ئابدۇراخمان جامىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى |
|
|
- نادانلار بايلىقنى قۇدرەت دەپ بىلەر.
- بېلىڭدە غەيرەت بولسا،غەيرەتنى ئۆزۈڭگە يار قىلغىن.
- مىۋىلىك دەرەخنىڭ مېۋىسىز شىخى ئوتۇندىن باشقىغا يارىمايدۇ.
- دۇنيادا كېتاپتىن ياخشى دوسىت يوق.
- ئاداۋەت تىغىنى كۆتۈرگەن ئادەم،ئاداۋەت تىغىدا ھالاق بولىدۇ.
- ماختاپ كۆككە كۆتۈرسەڭمۇ ،نادان ھامان ئۆز قەدرىنى بىلمەيدۇ.
- مال_دۇنيانى دەپ جاندىن ئايرىلماقلىق گغدەكلىك.
- ئۆزگىلەرگە ھەسەت قېلىش ئەقىلدىن ئەمەس.
- دوسىتلىقتا ۋاپانى بىلمىگەن دۈشمەنلىكتىن يانمايدۇ.
- دوسىتلارنىڭ ئەيىبىنى باشقىلارغا ئېيتىش ياخشى ئەمەس.
- تىلدىكى خاتالىقنى چىرايلىق كېيىملەر ياپالماس.
- ناداننىڭ تۆھمىتىدىن زىنداننىڭ ئازابى ياخشىراق.
- ئەقىلسىزنىڭ مەنزىلى پۇشايمان.
- _ پۇل،ھوقۇق،ئىمتىياز،ئىشرەت ئازغۇنلۇقى_ئېنسان خاراكتىرىدىكى ۋاپا،ساداقەت، مېھرىبانلىق سەمەرلىرىگە خېرىس قىلماقتا.
- مەنپەئەت تاماسىدا قىلىنغان ھۆرمەتتىن ئززۆۈڭنى قاچۇر،چۈنكى،ئۇ ساختىدۇر،تامالىق ھۆرمەت _ھۆرمەتنىڭ قاتىلىدۇر.
- پارە_پارە قاش تىشى بولىمەنكى،ھەرگىز پۈتۈن خىش بولمايمەن.
- ھايات ئېنسانلاردا بولۇر مۈھەببەت،مەجبۇرلانسا ئۇ قوزغىتار نەپرەت.
- ئارتۇقچە مېھرىبانلىق _چېدىغۇسىز ئازاپ كېلىدىغانلىغىنى بىل.
- زۇلۇم،دىن غەزەپ،خورلۇقتىن قەھرىمانلىق،تەڭسىزلىكتىن قارشىلىق تۇغۇلۇدۇ.
- يېسە نان ھەر كېشى قىلىپ مىھنەت،ھاتەمنىڭ شەپقىتىگە يوق ھاجەت.
- _«گۈلۈستان» دىن
|
|