىق ، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشماسلىق ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇش .
بىر چىرايلىق قىز سىزدىن يول سورىسا ، بۇ كۇتۇلمىگەن ياخشى ئىش . بىرەر باھانە بىلەن بۇ چىرايلىق قىز بىلەن ھەمسەپەر بولۇش تىخىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش .
ئىلگىرى كىشىلەر پەرزەنتىنى مۇھەببەتنىڭ ئۆسۇمى دەپ قارايتى . لىكىن ھازىر مۇھەببەتنىڭ بىجى دەپ قارايدىغان بولدى .
ئائىلىدە دەتالاش بولسا ، ھەتتا چاشقانمۇ قايسى تەرەپتە بولۇشۇشنى بىلەلمەيدۇ .
ئەگەر ئاياللار ئەرلەردىن قەيسەر دىسەك ، كىشىلەر بۇ ھەقتە بەس - مۇنازىرە قىلىشىدۇ ؛ ئەگەر ئاياللار ئەرلەردىن كۈچلۇك دىسەك ، كىشىلەر ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۇرشىدۇ .
ئەرلەر ياشتا چوڭايغانسىرى شوھرەت تىپىپ داڭق چىقىرىدۇ ؛ ئاياللار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ، ئاياللار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ، ئاۋال داڭق چىقىرىپ ئاندىن قېرىيدۇ .
ھاياتلىقتىكى ئۈچ قىيىن مەسلە : ئويلاش ، سىغىنىش ، ئاشۇقسىز مەشۇق ، مەشۇقسىز ئاشىقلىقتۇر .
ياش قىزلار مۇھەببەت لىرىكىسى يىزىش بىلەن ئۆز كوڭلىنى خوش قىلىدۇ ، ياش چوكانلار زاكا يۇيۇش بىلەن ئۆز كوڭلىنى خوش ئىتىشىدۇ .
بەخىتسىز ئەرلەر چىرايلىق ئاياللارغا قارايمەن دەپ سىمتاناپ تۇۋرىگىگە ئۇسسىۋالسا ، بەختلىك ئەرلەر سىمتاناپ تۇۋرىگىگە قارايمەن دەپ چىرايلىق ئاياللارغا سوقۇلۇپ كىتىدۇ .
ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان قىزلار يامان غەرەز بىلەن تىكىلگەن كۆزلەردىن قورقىدۇ ، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار يامان غەرەز بىلەن تىكىلگەن كۆزلەردىن مەنە ئىزدەيدۇ ، ياشانغان ئاياللار ئۆزىگە يامان غەرەز بىلەن تىكىلگەن كۆزلەرنى ئەسلەيدۇ .