ئەرلەر ۋە ئاياللار توغرىسىدا بىر كەلىمە سۆز <1>
ئاياللارنىڭ گەپ قىلالايدىغان ئۈچ ئاغزى بار ؛ ئۇنىڭ بىرى ، بۇرۇننىڭ ئاستىغا ؛ ئىككىسى قاشنىڭ ئاستىغا جايلاشقان .
يۇقىرى مائاشلىق ، تۇرالغۇ ئويى كەڭتاشا ، كىشىنىڭ كوڭلىنى چۇشىنىشقا ماھىر ئوتتۇرا ياش ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۇدەك توي قىلىپ بولغىنىدىن ياش قىزلارنىڭ كۆڭلى يىرىم بولىدۇ .
كائىنات ھەممىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ ؛ چىراي تۇرىقى تولىمۇ كىلىشكەن لاتاپەتلىك ئاياللار ھەمىشە نۇرغۇنلىغان پۇتلى كاشاڭلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ .
«گۈزەل » ئاتالغۇسى ھەمىشە ئاز سۆزى بىلەن باغلانغان بولىدۇ . مەسلەن ئالايلۇق ، ئەگەر بىر قىزنىڭ يۈزىدە بىر تال خال بولسا ئۇ ھالدا ئۇ قىز ناھايىتى چىرايلىق كورىنىدۇ ، ئەگەر بىرمۇنچە خال بولسا ئۇنىڭ لاتاپىتىگە نوقسان يەتكۇزىدۇ .
ئەرلەر جەميەتنى ئىلگىرى سۇرىدىغان پاراۋۇز ، ئاياللار بولسا پاراۋۇز شوپۇرلىرىدۇ .
مۇھەببەت بىر ئېغىز سىھىرلىك ئۆي . نۇ ئۆيگە كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ چېھرى نۇرلۇنۇپ كىتىدۇ . بۇ ئۆيدىن يىنىپ چىققانلارنىڭ ھىرىپ ھالى قالمايدۇ .
مۇھەببەت شۇنداق قۇدرەتكە ئىگكى ، مۇشۇكنى شاتلاندۇرۇپ پادىشاغا ،پادىشانى شادلاندۇرۇپ مۇشۇككە ئوخشىتىۋىتەلەيدۇ .
ئەرلەر بىرىنجى پارچە تەلەپ خىتىنى يازغان چىغىدا ، ئىسسىق قېنى پۇتۇن بەدەندە ئويناقلاپ ئاقىدۇ . ئىككىنجى تەلەپ خىتىنى يازغان ۋاختىدا سۆز -ئىبارىلەرنى ئىشتىياقى بىلەن تاللايدۇ . كىيىنكىلىرىنى يازغاندا بولسا قاپاققا قاراپ نوگاي سىزغاندەك تەقلىد قىلىپ بولىشىغا يىزىۋىرىدۇ .
كۆڭۇلدىكىدەك ئەر-خوتۇن مۇنداق ماسلاشقان بولىدۇ ؛ ئايالى ئۇچۇر خىزمەتچىسى بولسا ،ئىرى لوگىكىشۇناس كىلىدۇ . ئايالى باشقىلارنىڭ ئۆيىدە بولغان جىدەل-ماجرالارنى ئېرىغا ئىيتىپ بەرگىنىدە ، ئېرى بۇ جىدەل-ماجرالار ئۇستىدە لوگىكىلىق ئانالىز ئىلىپ بارىدۇ .
ئەگەر بىر ئائىلىدە دادىنىڭ قىزىقىشى بىلىق تۇتۇش بولسا ، ئايالىنىڭ ياقتۇرۇپ ئىتىدىغان تامىقى بېلىق قورۇمىلىرى بولسا ،پەرزەنتىلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان تامىقى بېلىق قورۇمىلىرى بولسا بۇنداق ئائىلىنى كەم -كۈتسىز ، مۇكەممەل ئائىلە دىيىشكە بولىدۇ .
غايىدىكىدەك ئايال مۇنداق ئىككى ھازىرلىغان بولىشى كېرەك ؛ بىرىنجىدىن ، سىرىتقا بىللە ئىلىپ چىققۇچىلىگى بولىشى ؛ ئىككىنجىدىن ، سىرىتتىن بىرگە ياندۇرۇپ كىرگۇچىلىگى بولىشى كىرەك .
ساپ مۇھەببەت مەۋجۇت ، ئۇ پەققەت ئىككى يات جىنىسلىقلار ئارىسىدىلا مەۋجۇت .