ئىسمى : Louis de Funès تۇغۇلغان ۋاقتى : 1914-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئوتتۇرا بۇرژازىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ياشلىق ۋاقىتلىرىدا ياغاچچى ۋە بوغالتىر قاتارلىق ئاددى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ ھەم قوشۇمچە ئۇششاق روللارنى ئالغان بولۇپ كېيىنكى ئورۇنداش ماھارىتى ۋە كومىدىيە ئاتىسى بولۇش ئۈچۈن ئاساس سالغان . 1945-يىلى ئېكراندا قوشۇمچە رولدا كۆرۈنۈشكە باشلىغان ، 1957-يىلىلا باش رولغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندىن باشلاپلا ، ھەرخىل ئوبرازدىكى ئوخشىمايدىغان روللارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىغان بولۇپ ، 60-يىللاردىن 80-يىللارغىچە كىشىلەر قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر پەيدا قىلىدىغان مەشھۇر شەخىسكە ئايلانغان بولۇپمۇ 1966-يىلى ئىشلەنگەن يولۋاس ئاغزىدىن قۇتۇلۇش دىگەن كومىدىيىلىك كىنو ئارقىلىق تىزلا تونۇلغان ھەم كومىدىيە تۈسىنى ئالغان ساقچىنىڭ ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن قىسىملىق كىنودا كۆزى كىچىك ،يوغانئېغىزلىق تاقىر باش ساقچى باشلىقى رولىنى ئېلىپ ياۋروپادا غۇلغۇلا قوزغاپ ، ئەنگىلىيەدىكى پۇرچاق ئەپەندىدىنمۇ يۇقىرى ھۆرمەتكە ئېرىشكەندىن باشقا يەنە شەرقلىق كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان 20-ئەسىردىكى كىنو پىشىۋاسىغا ئايلانغان . 1983-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى Loire-Atlantique دا يۈرەك كېسىلى بىلەن قازا قىلغان . تۆۋەندە مەرھۇمنىڭ بىرقانچە سۆرەتلىرىدىن ھۇزۇرلانغايسىلەر .



