قوشكىزەكلەر
پوۋىست
ئەزىز ئىمىر يانغىن
*** **** ******
__ئوغرى ! ئوغرىنى تۇتۇڭلار ! ئوغرى !
پىيادىلەر كوچىسىدا ئۇيان –بۇيان ئۈتۈشۈپ تۇرىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدىن بىرى تۇيۇقسىز ۋارقىرىدى . بىر خەنزۇ قىزچاق ئەتراپتىكىلەرگە غەلىتە قاراپ :
__ۋاي ، مىنىڭ پورتمىنىم ،-دەپ نالە قىلىپ كەتتى . بۇ چاغدا داڭقېتىپ تۇرۇپ قېلىشقان كىشىلەر جىددىيلىشىپ دەرھال يانچۇقلىرىنى تۇتۇشتى. پورتمىنىنى ئوغۇرلىتىپ قويغان ھېلىقى قىزمۇ شۇ تاپتا خۇددى بىر توپ ئوغرىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالغاندەك ، ئەتراپىدا تۇرغان ھەربىر ئادەمگە گۇمان بىلەن قارايتتى . نىمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ ، خۇددى ئوغرىنىڭ ئىچى ئاغرىپ پورتمىنىنى قايتۇرۇپ بىرىدىغاندەك ئەتراپىغا تەلمۈرەتتى .
- پورتمىنىڭىزدا قانچە پۇل بار ئىدى ؟ - دەپ سورىدى ئارىدىن بىر ياش ئۇيغۇر كىشى قىزغا ئىچى ئاغرىتىپ .
- ئىككى يۈز يۈەن ، يەنە بانكا كارتىسى ، سالاھىيەت كىنىشكەم ، بانكا كارتىسىدا ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان بەش مىڭ يۈەن پۇل بار ئىدى ... - ئۇنىڭ ئۈنى بارغانسىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى ، ئۇ ھېلىلا يىغلىۋىتىدىغاندەك ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى . ئەتراپتىكى بەزىلەرنىڭ قىزغا ئىچى ئاغرىپ ئوغرىنى نىمىنىدۇر تىللاپ قىزغا تەسەللىي بىرەتتى .ئۇ بولسا نىمە قىلارىنى بىلمەي قاققان قۇزۇقتەك قېتىپ تۇرۇپلا قالغانىدى .
ئادىلە پىيادىلەر كوچىسىدىن ئۈتۈپ ، مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ ئارقىسىدىكى ھاجەتخانىغا كىرىۋالدى . بەك تېز يۈگۈرگەنلىكتىن ھاسىراپ ، يۈرىكى سېلىپ ، پۈتۈن ئەزايى –بەدىنى چىلىق –چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەنىدى . ئۇ ھاجەتخانىغا كىرىپلا تامغا يۈلىنىپ بىردەم تۇرىۋالدى ، ئاندىن بايا كوچىدا ھېلىقى خەنزۇ قىزنىڭ يانچۇقىدىن ئوغۇرلىۋالغان پورتماننى تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئاۋايلاپ ئاچتى . ئىچىدىكى يۈز يۈەنلىك پۇلدىن ئىككىنى كۈرۈپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ ، ۋۇجۇدى يايراپ كەتتى . ئالمان –تالمان پورتماننىڭ ئىچىدىكى پۇلنى ئېلىۋىلىپ ، ھەممە يەرلىرىنى ئېچىپ تەكشۈرۈپ باققاندىن كىيىن ، ئۆزىگە لازىملىق باشقا نەرسىلەرنىڭ يوقلىقىنى ھىس قىلىپ ، ئىچىدىكى نەرسىلەر بىلەن قۇشۇپلا ھاجەتخانىغا تاشلىۋەتتى .
ئۇ ھاجەتخانىدىن چىققاندىن كىيىن ، ئۇدۇل يەنە پىيادىلەر كوچىسىغا يىتىپ كەلدى . بۈگۈن بازار بەكمۇ ئاۋات بۇلۇپ ، كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى .ئادىلە كۆڭلىدە يەنە بىرنەچچە ‹‹سودا ››نىڭ ئۇڭۇشلۇق پۈتۈپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ ، مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلگىنىچە ، ئەتراپتىكىلەرنى كۆزەتكىلى تۇردى . توساتتىن ئۇنىڭ كۆزى كوچىدا كىتىپ بارغان بىر ئوتتۇراياشلىق كىشىگە چۈشكەندە بولسا ، ئۈمىد نۇرلىرى پارقىراپ كەتتى .ئادىلە قەدەملىرىنى تېز –تېز ئېلىپ ئۇ كىشنىڭ يېنىغا ئەمدىلا كىلىشىگە كوچا ئاپتۇبۇسى كىلىپ قالدى . ئۇ كىشى كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ كەتتى، ئادىلەمۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇ كىشنىڭ ئارقىسىدىن ئاپتۇبۇسقا چىقتى . ئاپتۇبۇستا ئادەملەر شۇنداق نۇرغۇن ئىدىكى ، ھەتتا پۇت قويغۇدەك يەرمۇ تېپىلمايتتى . بايىقى كىشى ئىككى قۇلىدا سومكا –چامدانلىرىنى كۆتۈرۈپ ، باشقىلارغا سۇقۇلۇپ كىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئولتۇرغۇدەك ئۇرۇن ئىزلەپ ئاۋارە ئىدى . لىكىن ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇرۇن بوشىتىپ بەرگۈدەك ھېچكىم چىقمىدى. شۇ چاغدا ئادىلەمۇ بۇ قىستا –قىستاڭ كىشىلەر ئارىسىدا تۇرۇپ ،ئۇ كىشىنىڭ مەيدە يانچۇقىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيۋاتاتتى . ئۇ كىشىنىڭ ئىككىلا قۇلىدا نەرسە بارلىقىنى كۆرۈپ ئادىلە قەدىمىنى ئاران –ئاران يۆتكەپ ئۇنىڭ قېشىغا كىلىۋالدى . شۇتاپتا ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە دادىسىنىڭ ئەتىگەن دىگەن : ‹‹ ئەگەر بۈگۈنمۇ ۋەزىپەڭنى ئۇرۇندىيالماي قۇرۇق قول قايتىپ كىلىدىغان بولساڭ ، كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىمەن ! ›› دىگەن ۋارقىراشلىرى كەتمەيتتى . ئاپتۇبۇس تويۇقسىز قاتتىق تۇرمۇز قىلىنىپ ، بىر نەچچە كىشىلەر يىقىلىپ چۈشتى . ئادىلە بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئۇ ئادەمنىڭ يانچۇقىدىن پورتمانىنى سۇقۇۋالدى-دە ، ئۆزى ئادەملەر ئارىسىدىن قىستىلىپ ئۆتۈپ چىقىش ئىشىكىگە يېقىن بىر جايغا كىلىپ تۇرىۋالدى . ھېلىقى ئادەممۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قىستىلىپ كىلىپ ئۇنىڭ ئالدىدىكى يېڭىلا بوشىغان ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردى . ئادىلە ئۇنىڭ ئۆزىگە يېقىن كىلىۋالغانلىقىنى كۈرۈپ يۈرىكى دۈپۈلدەپ بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالدى .
شۇ ئارىدا ئاپتۇبۇس توختاپ بىر نەچچە ساقچىلار چىقىپ يۇلۇچىلارنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسىنى بىر –بىرلەپ تەكشۈرگىلى تۇردى . ھېلىقى ئادەم ساقچىلارنى كۈرۈپ ، قۇلىدىكى نەرسىلەرنى ئاستا يەرگە قويدى –دە ، ئادىلەگە قاراپ قويدى . ئادىلە دەرھال يەرگە قارىۋالدى . ھېلىقى ئادەم ئەتراپىغا قارىۋىتىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىدى :
-قىزىم ، سىز ئېلىۋالغان پورتماننىڭ ئىچىدە سالاھىيەت كىنىشكەم بار ئىدى ، سالاھىيەت كىنىشكەمنى ماڭا بىرىپ ، پورتماننى ئۆزىڭىز ئېلىپ قالسىڭىز .
ئادىلە ئاڭلىمىغانغا سېلىپ ئۆزلىرى تەرەپكە يېقىنلاپ كىلىۋاتقان ساقچىلارغا قاراپ قويدى . ھېلىقى ئادەم بايىقى سۆزلىرىنى يەنە بىر قېتىم سىلىق ئېيتتى . ئادىلە نىمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغانىدى . شۇ چاغدا بىر ساقچى ھېلىقى ئادەمگە گەپ قىلدى :
-سىزنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىڭىز ؟
-ھە ، قىزىمنىڭ يانچۇقىدا ئىدى ، قىزىم سالاھىيەت كىنىشكىنى بەرگىنە ،- ئۇ ئادىلەگە مىھىر بىلەن تىكىلدى . ‹‹قىزىم ››دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ئادىلە خىجىل بولغىنىدىن ئۆزىنى قۇيىدىغان يەر تاپالماي قالدى ۋە تىترىگەن قوللىرى بىلەن پورتماننى ئېلىپ ھېلىقى ئادەمگە بەردى . ئۇنىڭ كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ساقچى ئادىلەگە قارىۋىدى ، ئادىلە سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ تېخىمۇ ھۇدۇقۇپ كەتتى .
- قىزىمنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسى يۇتۇپ كىتىپ ، يېقىندا يېڭىدىن بىجىرگەن ئىدۇق ،تېخى چىقمىغان ئىدى ،- ھېلىقى ئادەم ئالدىراش –تىنەش چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى . ساقچىمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلماي ئۇلارنىڭ يېنىدىن كىتىپ قالدى .
ئادىلە ھېلىقى ئادەمگە قارىغىنىچە ئولتۇرۇپلا قالغانىدى ، ئۇنىڭ بىر نىمە دىگۈسى كىلەتتى ، لىكىن خىجىلچىلىقتا ئاغزىنى ئاچالمايتتى . نۇمۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى .
-ئىسمىڭىز نىمە ؟-سورىدى ھېلىقى ئادەم .
-ئادىلە ،-ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقتى .
-قارىسام ئۆزىڭىز شۇنداق چىرايلىق قىز ئىكەنسىز ، نىمە ئۈچۈن مۇنداق ئىشنى قىلىسىز ؟
-...
ئادىلە ئۈندىمىدى .
-يوقسۇزچىلىقتىن مۇشۇنداق قىلىۋاتقان گەپمۇ ؟
-ياق ، مەجبۇرىيى قىلىۋاتقان گەپ .
-كىم ئۇ سىزنى مۇشۇنداق سەت ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقان ؟
-دادام ،- ئادىلە شۇنداق دىدى –دە ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ھېلىقى ئادەمگە تىكىلدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى يۈرىكىدىكى ھەسرەت –نادامىتىنى ئىزھارلاپ تۇراتتى .
ئاپتۇبۇس بىر بىكەتكە كەلگەندە توختىدى ، ئادىلە ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا باشقىلارنىڭ كۆزىگە كۈرۈنمەسلىك ئۈچۈن ، سىرتقا قاراپ ئىتتىك ماڭدى .تۇساتتىن بىرىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ بايىقى ئادەمنى كۆردى . قۇلىدا يەنە سومكىلار ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ ئادىلە تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى .
-سىز نەگە بارىسىز ؟
-ھېچنەگە .
- قىزىم ،خاپا بولماي مۇشۇ نەرسە –كىرەكلىرىمنى ئۆيۈمگە ئاپىرىشىپ بەرگەن بولسىڭىز ، ئۆيۈم ئالدىمىزدىكى بىنادا ئىدى . ئادىلە رەت قىلىشقا ئامالسىز ، ئۈندىمەي نەرسە –كىرەكلەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى . ھېلىقى ئادەم ئادىلەنىڭ تىخىچىلا خىجىل بۇلۇپ تىترەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى .ھەم تېزلا ئۇنى خىجالەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى :
- ئىسمىم ئابلەت ، ئۆزۈم ساقچى ، ئايالىم تۈگەپ كەتكەن ، بىر نەچچە يىل بولدى پىنسىيەگە چىقىپ يالغۇز ياشاۋاتىمەن .
‹‹ساقچى ›› دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ئادىلەنىڭ يۈرىكى قارتتىدە سېلىپ كەتتى . ئۇ ئۈندىمەي ئۇ ئادەمنىڭ گېپىنى زەن سېلىپ ئاڭلىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى.
بايا دادامنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئاشۇنداق ئىشنى قىلىۋاتىمەن دىدىڭىز ، توۋا ، ئۆز قىزىنى شۇنداق ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان دادىمۇ بارمىدۇ ، بۇ جاھان نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ھە ،،،- ئۇ سۆزلەۋىتىپ تۇيۇقسىز توختىۋالدى . ئۇ ئادىلەنىڭ چىرايى باشقىچە بۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ قالغانىدى . ‹‹ ئۆز قىزىنى شۇنداق ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان دادىمۇ بارمىدۇ ››دىگەن گەپ ئادىلەنىڭ يۈرىكىگە تەككەن ئىدى ، كۆزلىرىدە ياش ئوينايتتى . ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىر پەس جىمجىتلىق قاپلىدى ، ئۇ ئادەممۇ ئادىلەنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ باشقا گەپ قىلمىدى .
قىزىم ، خاپا بولسىڭىزمۇ سىزگە بىر نەسىھەت قىلاي ، ياشلىق باھارىڭىزنى مۇنداق خاراپ قىلىۋەتمەڭ . گۈل دىگەن خۇدالىق يۇلىدا گۈزەل ، دادىڭىز سىزنى مۇنداقلا نابۇت قىلىۋەتمىسۇن ، ئۇنىڭغا ياخشى چۈشەندۈرۈڭ ، بۇ ئىشتىن قول ئۈزۈڭ ...
ئادىلە تېخىمۇ خىجىل بۇلۇپ ، باشقا گەپ قىلىشنى خالىمىدى ، ئىككىسى پاراڭ بىلەن بۇلۇپ ئۇ ئادەمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالغانلىقىنى سەزمەي قېلىشقانىدى . ئادىلە ئۇ ئادەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكى يىڭنە تىققاندەك ئېچىشىپ كەتتى . ئىككىلىسى ئاتا ، لىكىن ئارىدىكى پەرق نىمىدىگەن زور- ھە ! بىرى قىزغا تەربىيە قىلىپ ياخشى يولدا مېڭىشقا ئۈندەۋاتىدۇ ، يەنە بىرى ئۆز قىزىنىڭ يۇلىغا ماڭدامدا بىر تىكەن ئۈندۈرۈپ ، قىزىنىڭ بەختىنى نابۇت قىلىۋاتىدۇ ...مۇشۇلارنى ئويلىغاندا ئۇنىڭ دادىسىغا بولغان نەپرىتى قايناپ تاشتى . ئۇ ئادەم ئادىلەنىڭ قورۇنۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ :
-قىزىم ، قېنى ئۆيگە كىرىڭ ،-دېدى ئۇنىڭ قوللىرىدىكى نەرسە –كىرەكلەرنى ئالغاچ .
ئادىلە بىر پەس ئىككىلىنىشتىن كىيىن ئۇنىڭ كەينىدىن ئاستا ئەگىشىپ ، قورۇنۇش ، خىجىلچىلىق ئىچىدە ئۆيگە كىردى . ئادىلە ئۆيگە كىرىپ ئازادە ،ئېسىل سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆينى كۈرۈپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدى . ئۇنىڭ مۇنداق ئېسىل ئۆيگە ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم كىرىشى ئىدى. ئۇنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز باشقىچە سېلىشقا باشلىدى . ئۇ يەنە بىر قېتىم ئۆيگە سەپ –سېلىپ قارىدى ، ئۆزىنى خۇددى بىردەمنىڭ ئىچىدە قاپقاراڭغۇ بىر دۇنيادىن يۇپيۇرۇق دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلىشىقا باشلىدى . بۇ ئۇنىڭغا تامامەن ناتۇنۇش ئۆي بولسىمۇ ، لىكىن نىمىشقىدۇر بەكمۇ يېقىملىق تۇيۇلماقتا ئىدى .
تۇيۇقسىز ئادىلەنىڭ كۆزى تامغا چوڭايتىپ ئېسىپ قۇيۇلغان سۆرەتكە چۈشتى . سۆرەتتە بايىقى كىشى ، يېنىدا چىرايلىق بىر ئايال ، ئايالنىڭ قۇلىدا تۆت –بەش ياشلار چامىسىدىكى ئوماق بىر قىز تۇراتتى .
-سۈرەتتىكى مېنىڭ ئايالىم بىلەن قىزىم .
ئادىلە چۈچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ، ئۇ ئادەممۇ سۈرەتكە تىكىلىپ قاراپ قالغانىدى .
سىزنىڭ قىزىڭىز ؟ -ئادىلەنىڭ قىزغا بەكمۇ مەستلىكى كەلگەنىدى ، مۇشۇنداق باياشات ئائىلىدە ، مىھرىبان دادىسىنڭ كۈيۈنىشىدە ياشاۋاتقان نىمىدىگەن بەختلىك قىزھە .
شۇنداق ، مېنىڭ بىرتاللا قىزىم ئىدى ، ئىسمى مۇنىرە ئىدى . لىكىن ...
ئادىلە ئۇ كىشىنىڭ گىپىنىڭ تىگىگە يىتەلمەي كۆزىگە تىكىلدى ، ئۇ كىشى ئادىلەنىڭ مەڭدەپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۈرۈپ سۆزىنى داۋام ئەتتى :
- ئون بەش يىل بولدى ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم . ئۇنىڭ غېمى تا بۈگۈنگىچە يۈرىكىمنى ئازابلايدۇ ،- سۆزلەۋىتىپ ئۇنىڭ كۆزى لىققىدە ياشقا تولدى . ئادىلە ئۇنىڭ يۈرەك جاراھىتىنى قوزغاپ قويغانلىقىنى سىزىپ ئارتۇقچە سوئال سورىمىدى .
- سىز ،-دېدى ئۇ كىشى كۆزىنى بىر سۈرتىۋىتىپ ،- مەن سىزنى ئاپتۇبۇستا تۇنجى كۆرگەندە قانداق تۇيغۇغا كىلىپ قالغانلىقىمنى بىلەمسىز ؟ مەن خۇددى ئۆز قىزىمنى كۆرگەندەك بۇلۇپ قالغان .
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئادىلە ئۈنچىقماي ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى . ئۇ كىشى ئادىلەنىڭ ئۈندىمىگەنلىكىنى كۈرۈپ :
ۋۇي ، سىزنى ئولتۇرۇڭ دىمەپتىمەنغۇ ، قېنى ئولتۇرۇڭ .
بولدى ، رەھمەت تاغا ... مەن ئۆيگە قايتايمىكىن ...
مەيلى ئەمىسە ، سىزنى تۇتىۋالماي ، - ئۇ كىشى شۇنداق دىگەچ يېنىدىن 100 يۈەنلىك پۇلدىن ئىككىنى چىقىرىپ ئادىلە تەڭلىۋىدى ، ئادىلەنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى .
- بۈگۈن ،-دېدى ئۇ ،- مەن سىزنىڭ قىزىڭىز سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم مىھرىبانلىقىڭىزغا مۇيەسسەر بولغانىدىم . بۇ پۇلنى بەرسىڭىز مەن شۇ مىھىردىن مەھرۇم بۇلۇپ قالماسمەنمۇ؟
ئادىلەنىڭ سۆزلىرى ئۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرۋەتتى ، ئۇ پۇلنى ئۆز يانچۇقىغا سېلىپ قويدى . ئادىلە بېشىنى كۆتۈرمەي ، بۇرۇلۇپ ئىشىكتىن چىقىپ ماڭاي دەپ تۇرىشىغا ، ئۇكىشى ئۇنىڭغا :
قىزىم ، ئۆينى بىلىۋالغاندىن كىيىن قانداق قىيىنچلىق تارتسىڭىز مىنى ئىزدەپ كىلىڭ ،- دېدى .
ئادىلە بېشىنى يىنىك لىڭىشتتى .
ئەمىسە ئامان بۇلۇڭ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ
رەھمەت ، ئۆزىڭىزمۇ شۇنداق ،- ئۇ ئەلەم بىلەن شۇنداق دىدى –دە ، كۆز ياشلىرىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن يۈزىنى ئەتكىنىچە خوشلىشىپ بۇرۇلۇپلا يۈگۈردى . ئۇ كىشى ئۇنىڭ كەينىدىن توۋلىدى ، لىكىن ئۇ كەينىگە قاراپمۇ قويمىدى . ئۇ كىشى شۇنداق بىر پاك قىزنىڭ جىنايەت پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقىغا قاراپ ئىچىدە قاتتىق ئازابلانماقتا ئىدى .
*** **** ******
ئۇيان ئۆرۈلۈپ ،بۇيان ئۆرۈلۈپ زادىلا ئۇخلىيالمىغان نەرگىزە ئاخىرى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . كىيىم -كىچەكلىرىنى چالا -بۇلا كىيىپ سىرتقا چىقتى.
كۈن تەڭ بۇلاي دەپ قالغانىدى ،ئاسماندا سانسىزلىغان يۇلتۇزلار يېقىملىق جىمىرلىشىپ تۇراتتى . مەيىن شامال نەرگىزەنىڭ يۈزىنى يۇمشاققىنە سىيپاپ ئۆتەتتى .
نەرگىزەنىڭ كۆڭلىنى ئاللىقانداقتۇر خۇشاللىق ھېسلىرى چىرمىۋالدى . كەنت ئىچى گويا دېڭىز ئاستىغا چۈكۈپ كەتكەندەك شۇنداق جىمجىت ، شۇنداق سۈرلۈك ئىدى . بۇ سۈرلۈك جىمجىتلىقنى پەقەت كەنتنىڭ ئوتتۇرسىدىن شىرىلداپ ئېقىپ ئۆتكەن ئېقىننىڭ ساداسى ، سەگەك ئىتلارنىڭ ئارلاپ -ئارلاپ ھاۋشىغان ئاۋازلىرى بۇزۇپ تۇراتتى . ھەممە ئۆيلەردە چىراغلار ئۆچكەن ،ھەممە شېرىن ئۇيقۇغا غەرق بولغان .پەقەت نەرگىزەلا بۇ خىل جىمجىتلىقتىن مۇستەسنا ئىدى . شۇ تاپتا ئۇ بۇ خىل قاراڭغۇلىقتىن بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتقان كىشدەك ئەتراپقا توختىماي نەزەر سالاتتى . شاماللارنىڭ دىماققا ئۇرۇلىشىدىن شىرىن ئەللەيلىنەتتى .
نەرگىزەدە شائىرلارنىڭ نەپىس غەزەللىرىدەك شۇنداق بىر شېئىرىي گۈزەللىك بار ئىدىكى ، ئۇ گويا سەھەر ئاسمىنىدىن ئاستا -ئاستا يۈتۈۋاتقان كەچكى شەپەقنى يۇرۇتماقچى بولغان كۈچلۈك نۇر دەستىسىگە ئوخشايتتى .
قار لەيلىسىدەك، ئاپئاق بۇلۇتتەك يۇمشاق ،كەڭ ئېتەكلىك ،نىپىز يىپەك كۆينىكى ئۇنىڭ مەرمەردەك سۈزۈك ، تولغان پۇتلىرىنى شاماللارنىڭ ئۇرىشى بىلەن سۆيۈپ ئەركىلەتمەكتە ئىدى .
قوڭۇر رەڭلىك ،دېڭىز دولقۇنلىرىدەك كۆپكەن بۈدرە چاچلىرى يەلكىسىنى ياپقان ، قىياقتەك ئىنچكە قاشلىرى ئاستىدىكى قاپقارا ئوتلۇق كۆزلىرىدە ، جىنەستىدەك قىزىل لەۋلىرىدە ، تاڭ شەپىقىدەك مەڭزىدە چەكسىز ئوماقلىق ، مەڭگۈلۈك بەخت ، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە تەبەسسۇملۇق كۈلكە ئەكس ئىتىپ تۇراتتى .
__ شۈكرى خۇدايىم ، كىشىنىڭ ئارزۇ -ئارمىنىغا يەتمىكى دېڭىز ئاستىدىن ئۈنچە -مەرۋايىت سۈزۈۋالماقتىنمۇ تەس دەيدىكەن ،__ دېدى نەرگىزە ئۆز -ئۆزىگە ،__ جاپالىق تىرىشىشلىرىمنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىندىم . ئارزۇ دىگەن خەتەرلىك چوققا بولسىمۇ ،سەۋرى قىلغان ، تىرىشقان ، قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بەرگەن ئادەم چۇقۇم چىقالايدىكەن . ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىمەن . ئۆزەمنىڭ كەلگۈسى بەختىم ئۈچۈن بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ بوشقا ئۆتكۈزمەيمەن . دادامنىڭ، مەرھۇم ئانامنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى چۇقۇم ئاقلايمەن ...
شۇ دەقىقىدە نەرگىزەنىڭ دادىسى نۇرلان ئاكىمۇ ئويغاق ئىدى . ئۇ ئارزۇلۇق ، يالغۇز قىزىنىڭ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغىنىغا بىر تەرەپتىن خۇشال بولسىمۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭلى يېرىم ئىدى . نۇرلان ئاكا مۇشۇ كەنىتتە خېلى داڭقى بار ئۇستا سەيپۇڭ ئىدى . بەزىدە شەھەرلەردىنمۇ خېرىدارلار چىقىپ نۇرلان ئاكىغا كىيىم تىككۈزەتتى . ئايالى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن قايتا تۇرمۇشلۇق بولغان . لىكىن نەرگىزە ئون ياشقا كىرگەندە ئىككىنچى ئايالىمۇ كىسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنىدى . شۇندىن كىيىن نۇرلان ئاكىنى شور پىشانە دەپ باشقا ئاياللار ياتلىق بۇلۇشنى رەت قىلغانىدى . نەرگىزەگە ھەم دادا ھەم ئانا بۇلۇپ مۇشۇنچىلىك قىلغىچە ئۆزىنىڭ قانچىلىك جاپالارنى چەككىنى بىر ئۆزى بىلىدۇ ...
نەرگىزە ئەتە يولغا چىقىدۇ ، بۇ كەنتتىن ئايرىلىپ ئۆزىگە تامامەن ناتۇنۇش بولغان شەھەردە ياشايدۇ . نۇرلان ئاكا ئۆزىنىڭ يەنە يالغۇز قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۇزاققىچە جىمىپ كەتتى . ئۇنىڭ شالاڭ ساقىلى تىترەپ ، كۆزلىرىدە پەرىشان ئۇچقۇنلار پىلدىرلىدى .
نۇرلان ئاكا كېچىچە كىرپىك قاقماي تاڭنى ئاتقۇزدى . ئۇ قىزى نەرگىزە بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئېغىر كۈنلەرنى ئەسلىگەنسىرى كۆزلىرى نەملىنەتتى . نەرگىزە نەقەدەر ئوماق قىز بولغان ھە ؟ ئۇ گويا قىر -دالىلاردا ئەركىن باھار شامىلى بىلەن يەلپۈنۈپ تۇرغان چىغىرتماق گۈلدەك نەپىس ۋە نازاكەتلىك ئىدى . قاپ -قارا كۆزلىرى بۇلاقتەك ئويناپ ،ئىككى مەڭزىدىن تاڭ شەپىقىدەك قىزىل نۇر يېغىپ تۇراتتى . ئۇششاق ئۆرۈلگەن بوستان چاچلىرى مەجنۇنتالدەك كىچىككىنە يەلكىسىنى ياپاتتى .
نۇرلان ئاكىنىڭ يۈرىكى ئاشۇ قىزى بىلەن شاد - خۇراملىققا تولاتتى . بىر كۈنلۈك ئىشىنى تۈگىتىپ ئېغىر قەدەملىرىنى بېسىپ ئۆيگە كەلگىنىدە ، نەرگىزەنىڭ <<دا دا >> دىگەن بۇلبۇلنىڭكىدەك ئوماق ئاۋازىنى ئاڭلىسا بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقى ۋۇجۇدىدىن تۇماندەك تارقىلىپ كىتەتتى . نۇرلان ئاكا ئۆزىنى بۇ دۇنيادا پەقەت نەرگىزە ۋە ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن ياشاۋاتقاندەك ھىس قىلاتتى .
__ سەن ئانىسىز چوڭ بولدۇڭ ، قىزىم __ دېدى نۇرلان ئاكا ئەتىگەنلىك چايدىن كىيىن نەرگىزەنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ . ئۇنىڭ چىرايىدىن مۇڭ ، مەيۈسلۈك ، قىزىغا چىدالماسلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى .
__ ئەمدى مەندىن ، يۇرتتىن ئايرىلىپ ناتۇنۇش جايغا مېڭىۋاتىسەن . مېنىڭ ئۈمىدىمنى ئاقلاپ ،ئالىي ،مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغىنىڭدىن بەك خوش بولدۇم قىزىم ، ،سەندىن ئۆمۈرۋايەت رازىمەن ، مەيلى قەيەردە بولما ، مېنى ئۇنتۇپ قالمىغىن .ھەرۋاقىت ئۆزەڭنى چىڭ تۇت ، دوستلىرىڭغا ئالدىراپ ئىشەنمە . قىيىنچىلىق تارتىپ ،قىسىلىپ قالساڭ ماڭا تېلفۇن قىلغىن ...
___ ماقۇل دادا ...ماقۇل ! چۇقۇم سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك ياخشى ئوقۇيمەن . سۆزلىرىڭىزنى ھەرۋاقىت ئىسىمدە چىڭ تۇتىمەن .
نەرگىزە يىغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى زورىغا بېسىپ تۇرسىمۇ ،ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلۈشكە باشلىدى . ئۇ ئۆزىنى دادىسىنىڭ قۇچىقىغا ئېتىپ ، بۇغۇلۇپ - بۇغۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى . يۈرەكلەر ئايرىلىشقا چىداشلىق بىرەلمەيۋاتاتتى ، ئۆي ئىچىنى بارغانسىرى سۈر بېسىپ كىتىپ باراتتى .
نەرگىزە كىتىپ قالدى ، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، كەلگۈسى بەختى ئۈچۈن قۇتلۇق سەپەرگە ئاتلاندى .
نۇرلان ئاكا نەرگىزەنى ئۇزىتىپ قۇيۇپ ، دۇكانغا چىقمىدى ، ئۆيدىمۇ ئولتۇرمىدى . ئۇدۇل قەبرىستانلىققا باردى . ئۇ ياشلىق كۆزلىرىنى قەبرىلەرگە تىككەندە ،ھېچنىمىنى ئىلغا قىلالمىدى. بىر ھازا ئۆتكەندىن كىيىن ئەتراپىغا سىنچىلاپ قاراپ ، يېنىغا سۆگەت شېغى سانجىپ قويغان ، شاخقا ئاق رەڭلىك لاتا چىگىلگەن قەبرىنىڭ يېنىغا كەلدى . بۇ نەرگىزەنىڭ ئانىسىنىڭ قەبرىسى ئىدى . ئۇ قەبرىنىڭ يېنىغا چۈكۈپ ، ئىچىدە پىچىرلاپ ئايەت ئوقۇدى . ئۇزاق دۇئا قىلغاندىن كىيىن ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ،ئاسمانغا قارىدى :
__ ئەي خۇدا ، قىزىمنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن ، مۈشكۈلىنى ئاسان قىلغايسەن ...
ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش تامچىسى قېتىپ قالغانىدى . ئۇ بىردىنلا قەبرىنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى .
__ جېنىم پاتەمخان ، ياتقان يېرىڭلا جەننەتتە بولسۇن ! شۇ تاپتا ھەممىنى كۈرۈپ تۇرىۋاتامدىغانسىلە ؟ مانا قىزىمىز ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغ سەپەرگە ئاتلاندى . ئەگەر سىلە ھايات بولغان بولساڭلا قانچىلىك خۇشال بولغان بۇلاتتىڭلار ! مېنى كەچۈرۈڭلار ، مەندەك ئازغۇننى كەچۈرۈڭلار ، مەن گۇناھ پاتقىقىغا پاتقان چوڭ جىنايەتچىمەن . روھىمنى ئىس -تۈتەك قاپلىغان گۇناھكار بەندەدۇرمەن . يەنە بىر قىزىمىزمۇ بولغان بولسا قانچىلىك بەخىتلىك بۇلار ئىدىم ، شۇ بىچارە قىزىم نىمە كۈنلەرنى كۆرۈپ يۈرگەندۇ ؟ مەندەك گۇناھكار دادىسىدىن نەپرەتلىنەرمۇ ؟ ....ئاھ خۇدا ، قىزلىرىمغا ئاسايىشلىق ، ئۇلارنىڭ دىلىغا ھەرۋاقىت ئىنساپ ئاتا قىلغايسەن ...
نەرگىزەنىڭ ئارمىنى رىئاللىققا ئايلاندى ، ئۇ بېيجىڭ تىل ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ نىمىس تىلى فاكۇلتىتىغا قۇبۇل قىلىنغان ئىدى . ئۇ ھەقىقەتەن ھاياجانغا چۆمگەنىدى . بىراق ، ئۇنىڭ خىيالىدىن ھامان يىراقتىكى دولان يۇرتى ، يالغۇز دادىسى كەتمەيتتى . ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا ماكانىدىن ئايرىلىپ بۇ قاينام -تاشقىنلىق پايتەخت شەھەر بېيجىڭغا يىتىپ كەلدى . پويىزدىن چۈشۈشى بىلەن شەھەر قۇرلۇشىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىش ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ئالا -چەكمەن قىلىۋەتتى . ئۇ ئۆز ھاياجېنىنى باسالماي قالدى ، چەكسىز خۇشاللىققا تولدى . ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تولا ئاڭلايدىغان ، تېلىۋىزوردىن كۈرۈپ ھەۋەسلىنىپ كېتىدىغان شەھەرگىمۇ يىتىپ كەلدى ...
نەرگىزە يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ باشلىشى بىلەن ئۆزى ئوقۇيدىغان بېيجىڭ تىل ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا پەيدا بولدى . ئۇنىڭ قانلىرى قىزىۋاتاتتى ، يۈرىكى ھېلىلا ئاغزىغا تىقىلىپ قالىدىغاندەك گۈپۈلدەك سالماقتا ئىدى .ئاھ ، كىلىشنى كىچە - كۈندۈز ئارزۇ قىلىدىغان سۈيۈملۈك مەكتەپ ، مېنىڭ گۈزەل كەلگۈسىمنىڭ باشلانمىسى بولغان مىھرى ئىللىق ماكان ، مەن كەلدىم .
نەرگىزە ئۆزىنى شۇنچىلىك بېسىۋىلىپ قۇلىدىكى ئوقۇتقۇچىسى بەرگەن كىچىك خەرىتىگە قاراپ ، كۇتۇپخانا ئالدىدىكى تار يول بىلەن قىزلار ياتاق بىناسىغا قاراپ ماڭدى . كۆركەم سېلىنغان بىنالار ، كۆزىنى قاماشتۇرۇپ تۇرىدىغان چىرايلىق لۇزىنكىلار ، ئاسفالىتلانغان يوللار ، يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ياپيېشىلچىلىق ۋە ئاجايىپ چىرايلىق گۈللۈك . تۆت قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كەينىدىكى يانلىرى ، ئاستى سېمۇنتلانغان كىچىك كۆل ،يۆلەنچۈكلۈك ئۇرۇندۇقلار ...نەرگىزە ھەممە نەرسىگە تويماي قارايتتى . ئۆزىنى چۈش كۈرىۋاتقاندەك ، ھېلىلا چۈشىدىن ئويغانسا ھەممە نەرسە يوقاپ كىتىدىغاندەك سەزمەكتە ئىدى ...
*** **** ******
يېڭىدىن بۇ رايۇنغا يۆتكىلىپ كەلگەن ساقچى باشلىقى ئادىل چۈشلۈك دەم ئېلىشتىن كىيىن ، ئىشخانىغا ئەمدى كىرىپ تۇرىشغا ، سىرتتىن ۋارقىراشقان ئاۋاز ئاڭلاندى ، ئادىل سىرتقا چىقىۋىدى ، بىر ئادەم ئامانلىق قوغدىغۇچى ساقچى بىلەن ھەدەپ تاكاللىشىۋاتاتتى .ئادىل ئامانلىق قوغدىغۇچى ساقچىغا قاراپ توۋلىدى :
- ياقۇپچان ، نىمە ئىش بولدى ؟
-بۇ ئادەم بىرى پورتمانىمنى ئوغۇرلىۋالدى دەپ كىرىپتۇ ...
ئۇ ئادەم ئۇدۇل ئادىلنىڭ قېشىغا كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىككى قوللاپ كۈرۈشتى ھەمدە :
- يېرىم سائەت ئالدىدا كىنو كۈرۈپ كۈرۈپ ،قايتىپ چىقىشىمدا پورتمانىمنى ئوغۇرلىتىپ قويدۇم .
- قايسى كىنوخانىدا ؟
- مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى كىنوخانىدا ...
- نىمە كىنو كۆرگەن ؟
- ھىندىستاننىڭ ‹‹ئۇچقۇر ئوغرى ››دىگەن كىنوسىنى ...
كىنونىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئادىل ئۇ ئادەمگە سىنچى كۆزلىرى بىلەن تىكىلدى .ياقۇپچان كۈلۈۋىتىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ تۇراتتى .
-پورتماننىڭ ئىچىدە نىمىلەر بار ئىدى ؟ ــ ئادىل ئەستايىدىللىق بىلەن سورىدى .
- مىڭ يۈەن نەق پۇل ، يەنە سالاھىيەت كىنىشكەم ، بانكا كارتام ...قاتارلىق نەرسىلەر بار ئىدى .
- ئېم ... مۇنداق دەڭ ،ـ ئادىل شۇنداق دەپ قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ قويدى ھەم ياقۇپجانغا قاراپ :
- ياقۇپجان ، سىز بۇ كىشىنىڭ پۇل يۈتتۈرگەنلىكىنى خاتىرلەپ قۇيۇڭ .
ياقۇپجان دەرھال دەپتەر –قەلەم ئېلىپ خاتىرلەشكە باشلىدى ، ئادىل ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . ئۇ ئەمدى تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ چىكەي دەپ تۇرىشى بىلەن ئىشىك يىنىك چىكىلدى .
- كىرىڭ .
ئىشىك ئېچىلىپ چىرايىدىن ياشلىقنىڭ جۇشقۇنلۇقى ئۇرغۇپ تۇرغان ، ئۆزى چىرايلىق ، گۈزەل بىر قىز كىرىپ كەلدى . بۇ ئادىلە ئىدى . ئادىل ئىختىيارسىز مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى ، ئادىلە ئەتراپىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كىيىن ، ئادىلنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى . ئۇ بۇ ساقچى باشلىقىنىڭ يېڭى كەلگەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغانىدى .
- قىزچاق ، نىمە ئىشىڭىز بار ئىدى ؟ ــ ئادىل ئۇ قىزغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كىيىن سورىدى.
ـ مىنىڭ ئىسمىم ، قىزچاق ئەمەس ، ئادىلە ،- ئۇ شوخلۇق بىلەن شۇنداق دىگىنىچە ئادىلغا قاراپ مۇلايىمغىنە بىرنى جىلمايدى .
-راست، راست ، بۇنى مەن بىلىمەن ، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ؟
- مەن بىر نەرسىنى تاپشۇرۇپ بەرگىلى كەلگەنىدىم ...
- نىمە نەرسىنى ؟
- يولدا كىتىۋىتىپ تۇيۇقسىز بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ كەتكىلى تاس قالدىم . ئېڭىشىپ قارىسام پۇتلاشقىنىم باشقا بىر نەرسە ئەمەس ماۋۇ پورتمان ئىكەن ...ـ ئادىلە شۇنداق دەپ يېنىدىن بىر پورتماننى ئېلىپ ئادىلنىڭ ئۈستەل ئۈستىگە قويدى ، ــ ئىچىنى ئېچىپ قارىسام خېلى جىق پۇل بار ئىكەن ، مەن شۇ يەردە كىمنىڭ دەپ ۋارقىرىسام چۇقۇم ئىگىسى جىق چىقىپ كىتىشى مۇمكىن ئىدى ، شۇڭا ئۇدۇللا مۇشۇ يەرگە ئەكەلدىم .
باياتىن بېرى ئامانلىق قوغدىغۇچى ساقچى ياقۇپجاننىڭ يېزىۋاتقان نەرسىسىگە قاراپ تۇرىۋاتقان كىشى پورتماننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تېزلا ئادىلەنىڭ قېشىغا كىلىپ پورتماننى ئېلىش ئۈچۈن قۇلىنى سۇنىۋىدى ، ساقچى باشلىقى ئادىل چاققانلىق بىلەن پورتماننى قۇلىغا ئېلىۋالدى . ھەمدە ئۇ كىشىدىن سورىدى :
- بۇ پورتماننى مېنىڭ دىيىشىكە نىمە ئاساسىڭىز بار ؟
-باشلىق بۇ پورتمان راستنلا مېنىڭ ، ئىشەنمىسىڭىز ئىچىنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ . ئىچىدە مىڭ يۈەن نەق پۇل ، يەنە سالاھىيەت كىنىشكەم ، بانكا كارتام قاتارلىقلار بار . ئىسمىم ئابدۇل ، سالاھىيەت كىنىشكىسىدىكى ئىسىمغا قارىسىڭىز بۇلىدۇ .
ئادىل ئادىلەگە لەپپىدە بىرنى قاراپ قويغاندىن كىيىن پورتماننى ئېچىپ ئىچىدىكى پۇلنى ساناشقا باشلىدى، دەرۋەقە پورتماننىڭ ئىچىدىكى پۇل ئۇ كىشىنىڭ دىگىنى بىلەن ئوخشاش، سالاھىيەت كىنىشكىسىدىكى ئىسىممۇ ئابدۇل ئىدى . ئادىل پورتماننىڭ ھەقىقەتەن شۇ كىشىنىڭ ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغاندىن كىيىن ،پورتماننى ئۇ كىشىگە بەردى .
- بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىڭ ، بۈگۈن تەلىيىڭىز بار ئىكەن . ئەگەر پورتمان باشقا كىشىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ كەتكەن بولسا قايتۇرۇپ كىلىش تەس ئىدى . تەلىيىڭىزگە بۇ ئۆزىمۇ ، قەلبىمۇ گۈزەل قىزغا ئۇچرىغىنى ياخشى بوپتۇ .
ئۇ كىشى پورتمالىنىڭ تېپىلغىنىدىن خۇشال بۇلۇپ ، ئۆزىنى قۇيىدىغان جاي تاپالماي ئادىلغا ئارقا -ئارقىدىن رەھمەت ئېيتىپ كىتىۋىدى ، ئادىل رەھمەت ئېيتىشقا تىگىشلىك كىشىنىڭ ئادىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويدى .
- رەھمەت سىزگە ، شۇ تاپتا سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيۋاتىمەن ، سىزگە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت . خۇدايىم ئىشلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئاسان ، خىزمىتىڭىزنى ئۇتۇقلۇق ، تېنىڭىزگە سالامەتلىك ئاتا قىلغاي ،_ ئۇ كىشى شۇنداق دەپ ئادىلەگەمىننەتدارلىق بىلدۈرگەچ ، پورتماننىڭ ئىچىدىن يۈز يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقاردى -دە ، ئادىلەگە سۇندى .
- بۇ .. بۇ نىمە قىلغىنىڭىز ،- دېدى ئادىلە نىمە قىلارىنى بىلمەي ، شۇتاپتا ئۇنىڭ ئۇ كىشى ئۇزاتقان پۇلنى ئالغۇسى كىلىۋاتاتتى . لىكىن ئۆزىنى تۇتىۋالدى ،ھەم ئۇ كىشىگە قاراپ ئىللىق تەبەسسۇم قىلدى .
- رەھمەت سىزگە . جەمئىيەت قانچە تېز تەرەققى قىلغانسىرى ، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ شۇنچە مۇرەككەپ بۇلىدۇ . لىكىن مەن ئىشىنىمەن ، ئەگەر پورتمانىڭىزنى باشقا كىشى تېپىۋالغان بولسىمۇ سىزگە قايتۇرۇپ بىرەتتى ، جەمئىيتىمىزدە يەنە نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل كىشىلەر بار . _ ئادىلە سۆزلەپ بۇلۇپ بۇنداق گەپلەرنىڭ قانداق ئاغزىدىن چىققانلىقىغا ھەيران قالدى ، دەرۋەقە ساقچى باشلىقى ئادىلمۇ ئادىلەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى ، ھەم ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدى ، ئادىلە ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ گۈزەل كۈرۈنۈپ كەتتى .
-ئەمىسە مەن كەتتىم ،_ دېدى ئادىلە ئادىلغا قاراپ قۇيۇپ .
- رەھمەت سىزگە ، بۈگۈن ناھايىتى ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلدىڭىز ، سىزدەك ئالىيجاناپ قىزلار قانچە جىق بولغان بولسا شۇنچە ياخشى بۇلاتتى . ئەگەر خالىسىڭىز تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى يېزىۋالسام بۇلامدۇ ؟ كىيىن ساقچىخانىدىن سىزنى ئىزدەپ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ،_ ئادىل قەستەن سوراۋاتتى ، ئۇ كۆڭلىدە بۇ گۈزەل ، ئالىيجاناپ قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىۋاتاتتى .
- رەھمەت ، مەن ئادەتتە تېلفۇن ئىشلەتمەيمەن . نىمىشقا دىسىڭىز تېلفۇنىڭىز بولمىسا سىزنى ئاۋارە قىلىپ تۇرىدىغان ئىشلاردىن بىردەملىك بولسىمۇ قۇتۇلۇپ ،ئەركىن ياشايسىز ئەمەسمۇ ؟!
ئادىلەنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان بۇ گىپى ئادىلغا بەك ئېسىل ئاڭلىنىپ كىتىپ باراتتى ، كۆڭلىدە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئېشىپ ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇشقا تېخىمۇ قىزىقىپ كىتىپ بېرىۋاتاتتى .
-خالىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ نۇمۇرىنى ماڭا يېزىپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ . مەن سىز ياردەم قىلىدىغان ئىش چىققاندا چۇقۇم سىزنى ئىزدەپ تېلفۇن قىلىمەن .
ئادىل بۇ گەپتىن بەكمۇ خۇشال بۇلۇپ كەتتى ھەم ئالدىراپ بىر قەغەزگە ئۆزىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى يوغان قىلىپ يېزىپ بەردى ھەم ئادىلەنىڭ قۇلىغا ئىككى قوللاپ ئۇزاتتى .
ئادىلە كۈلۈمسىرگىنىچە ھەممەيلەن بىلەن خوشلىشىپ يەڭگىل قەدەم تاشلاپ ساقچىخانىدىن چىقىپ كەتتى . ئادىل كۆزلىرىنى ئادىلەدىن ئۈزەلمەيۋاتاتتى ، ئادىلەنىڭ بۈگۈنكى سەمىمىيلىكى ھەم گۈزەللىكى ئادىلنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغانىدى . ئادىلەنىڭ قىياسەن ھالدا بىرەر داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، بىرەر ئېسىل ئۇرۇندا خىزمەت قىلىۋاتقان قىزمىكىن دەپ ئويلىدى ....
ئادىلە يول بۇيى كۈلۈپ مېڭىۋاتاتتى ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۆڭلىدە نەپرەتلىنىپ كېلىۋاتقان دادىسىغا بۈگۈن قانداقتۇر ئامراقلىقى كىلىپ قالدى ، دادىسىنىڭ بۇ <<قالتىس >> ھىيلىسىدىن سۈيۈنۈپ كەتتى ، كۆز ئالدىدىن ئادىلنىڭ مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان ، قاملاشقان چىرايى ، قۇلاق تۈۋىدىن بولسا ئادىلەنى ماختاۋاتقان سۆزلىرى كەتمەيتتى ...
ئەسلىدە بۈگۈن ئادىلە كىنوخانا ئالدىدا كىتىۋىتىپ قىستا -قىستاڭ كىشىلەر توپى ئارىسىدىن ئۇ كىشىنى كۆرگەن ، ئۇنىڭ يانچۇقىدىن چىقىپ قالغان پورتماننى ناھايىتى ئاسانلا ئەپچىللىك بىلەن قولغا چۈشۈرگەن ئىدى .ئىچىنى ئېچىپ قارىغىنىدا بولسا كۆزلىرى بۈگۈنكى ئولجىنىڭ <<موللىقى >>دىن ئويناپ كەتكەنىدى . ئۆيگە قايتىپ دادىسىغا تاپشۇرغىنىدا دادىسى بۇ رايۇنغا يېڭىدىن بىر ساقچى باشلىقىنىڭ يۆتكىلىپ كەلگەنلىكىنى ، ئادىلەنى پورتماننى تېپىۋالغان كىشىنى دوراپ ساقچى باشلىقىنى تىڭ -تىڭلاپ كىلىشكە ئەۋەتكەنىدى . لىكىن ئويلىمىغان يەردىن ئادىلە بۇ ساقچى باشلىقىنى كۈرۈپ ئۆزىدە ئەزەلدىن پەيدا بۇلۇپ باقمىغان بىر تۇيغۇنىڭ قەلبىدە خۇددى شامغا ئوخشاش پىلدىرلاۋاتقانلىقىنى سىزىپ قالدى ...
** *** ***** *****
مانا ھەش -پەش دىگۈچە نەرگىزەنىڭ بۇ مەركىزى پايتەخت شەھەر بېيجىڭغا كەلگىنىگە بىر ئايدىن ئېشىپ قالدى .
ئۈچ سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەش نەرگىزەنى ھەددىدىن ئارتۇق چارچىتىۋەتكەنىدى . ئۇ ئازراق سەگىدەپ كىرىش ئۈچۈن سىنىپنىڭ ئىشىكىنى ئاستا يېپىپ قۇيۇپ سىرتقا چىقتى .
ئاھ ! كەچنىڭ ھاۋاسى نىمە دىگەن پەيزى ، جانغا ئارام ھە ! ئۇ بۇ ساپ ۋە ئىللىق ھاۋادىن ھۇزۇرلانغاچ ،مەكتەپ ئىچىدە يالغۇز ئايلىنىشقا باشلىدى . باشقا سىتۇدىنتلار تېخى كەچلىك مۇزاكىرىدىن قايتمىغان ، مەكتەپ ئىچى جىمجىت ، تىنچ ئىدى . بۇ كەچ مەكتەپ ئىچىمۇ ، يوللارمۇ ، مەكتەپ بېغىدىكى مەجنۇنتال ، قارىغاي ، گۈللەرمۇ ، ئېرىقتىكى سۇنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىشلىرىمۇ ،ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ نەرگىزەگە باشقىچە ئىللىق ۋە يېقىملىق ، بۇ ئايدىڭ كىچە بەكمۇ گۈزەل تۇيۇلدى .
ئۇ بۇ گۈزەل مەنزىرلەردىن كۆڭلى شادلىنىپ چوڭقۇر خىياللار بىلەن چىراغ نۇرى ئاپئاق يۇرۇتۇپ تۇرغان تار باغچا يۇلىدا كىتىپ باراتتى . قاياقتىندۇر كەلگەن يېقىملىق كۈلكە ئاۋازى ئۇنى خىيالىدىن توختىتىپ ،ئەتراپىغا قاراشقا مەجبۇر قىلدى . ئەتراپتا دەرس تەييارلاپ يۈرگەنلەردىن باشقا كىشى كۈرۈنمەيتتى . ئارقىدىنلا بىر يىگىتنىڭ چەتئەل تىلىدا سۆزلەۋاتقان زىل ئاۋازى ئاڭلاندى . نەرگىزە تەئەججۈپ ئىلكىدە ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىۋىدى ، رەڭگارەڭ گۈللۈكلەر ۋە مەجنۇنتاللىق باغچىنىڭ ئوتتۇرسىغا قۇيۇلغان ئۇرۇندۇقتا بىر يىگىت چىراغ يۇرۇقىدا كىتاب كۈرۈپ ئولتۇراتتى . نەرگىزە قىزىقىش ئىلكىدە قۇيۇق ئۆسكەن بىر تۈپ قارىغاينىڭ دالدىسىغا ئۈتۈپ ئۇ يىگىتكە سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى . يىگىت كىتابقا قاراپ ئىنگىلىزچە بىر نىمىلەرنى ئوقۇدى ، ئۇ شۇنچىلىك يېقىملىق ۋە راۋان ئوقۇدىكى بىردەمدىلا بىر بەتنى ئوقۇپ بولدى . نەرگىزە بۇ يىگىتنى تۇنۇيتتى ، ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق سەلتەنىتى بىلەن كۆرگەنلا كىشىدە زوق قوزغايدىغان بەستلىك ، خۇش چىراي ، بۇغداي ئۆڭ ، قارا قاش ، مەردانە قىياپەتلىك بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى ئەخمەت بۇلۇپ ، ئىنگىلىزتىلى فاكۇلتىتىدا ئوقۇيتتى . نەرگىزە ياتاقداشلىرىدىن دائىم ئۇنىڭ ئۆگۈنۈشتە تىرىشچانلىقى ، ئۆزىنىڭ تۇلىمۇ كىلىشكەنلىكىنى تۇلا ئاڭلىغان ئىدى . مانا بۈگۈن ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى . نەرگىزە باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىنىڭ دەرۋەقە راست ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ، ئۇنىڭغا قايىللىق ھىسلىرى بىلەن ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا قاراپ قالغانىدى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يانفۇنى سايراپ كەتتى . ئۇ جىددىيلىشىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى ، شۇ پەيتتە ئەخمەتمۇ كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ، قارىغاي دەرىخىنىڭ ئارقىسىدا ئۆزىگە قاراپ تۇرغان نەرگىزەنى كۈرۈپ قالدى . ئوتلۇق كۆزلەر بىر -بىرى ئۇچراشتى . نەرگىزە دەرھال ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن مېڭىشقا باشلىدى .
__ نەرگىزە !
ئەخمەتنىڭ ئۆزىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ نەرگىزەنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ كەتتى . << ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى قانداق بىلدىكىنە ؟ ۋاي ئاللاھ ...قانداق قىلىشىم كىرەك ؟ توختايمۇ ياكى ئاڭلىمىغانغا سىېلىپ كىتىپ قالايمۇ ؟ ...>> نەرگىزە شۇلارنى ئويلاپ يەنىلا توختاپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى .
ئەخمەت نەرگىزەگە يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى ، نەرگىزەنىڭ يۈرەك سېلىشى بىردىنلا تېزلىشىپ جىددىيلىشىپ كىتىپ باراتتى .
__ نەرگىزە ! ..._ دېدى ئەخمەت ئۇنىڭغا سالام بەرگەچ ،__ سىزنى بۇ مەكتەپتە ئۇچرىتىپ قېلىشىمنى زادىلا ئويلىماپتىكەنمەن . ئالدىنقى كۈنى مەكتەپ ئاشخانىسدا سىزنى كۈرۈپ ئۆز كۈزۈمگە ئىشەنمەيلا قالغانىدىم . مېنى تۇنۇيالىدىڭىزمۇ ؟
نەرگىزە ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى ، ئەخمەتنى تۇنۇشىغۇ تۇنۇيتتى ، ساۋاقداشلىرىدىن گىپىنى ، تىرىشچانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ناھايىتى مۇلايىم ، ئېسىل بالا ئىكەنلىكىنى تولا ئاڭلىغان . لىكىن ئۇنىڭ گىپىدىن قارىغاندا ئەخمەت ئۇنى خېلى بۇرۇنلا تۇنۇيدىغاندەك قىلاتتى ، نەرگىزە ئۇيقۇدىن يېڭىلا ئويغانغان ئادەمدەك سەگەكلەشتى . لىكىن ئۇ ئەخمەتنى نەدە ، قانداق ھالەتتە كۆرگەنلىكىنى پەقەتلا ئېسىگە ئالالمىدى . شۇنىڭ بىلەن خىجىلچىلىق ھىس قىلىپ بېشىنى ئەگدى .
__ بىر يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانمىدىڭىز ؟ __ دېدى ئەخمەت نەرگىزەنىڭ ئۆزىنى تۇنۇيالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كىيىن .
نەرگىزەنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىلىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرى كەلدى ، نەرگىزە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بۇلۇپ ، بىر قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيىغا مەكتەپتىن ۋەكىل بۇلۇپ ئەۋەتىلگەنىدى . نەچچە كۈنلۈك ئېچىلغان جەرياندا ئەخمەت بىلەن تۇنۇشۇپ قالغانىدى . ئەخمەتمۇ مەكتىپىدىن ۋەكىل بۇلۇپ كەلگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەرگىزە بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۈلۈنگەنىدى . ھەر ئىككىلىسى بىر - بىرىگە ناھايىتى ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغان ھەم كىتىش ئالدىدا بىر -بىرىنىڭ دوستلۇق خاتىرىسىگە كۆڭۈل سۆزلىرىنىمۇ يېزىشقانىدى .
- تېخىچە تۇنۇيالمىغان ئوخشىمامسىز ؟
نەرگىزە بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەسلىگە قايتىپ ئەخمەتنى تۇنۇيالمىغانلىقىدىن خىجىل بۇلۇپ بېشىنى ئىگىپ تۇردى ھەم :
_ ئەمدى ئىسىمگە كەلدى ، قەتئىي خاپا بولماڭ، ئارىدىن ئىككى يىلدەك ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى ئەمەسمۇ ، راستنلا تۇنۇماي قاپتىمەن ... ئۇنىڭ گەپلىرى قولاشماي قالغانىدى ، بۇ ھالدىن ئەخمەت كۈلۈپ كەتتى .
_ ھا..ھا.. ھېچقىسى يوق، تۇنۇغان بولسىڭىزلا بولدى ، يەنە تۇنىمىغان بولسىڭىز تېخى ئۆزەمنى قايتىدىن تۇنۇشتۇراي دەپ تۇرغان ...
ئىككىسى شۇ ھالدا خېلى ئۇزۇن پاراڭلىشىپ تۇردى ، بىر -بىرىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى يېزىشىۋالغاندىن كىيىن كىيىن پات- پات ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان بۇلۇپ خوشلاشتى . شۇدەمدە ئەخمەتمۇ ، نەرگىزەمۇ خۇشال ئىدى ، بۇ تۇلۇنئايلىق كىچە ھەر ئىككىسگە تېخىمۇ گۈزەل بىلىنىمەكتە ، قەلبىنى خۇشاللىق ، ھاياجان ھىسلىرى چۇلغىۋالغانىدى ...
بۈگۈن چۈشتىن كىيىن دەرس بولمىغاچ ، نەرگىزە سىرتقا نەرسە -كىرەك سېتىۋالغىلى چىقتى . ئۇ يول بۇيىدا ناھايىتى قىزغىن پاراڭلىشىپ كىتىپ بارغان قىز -يىگىتنى كۈرۈپ تۇيۇقسىزلا ئەخمەتنى ئويلاپ قالدى .لىكىن نىمە ئۈچۈن ئۇنى ئويلاپ قالغانلىقىغا ئۆزىمۇ بىر نەرسە دىيەلمەيتتى . ھېلىقى كۈنى ئەخمەتنى ئۇچراتقاندىن بۇيان ئۇنى مەكتەپتە كۈرۈپ باقمىغانىدى ، << ئۇ بەلكىم ئۆزىنىڭ ئاللىقانداقتۇر پەلسەپىسىنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارىدۇ >> نەرگىزە كۆڭلىدە شۇلارنى ئويلاپ مېڭىۋىتىپ تۇيۇقسىز بىرىگە يىنىك سۇقۇلۇپ كەتتى . ئۇ كەچۈرۈم سورىماقچى بۇلۇپ بېشىنى شۇنداق كۆتۈرۈپلا چۆچۈپ كەتتى . ئۇنىڭ ئالدىدا ئەخمەت مۇلايىم ھالدا ئىللىق كۈلگىنىچە نەرگىزەگە قاراپ تۇراتتى . بۇ ھالدىن نەرگىزە ھەم ھۇدۇقۇپ ھەم ھەيران قالدى .
_ توۋا ، زامان ئاخىرى بۇلىۋاتامدۇ نىمە ؟
ئۇ بۇ گەپنىڭ ئېغىزىدىن قانداقلارچە چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي تېخىمۇ خىجىل بۇلۇپ بېشىنى ئىگىپ تۇردى .
_ راست ..راست ...زامان ئاخىرى بۇلىۋاتقان ئوخشايدۇ . كىمنى خىيال قىلسا شۇ كۆز ئالدىدا پەيدا بۇلىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ __ دېدى ئەخمەت كۈلگەچ نەرگىزەنىڭ گىپىنى تۇلۇقلاپ ،_ تېخى ھازىر سىزگە تېلفۇن قىلاي دەپ تۇرغانىدىم ..
بۇ گەپتىن نەرگىزەمۇ كۈلۈپ كەتتى .
_ بۈگۈن ئۆزىڭىز يالغۇز بازارغا چىقىپسىزغۇ ؟ __ سورىدى ئەخمەت نەرگىزەنىڭ تېخىچە خىجىل بۇلۇپ تۇرغىنى كۈرۈپ .
_ھەئە ، چۈشتىن كىيىن دەرس يوق ئىدى ، ئۆزۈمچە سىرتقا نەرسە -كىرەك سېتىۋالغىلى چىققان ئىدىم ، ئۆزىڭىزمۇ يالغۇز بازارغا چىقىپسىزغۇ ؟
_ بۈگۈن ئۆيدىكىلەر پۇل سېلىپتىكەن . ئازراق ئالىدىغان نەرسىلىرىم بار ئىدى ، شۇڭا چىققان ئىدىم .
ئىككىسى بىر -بىرىگە ھەمراھ بولغاچ بىللە بازارغا چىقتى ، ئەخمەت نەرگىزەنى قورۇنۇپ قالمىسۇن دەپ يول بۇيى قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىپ ئۇنى كۈلدۈرۈپ ماڭدى ، نەرگىزەمۇ بۇ ئۆگۈنۈشتە تىرىشچان ، ئۆزى كىلىشكەن ، شوخ يىگىتنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى .
ئۇلار ئۆزىگە كىرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندىن كىيىن بىللە مەكتەپكە يېنىپ كەلدى .
_ نەرگىزە ، ھازىر كىرىپ ئوبدان ئارام ئېلىڭ ، كەچ بۇلىدىغانغا يەنە خېلى بار ئىكەن ،ئەگەر خالىسىڭىز كەچتە بىللە تاماق يەيلى ، بۇلامدۇ ؟ __ سورىدى ئەخمەت نەرگىزەنىڭ قۇشۇلماسلىقىدىن ئەنسىرگەندك قىلىپ ..
_ بۇ .. مەيلى ئەمىسە . ئۇنداقتا كەچتە بىللە تاماق يەيلى .
ئەخمەت نەرگىزەنىڭ بۇ ئۇماق تۇرقىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى .
- بۇلىدۇ ، ئۇنداقتا سىزنى سائەت 6 دە 1- ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا ساقلايمەن .
ئۇلار خوشلىشىپ ئۆز ياتاقلىرىغا كىرىپ كېتىشتى .
نەرگىزە ئەمدى ياتاققا كىرىپ تۇرىشىغا ئۇنىڭ بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان قوشنا ياتاقتىكى ساۋاقدىشى شەھىدە كىرىپ كەلدى . ئىككىسى ئادەتتە بەك يېقىن بۇلۇپ قانداق گەپلىرى بولسا بىر-بىرىگە ئېيتىشىپ مەسلىھەت سورىشاتتى . بۇرۇن نەرگىزە ئەخمەتنى تۇنۇمايدىغان ۋاقىتتا شەھىدە ئۇنىڭ گەپلىرىنى بەكراق قىلاتتى . ئىككىسى بىر - بىرى بىلەن مەڭزىلىرىنى يېقىشىپ كۈرۈشتى .
_ سىنى ئىزدەپ ياتىقىڭغا بۇنىڭ بىلەن تۆت قېتىم كىردىم ، سەن كالۋا نەگە كەتتىڭ ، تېلفۇن قىلسام ئىتتىك ئىكەن ، قارسام توك قاچىلاپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىپسەن ..
شەھىدە كىرە -كىرمەيلا ئۇنى سوتلاپ كەتتى .
- شۇ بازارغا نەرسە -كىرەك سېتىۋالغىلى چىقىپ ھازىر كىرىشىم .. سەن كالۋا ، ئۆزۈڭ چۈشتىن كىيىن ئىشىم بار دىگەن ئەمەسمىدىڭ ؟
- شۇ.. ئەسلى يېزا -ئىگىلىك ئۇنۋىرستىتىدىكى بىر دوستۇم بىزنىڭ مەكتەپكە چىقماقچى ئىدى ، ساقلىسام -ساقلىسام كەلمەي تېخى بايا بارالمايدىغان ئوخشايمەن دەپ ئۇچۇر يېزىپتۇ . ئاچچىقىمدا يېرىلغۇدەك بولدۇم ... ھەراس . كەچتە بىزنىڭ سىنىپتىكى نۇربىيە بىلەن ئېرشات يۈرگىنىنىڭ بىر ئايلىقىنى تەبرىكلەپ سىنىپتىكى ئۇيغۇر ساۋاقداشلارنى مېھمان قىلىدىغان بۇلۇپتۇ . تاماقنى شۇ يەردىن يەيدىكەنمىز ، بىللە چىقىمىز جۇمۇ !!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ نەرگىزە نىمە قىلارىنى بىلمەي قىزىرىپ كەتتى .
- ئاداش ... مەن ..مەن ..._ ئۇ كەچتە ئەخمەت بىلەن تاماق يەيدىغان ئىشنى ئۇنىڭغا قانداق دىيىشنى بىلمەي قالغانىدى .
- ۋاي . سەن نىمۇ ؟ تولا تىلىڭنى چىشلىمەي دىمەمسەن تېز ؟
- مەن كەچتە بىرسى بىلەن تاماق يەيدىغان بۇلۇپ دىيىىشىپ قويغان ئىدىم .
- ئوھوي ... _ ئەزەلدىن ناھايىتى تارتىنچاق نەرگىزەنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان شەھىدە ھەيران قېلىپ ،__ مۇنداق دە ! سەندەك قار مەلىكە بىلەن تاماق يىيىشكە جۈرئەت قىلالىغان قايسى ئاق ئاتلىق شاھزادىكەن ئۇ ؟
بۇ گەپتىن نەرگىزە تېخىمۇ قىزىرىپ كەتتى ،
_ ھېلىقى ئەخمەتنى بىلىسەنغۇ . سەن دائىم گىپىنى قىلىدىغان ، ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ، شۇ مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى .
- ھەئە ؟ _ بۇ گەپتىن شەھىدە ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بىر گەپنى ئاڭلىغاندەك ھەيران بۇلۇپ چىرايى باشقىچە تۈس ئالدى ، نەرگىزە بۇلارغا دىققەت قىلمىغانىدى ، شەھىدە تېزلا يالغاندىن كۈلگەن قىياپەتكە كىرىۋالدى .
__ ھۇي ، ھېلىقى چىرايلىق ئەخمەت سېنى تاماققا تەكلىپ قىلدىمۇ ؟ مەن تېخى ئۇنى كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان تازا كىتاببۇرش بالا ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، سېنى تاماققا قانداق تەكلىپ قىلالىغاندۇ ؟ ئۇمۇ قىزلارغا گەپ قىلالايدىكەن ھە ؟ !!
شەھىدە نەرگىزە بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى ، ئۇنىڭ چىرايىنى قاپقارا بۇلۇتلار قاپلىغان بۇلۇپ ، ھازىرلا يىغلىۋىتىدىغاندەك قىلاتتى . نەرگىزە ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ھالدا ئەخمەت بىلەن كۈرۈشۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى . ئۇ ئۆزى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغان چىرايلىق ئەتلەس كۆينىكىنى ، چىمەن دوپپىسىنى كىيدى .
ۋاقىت ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ 6 بۇلۇپ قالغانىدى ، نەرگىزە ناھايىتى جىددىيلەشكەن ھالدا ئەخمەت بىلەن دىيىشكەن جايغا قاراپ يول ئالدى ، ئۇ بارغىنىدا ئەخمەت ئاللىبۇرۇن كىلىپ بولغان ، نىمىنىىدۇر خىيال قىلغان ھالدا نەرگىزەنى ساقلاۋاتاتتى . ئۇلار بىللە مەكتەپنىڭ غەربى ئىشك تەرىپىگە يېڭىدىن ئاچقان خۇيزۇ ئاشخانىسىغا كىرىپ تاماق يىدى ، تاماقتىن كىيىن مەكتەپنىڭ گۈللۈك باغچىلىرىدا بىللە ئايلاندى ، ئەخمەت ئۆزىنىڭ كەلگۈسى غايىلىرىنى ، بۇندىن كىيىنكى يەتمەكچى بولغان نىشانىنى سۆزلەپ نەرگىزەنى تېخىمۇ جەلپ قىلىۋالغانىدى ، نەرگىزە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىتىپ بارغىنىدىن ئالەمچە شادلىققا چۈمۈپ ئۆزىنى شۇنچە ئەركىن ، خۇشال ھىس قىلماقتا ئىدى .
*** **** ***** ***** *****
ئادىلە ناھايىتى ھارغىن ھالدا بازاردىن يېنىپ ئۆيگە كىتىپ باراتتى ، يولدا بىر نەچچە ياش بالىلار يىغىلىۋىلىپ قەرت ئويناۋاتقان ئىدى ، ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن كىتىپ بارغىنىدا تۇيۇقسىز بىرى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئىسىقىرتتى ، ئادىلە بۇنى كۈرۈپ ئاچچىقلانغان ھالدا ئۇلارغا پىسەنتمۇ قىلماي ئۆز يۇلىغا كىتىۋەردى . لىكىن ئارىدىن بىرىنىڭ ناھايىتى قىلىقسىز گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ جايىدا توختاپ ئارقىسىغا قارىدى ، ئۇلار ئادىلەگە قاراپ كۈلۈشمەكتە ئىدى ، ئادىلە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنى تۇنۇيتتى ، بۇ يىگىت ئادىلە بىلەن قوشنا بۇلۇپ ،ئۇمۇ بازار ئوينايدىغانلارنىڭ بىرى ئىدى . ئادىلە غەززەپ بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ ھومىيىپ قويدى ھەم قول ئىشارىسى بىلەن ئۇنى چاقىرتىپ :
__ مەمەت ، بايا ماڭا ئىسقرتقىنىڭ قايسىڭ ؟
_ ھېېچقايسىمىز ئىسقرتىمىدۇق . كاللاڭ قىزىپ قالدىمۇ سېنىڭ ، بۈگۈن سوداڭ ياخشى ئەمەس ئوخشىمامدۇ ؟ ...__ دېدى مەمەت تېخىمۇ سەت ھىجىيىپ .
ئادىلە ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن غەزەپلىنىپ ئۆزىنى تۇتىۋالالمىدى ، ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ ئاغزىنى ئۇپرىتىشنىڭ ئورنىغا كاچىتىغا كىلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سالدى. چاڭڭىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن مەمەتنىڭ باشقا دوستلىرى تەڭلا پاراقلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى .
__ ساڭا دەپ قۇياي ، بۇندىن كىيىن ماڭا مۇنداق ماز قىلىق قىلىپ بەرمە ، ئاۋۇ ئۆيگە بېرىپ ئاچا -سىڭىللىرىڭغا ئىسقىرتىپ بەر ، بىلدىڭمۇ ؟
ئادىلە شۇلارنى دەپ شۇنداق بېشىنى كۆتۈرۈپ يان تەرىپىگە قارىۋىدى ، ساقچى باشلىقى ئادىل ئۇلار تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى. ئادىلە بۇنىڭدىن تېخىمۇ خىجىلچىلىققا چۈمۈپ ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . مەمەتنڭمۇ شۇ تاپتا ئادىلەنى كىلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سالغۇسى بولسىمۇ ساقچىنى كۈرۈپ جايىدا مىدىر قىلماي جىم تۇرىۋالدى . ئادىل ئادىلە تاكى يان تەرەپتىكى تار كوچىغا بۇرۇلۇپ كىرىپ كەتكۈچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇردى . ئۇ كىرىپ كەتكەندىن كىيىن مەمەتكە قاراپ ئېيتتى :
__ بۇ قىزچاق بەك يامان ئوخشىمامدۇ ؟
__ ھەئە ، بىز كونا تۇنۇشلاردىن .
__ ئىسمىڭ نىمە ؟
__ مەمەت .
__ نىمە ئىش قىلىسەن ؟ __ ئادىل ئۇنىڭدىن جىددىي تەلەپپۇزدا خۇددى جىنايەتچىنى سوراق قىلىۋاتقان قىياپەتتە سورىدى .
__ ھازىر ئىشلەيدىغان ئورۇن يوق ، خىزمەت ئىزدەپ يۈرۈيمەن.
__ شۇڭا ساڭا ئىش چىقماي يولدا كىتىپ بارغان قىزلارغا چاقچاق قىلىپ يۈرۈيدىكەنسەن دە !
بۇ گەپتىن مەمەت قىزىرىپ خىجىل بۇلۇپ كەتتى . ئۇنىڭ باشقا دوستلىرىمۇ بىزنى سوراق قىلىپ قالمىغىيدى دەپ تەشۋىشكە چۈشكەنىدى . لىكىن ئادىل ئۇلارغا قاراپمۇ قويماي بايا ئادىلە كىرىپ كەتكەن كوچا تەرەپكە قاراپ كىتىپ قالدى .
ئادىلە يول بۇيى ئادىلنى ئويلاپ ئۆيىگە قانداق كىلىپ قالغانلىقىنىمۇ تۇيماي قالدى ، ئۇنىڭ ئەس ئىسىيادى مەمەتنىڭ قالايمىقان گەپ قىلىپ ئادىلغا ئۆزىنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىپ يۈرۈيدىغان قىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قۇيۇشى ئىدى ، ئادىلنىڭ ئۆزىنىڭ ئەپتى -بەشرىسىنى بىلىپ قېلىشىدىن قورقىۋاتاتتى ، ئۇ ئۆيىگە كىرىپ غېرىبانە كۆلبىسگە كىردى -دە ، قانداقتۇر ئۇھ تارتىپ ئاھ ئۇرغىنىچە تامغا ئېسىپ قۇيۇلغان ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدى . ئەينەكتە قىرقىم چاچلىق ، يۈزلىرى يۇمىلاق كەلگەن ، قاشلىرى ھىلال ئايغا ئوخشاش ، كۆزلىرىدىن ھەسرەت ئۇچقۇندىلىرى ئوخچۇپ تۇرىدىغان ، زىلۋا ، ئىگىز بۇيلۇق بىر قىز نامايان بولدى ، بۇ ئادىلە ئىدى . ئۇ ئەينەككە قاراپ چوڭقۇر خىيالغا چۆمدى ...ئۇنىڭ ھاياتىمۇ ئالدىدىكى مۇشۇ خۇنۇك ، بەزى يەرلىرى پۇچۇلغان ئەينەككە ئوخشايتتى ، ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئويلاپ ئۆز - ئۆزىدىن نۇمۇس قىلىپ كەتتى ، ئۇنىڭمۇ باشقا قىزلارغا ئوخشاش ھالال ياشاپ ، ھاياتىنى خۇشال -خۇرام ئۆتكۈزگۈسى كىلەتتى .ئۇ شۇلارنى ئويلاۋاتقاندا كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش ئىختىيارسىز سىرغىپ چۈشتى . ئادىلە چىراي دىسە چىرايى بار ، قاملاشقان ، لىۋەن ، كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك قىز ئەمەسمىدى ،لىكىن بۇ جەمئىيەت ، ئۇنىڭ دادىسى بۇ غۇنچىنى ئېچىلدۈرمايلا غازاڭ قىلماقچى بۇلىۋاتىدۇ ، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ گۈزەللىكىمۇ ئۆزىگە تالىق ئەمەس ...
ئادىلەنىڭ خىيالىدىن ئادىل تېخىچە كەتمەيۋاتاتتى ، ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنى خىيالىدىن چىقىرالماي ، ئاخىرى دىقىتىنى بۇراش ئۈچۈن ئۆي يىغىشتۇرۇشقا تۇتۇندى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە توختاپ قالدى . ئۇ دادىسىنى كۈرۈپ قالغانىدى . دادىسى ئۇنىڭغا غەزەپلىك قاراپ تۇراتتى .
_ بۈگۈن بازارغا چىقمىدىڭما ؟ __ دادىسىنىڭ غەزەپلىك ئاۋازى جىمجىتلىقنى بۇزدى .
_ چىقتىم ، تېخى بايىلا يېنىپ كىرگەن . بۈگۈن بازاردا ئادەملەر ئازكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەگىلا قارىسىڭىز ساقچى ...
بۈگۈن ئادىلەگە دادىسى باشقىچە قورقۇنچلۇق كۈرۈنۈپ كەتتى ، ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزىنى تىللاپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ بېشىنى ئىگىپ تۇردى . تۇيۇقسىز دەرۋازىنى بىرسىنىڭ ئۇرغان ئاۋازى ئارقىدىنلا << ئادەم بارمۇ >> دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى ، ئادىلە تېزلا سىرتقا چىقىپ توۋلىدى .
__ كىمۇ ؟
_ ئادىلەمۇ سەن قىزىم ، مەن ..مەن ...ئەركىن تاغاڭ .
ئادىلە بۇ ئاۋازنى بىر ئاڭلاپلا تۇنىۋالدى ، بۇ ئاۋاز ئۇنىڭغا بەكمۇ تۇنۇش بۇلۇپ ، كىچىكىدىن مۇشۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانىدى .
ئەركىن دادىسىنىڭ كونا ئاغىينىسى بۇلۇپ ،ئادىلە ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ ئىچكىردە شۇ ئادەمنىڭ باشقۇرىشى بىلەن ئوغۇرلۇق قىلدى ، بەزىدە ۋەزىپىسىنى تولۇق ئۇرۇندىيالمىغانلىرىدا بولسا ئۇنىڭ تاياقلىرى ، تىللاشلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى . شۇنداق قىلىپ ئىچكىردە ئوغۇرلۇق قىلىپ 16 ياشقا كىرگەندە ئاخىرى دادىسى ئۇنى شىنجاڭغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەنىدى . ئادىلە كىيىن دادىسىنىڭ ئۇنى ئەركىن لوبەنگە ھەريىلىقىنى 10 مىڭ يۈەندىن سېتىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ، شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ ئەمدى خوشال بۇلۇپ تۇرىشىغا دادىسى ئۇنى يەنە كونا كەسىپنى قىلىشقا مەجبۇر قىلغانىدى . ئادىلە ھېچ چۈشەنمەيتتى ، باشقىلارنىڭ داد ا- ئانىسى ئۆز قىزلىرىنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇش تۈگۈل ،ئۇلارنى قەدىرلەپ ، ياخشى ئوقۇتۇپ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربييلەش ئۈچۈن تىرىشىدۇ . لىكىن ئادىلەنىڭ دادىسى ئۇنى جىنايەت پاتقىقىغا سۆرەپ ئەكىرىدۇ ...
ئەركىن لوبەننى كۆرگەن ئادىلەنىڭ دادىسى پايپىتەك بۇلۇپ، قىلىدىغانغا قىلىق تاپالماي پۇتى كۆيگەن تۇخۇدەك تىپىرلاپ ھېلى ئادىلەنى تاماق ئىتىشكە بۇيرىسا ھېلى ئۇنى سىرتتىن ھاراق ئەكىلىشكە بۇيرۇيتتى . ئادىلە ئەركىن لوبەننى پەقەت ياقتۇرمايتتى ، ئۇنى ھەربىر كۆرگىنىدە ئىچكىرىدە كۆرگەن ئېچىنىشلىق كۈنلىرى ئېسىگە كىلىۋىلىپ ، ئۇنى چايناپ -چايناپ پۈركۈۋەتكۈسى كىلىپ كەتتى . دادىسىنى ئوبدان بىلەتتى ، ئۇ پەقەت ئەركىن لوبەننىڭ ھەر قېتىم كەلگىنىدە كۆڭلۈم دەپ ئەكىلىدىغان نەچچە مىڭ يۈەن پۇلىنى كۆزلەپلا ئۇنىڭغا شۇنچە قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى ...
ئادىلە ئاشخانا ئۆيدە تاماق ئەتكەچ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىپ تۇردى .
_ گىپىمگە كىر ئاداش ، _ بالىنى ئۇ ئىشقا سېلىۋەرمە ...ئۇنىڭغا قارىغىنە .. قارىساڭ گۈلدەك گۈزەل چىرايلىق قىز بوپتۇ . سەن ئۇنى مەڭگۈ مۇشۇنداق يۈرىۋەرسۇن دەمسەن؟
_ ياق ،ئاداش ... مېنىڭمۇ ئۇنى مەڭگۈ بۇ ئىشقا سېلىىۋەرگۈم يوق .. بەزىدە ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سىرىلىپ كىتىدۇ . مەن ئۇنى مۇشۇ كۈنگە قۇيۇپ ،تىللاپ -ئۇرساممۇ دادا دەپ مېنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ ..
ئادىلە دادىسىنىڭ بۇ گەپلىرىدىن تەسىرلىنىپ ئۇنىڭغا بولغان مىھرى نەپرىتىدىن ئېشىپ كىتىۋاتاتتى .
_ ئاداش ، بۇ دىگىنىڭ بەك توغرا بولدى ، ساڭا دەپ قۇياي ، ئۇ ھازىر 18 ياشقا كىرىپ قالدى ، ئۇنىڭ خۇشپۇراق گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرغان ۋاقتى ، مەن پەقەت سېنىڭ ئاغىينەڭ بولغاندىكىن ساڭا ياخشى بولسۇن دەيمەن .. ئەگەر ئادىلەنى ماڭا ياتلىق قىلساڭ ئۇنى ھەرگىز جاپادا قويمايمەن . سېنىڭ تۇرمۇشۇڭمۇ بۇنىڭدىن ياخشى بۇلىدۇ . ھازىر كۈرىۋاتىسەنغۇ .. نۇرغۇن قىزلار باشقا ئوغۇللارنىڭ كەينىدىن قېچىپ ئاتا -ئانىسىنى داغدا قۇيىۋاتىدۇ . سەن دىققەت قىلمايدىغانلا بولساڭ ئۇمۇ بىر كۈنلەردە سېنى تاشلاپ قېچىپ كىتىدۇ ...
ئادىلە ئەركىن لوبەننىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ چۈشەيلا دەۋاتاتتى ، دادىسىدىن چوڭ ئادەمنىڭ تەپتارتماستىن ئۆزىگە قانات سۆرەپ خىجىل بولماي مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىدىن غەزەپلەنمەكتە ئىدى .
_ بۇ دىگىنىڭلىمۇ توغرا ئاداش ... مەن ئويلىنىپ باقاي .. مەن دىسەم ئادىلە ھەرگىز گىپىمنى يىرمايدۇ .شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ رايىنى ئېلىشىمىز كىرەك ، مەن ئۇنىڭغا مەسلىھەت سېلىپ باقاي ..
دادىسى بولغان ئادەمنىڭ قاراپ تۇرۇپ مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئادىلە ھازىرلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇدەك بۇلۇپ كەتتى ، بايىقى ئۇنىڭغا بولغان مىھرى بىردەمدىلا غايىپ بولغان يۈرىكى مۇز بۇلۇپ قاتتى ، ئىچىدە دادىسىنى قارغىماقتا ئىدى ...
ئەتىسى كەچتە ئادىلە ئۆيگە بالدۇر قايتىپ كىلىپ بىر كۈن بازار چۆرگىلەپ ھېرىپ كەتكەنلىكتىن بالدۇرلا ئۇيقۇغا كەتكەنىدى . بىر چاغدا ئۆيدىكى تاراق -تۇرۇق قىلغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى . دادىسى مەست ھالدا قايتىپ كەلگەنىدى . ئۇ دادىسىنىڭ مەست ھالىتىدىن بەك قورقۇيتتى ، شۇڭا ئۇ تېزلا ئويغىنىپ دادىسىنڭ ئالدىدا بېشىنى ئىگىپ تۇردى .
__ قېنى ئەتكەن تامىقىڭ ؟__ ۋارقىرىدى دادىسى .
_ بۈگۈن تاماق ئەتمىدىم .
_ نىمىشقا ؟
_ ئۆيدە سەيلەر قالماپتىكەن ...
_ ئۇنداقتا ماڭ يۈگۈر ، بازاردىن ئەكەل .
_ يېنىمدا پۇل يوق ... _ ئادىلە قورققىنىدىن تىترەپ كەتتى .
_ بۈگۈن تاپقان پۇلچۇ ؟
_ بۈگۈن سودا قىلالمىدىم .
_ يالغان ! ماڭا تولا يالغان ئېيتما !
_ راست دادا ، بۈگۈن بىر كۈن بازار چۆرگىلەپ سودا قىلالمىدىم ..
_ ماڭا تولا يالغان سۆزلىمەي ، تاپقان پۇلنى تېز چىقار !!! _ دادىسى بارغىنىچە ئادىلەنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ سىلكىشلەشكە باشلىدى . .ئادىلە ئاغرىققا چىدىماي ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى .
دادىسى توختىماي ۋارقىرايتتى .
_ يالغان سۆزلىمەي پۇلنى چىقار دەيمەن ...
__ راست دادا .. بۈگۈن راستىنلا ھېچنىمە جۆندىيەلمىدىم ...
_ۋۇ يارىماس پاسكىنا ! __ ئۇ ئادىلەنىڭ يۈزىگە قاتتىق بىر كاچات سالدى ، ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆيدىن دەلدەڭشىگەن ھالدا چىقىپ كەتتى ، ئادىلە قاتتىق خورلۇق ،ئەلەم ھېس قىلىپ ھۆكىرەپ يىغلىماقتا ئىدى ....
*** *** ******
تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن قۇربان ھېيتىمۇ يىتىپ كەلدى . مەكتەپتىكى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىشىپ يىغىلىش ئۆتكۈزگەنىدى . يىغىلىش ناھايىتى شوخ كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلماقتا ئىدى . تانسا _ ئۇسۇل ئوينايدىغانلار ئۆچىرەتتە ، ناخشىغا ھېرىسمەنلەر ئۆزىنىڭ شوخ ناخشىلىرى ئارقىلىق بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كەيپىياتقا كۆتۈرمەكتە ئىدى . ئارىدىن رىياسەتچى ئەخمەتنى بىر ناخشا ئوقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدى . ئەخمەتنىڭ چالغان گىتتار گىتتارلىرى بىلەن ئوقۇغان ناخشىسىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر كىشى ئۇنىڭغا مەھلىيا بولماي قالمايتتى . ئۇندىن باشقا ئوت چاقناپ تۇرغان تۇرىدىغان يوغان كۆزلىرى .قۇشۇما قاشلىرى كىشىنىڭ دىقىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلاتتى . سۇرۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قارىشاتتى ، بىر نەچچە جۈپلەر مۇڭغا چۆككەن ھالدا تانسا ئوينىماقتا ئىدى . شۇتاپتا نەرگىزەمۇ ئەخمەتكە تېخىمۇ قايىل بۇلۇپ ، ئۇنىڭغا مەپتۇنلارچە قاراپ قالغانىدى .
__ دەرسكىلا يامانمىكىن دىسەك ، گىتتارنىمۇ پەيزى چېلىپ قۇيىدىكەن ھە ! __دېدى شەھىدە يېنىدىكى قىزغا قاراپ .
__ شۇ ئاداش .. ھەممە جەھەتتە تالانتى بار ئىكەن جۇمۇ .. بىلسەم - بىلمىسەم ئۇنىڭغا كۆزۈڭ چۈشتىغۇ دەيمەن _ دېدى ھېلىقى قىز شەھىدەگە مەنىلىك بېقىپ ،__ بىراق تېز ھەركەتلەنمىسەڭ قۇرۇق قالىسەن .
_ قانداقسىگە ؟
__ بۇنى مەندىن ياخشى بىلىدىغانسەن . بەزىبىرلەر ئۇنى پايلاپ يۈرىۋاتىدىغۇ ، _ دېدى قىز كۆزىنى قىسىپ نەرگىزەنى شەرەت قىلغان ھالدا .
نەرگىزە بۇلارنى بىلىپ تۇرغان بولسىمۇ ئاڭلىمىغانغا سېلىپ تۇرىۋالدى .
__ شۇنى دەيمەن . بەزىلەر نىمىسىگە يوغانچىلىق قىلىدۇ دەيمەن .. قېنى قۇلىدىن كەلسە ئۇنى مەندىن تالىشىپ باقسۇن ! __ دېدى شەھىدە نەرگىزەنى ئاڭلىسۇن دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا .
شۇ ئارىدا بىرسى شەھىدەنى تانسىغا تەكلىپ قىلپ ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئۈزۈپ قويدى . شەھىدە تانسا ئوينىغاچ ئەخمەتكە سەپسېلىپ قارىماقتا ئىدى .
ئەخمەت ناخشىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى . نەرگىزە تېخىچە ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيۋاتاتتى ، بايا شەھىدەنىڭ دىگەنلىرى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىماقتا ، خۇددى ھازىرلا ئەخمەتتىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ كۆڭلى يېرىم بولماقتا ئىدى ... ئۇ بۇنىڭدىن ئەخمەتنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى . توساتتىن ئەخمەت بىلەن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالدى . نەرگىزە تېزلا يەرگە قارىۋالدى .
تانسا ئاخىرلىشىپ ۋالىسى مۇزىكىسى قۇيۇلدى . ئەخمەت ئۇدۇل كىلىپلا نەرگىزەنى تانسىغا تارتتى ، بۇنى كۆرگەن شەھىدە نەرگىزەگە تېخىمۇ ھەسەت قىلىپ ئۇنىڭغا غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ قويدى . لىرىك ۋالىسى مۇزىكىسى ، ئۇتلۇق تىنىقلار .... كۆزلەر پات -پات ئۇچرىشىپ قالاتتى . نەرگىزەنى ئىللىق بىر سىزىم چىرماشقا باشلىدى ، ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان ناخشا خۇددى ئۆزىگە ،پەقەت ئەخمەت بىلەن ئىككىسىگىلا قارىتىلىپ ئېيتىلىۋاتقاندەك ھىس قىلماقتا ئىدى .
ئولتۇرۇش كەچ سائەت9 لەر بىلەن ئاخىرلاشتى . نەرگىزە ئۆزى يالغۇز خىيال ئاسمىنىدا لەيلەپ ، مۇڭلانغىنىچە كىتىپ باراتتى . ئۇ تۇيۇقسىز ئالدىدا كىتىۋاتقان ئىككى بالىنى كۈرۈپ ، يۈرىكى قاتتىق سۇقۇپ كەتتى . ئۇلارنىڭ بىرى ئەخمەت ئىدى . ئەخمەتنىڭ دوستى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كىلىۋاتقان نەرگىزەنى كۈرۈپ قالدى .
_ ئاداش ، مەن تورخانىغا كىرمەكچى ئىدىم ، كەچتە كۆرىشەيلى ،_ دېدى دوستى ئەخمەت بىلەن خوشلىشىپ ، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كىلىۋاتقان نەرگىزەنى شەرەتلەپ ...
ئەخمەت ئارقىسىغا قاراپ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يالغۇز كىلىۋاتقان نەرگىزەنى كۈرۈپ يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى . دوستى ئەخمەت بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى ، نەرگىزە كۆڭلىدە مۇشۇنداق بۇلىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ ، لىكىن نىمىشقىدۇر تىترەپ كىتىۋاتاتتى .
_ يالغۇزلا مېڭىپسىزغۇ ؟ __ دېدى ئەخمەت نەرگىزەگە قاراپ .
__ دوستلىرىمنىڭ بىر نەچچىسى بالدۇرلا كىتىپ قېلىشقان ، قالغانلىرى ئارقامدىن كىلىپ قالار ،_ نەرگىزە بۇ سۆزلەرنى ئارانلا دىيەلىدى .
_ ھە ، مۇنداق دەڭ . خالىسىڭىز مەن سىزنى ياتىقىڭىزنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قۇياي ...
_ سىزنى ئاۋارە قىلارمەنمۇ ؟ _ نەرگىزە شۇنداق دەپلا خىجىل بۇلۇپ يەرگە قارىۋالدى .
_ مەن ۋالىسىنى ئانچە ياخشى ئوينىيالمايتتىم ، بايا نەچچە قېتىم پۇتىڭىزغا دەسىۋەتتىم ، كەچۈرۈڭ .
_ تۈزۈت قىلماڭ ، ئۆزۈممۇ ئانچە ياخشى ئوينىيالمەن .. _ دېدى ئەخمەت كۈلۈپ .
_ بايا ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتتىڭىز ، ھەممە جەھەتتە تالانتىڭىز بار ئىكەن ، سىزنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم ،_ نەرگىزە تۇيۇقسىز ئاغزىدىن چىقىپ كەتكەن بۇ سۆزدىن ئۆزىمۇ چۆچۈپ كەتتى.
بۇ گەپتىن ئەخمەت بەكمۇ خۇشال بۇلۇپ كەتتى ، ئۇ نەرگىزەگە قارىۋىدى ، نەرگىزە خىجىل بۇلۇپ بېشىنى يەردىن كۆتۈرەلمەي قالغانىدى .
_ سىزمۇ بەك چىرايلىق ... ھېچبولمىغاندا كۆڭلىڭىزگە پۈككەن بىرەرسى باردۇر ؟ _ دېدى ئەخمەت گەپنى ئەگىتىپ .
بۇ گەپتىن نەرگىزە تېخىمۇ خىجىل بۇلۇپ كەتتى .
_ نىمىلەرنى دەيدىغانسىز ، بۇنداق ئىشلارنى ئەمدىرەك ئويلاشساممۇ كىچىكمەيمىز .
ئەخمەت نەرگىزەنىڭ بۇ گىپىدىن ئالەمچە شادلىققا چۈمۈپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى ،دىمەك نەرگىزەنىڭمۇ ئۆزىگە كۆڭلى بار ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ئىدى .ئۇ ئالدىراپلا سورىدى :
__ ھازىردىن باشلاپلىما ؟
ئۇلار خېلى ئۇزۇنغىچە پارڭلىشىپ نەرگىزەنىڭ ياتاق ئالدىغا قانداق كىلىپ قالغانلىقىنىمۇ تۇيماي قېلىشتى .
_ ئەمىسە ياخشى ئارام ئېلىڭ ،_ دېدى ئەخمەت نەرگىزەدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي .
_ سىزمۇ ياخشى ئارام ئېلىڭ ،_ دېدى نەرگىزە ئەخمەت بىلەن خوشلىشىپ .
ياتاق دېرىزىسىدىن پەسكە قاراپ تۇرغان شەھىدە ئەخمەتنىڭ نەرگىزەنى ئەكىلىپ قويغانلىقىنى كۈرۈپ ، ئىچىدە نەرگىزەنى ئەڭ سېسىق گەپلەر بىلەن تىللىماقتا ، ئەخمەتنى قارغىماقتا ئىدى ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە تۇيۇقسىز بىر خىيال يالت قىلىپ كەلدى -دە ، ئۆزىنىڭ خىيالىدىن مەمنۇن بۇلۇپ ناھايىتى زەخەرخەنلىك بىلەن كۈلۈپ كەتتى ....
* ** ***** ***** ****
نۇرلان ئاكا كۈن بۇيى نەرگىزەنى خىيال قىلىش بىلەن ھەسرەت - نادامەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىدى . قىزىنى سېغىنىش ئازابى ئۇنىڭ يۈرىكىنى لەختە قىلىۋەتكەنىدى . مانا شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نەرگىزەنىڭ كۈلۈپ چۈشكەن سۆرىتى ، ئۇ سۈرەتكە قارايدۇ . ئاھ ئۇرىدۇ ، بۈگۈن نەرگىزە بىلەن نەفىسەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ، ئۇ ئەتىگەن سەھەردىلا نەرگىزەگە تېلفۇن قىلىپ ئۇنىڭغا ئەڭ ساپ ھەم ئەڭ پاك بولغان تىلەكلەرنى تىلىدى ، نەفىسەنى خىيال قىلىشى بىلەنلا ئۆز - ئۆزىدىن نەپرەتلىنىپ قىلغان -ئەتكەنلىرىگە پۇشايمان قىلىپ كەتتى . نەرگىزە ئۆزىنىڭ بىر قوشكىزەك ھەدىسى بارلىقىنى پەقەتلا بىلمەيتتى ، نۇرلان ئاكا بۇنى ئۇنىڭدىن يۇشۇرۇپ كەلگەنىدى . نەفىسەدىن ئايرىلغانغا مانا بۈگۈن توپتۇغرا ئون ئالتە يىل بولدى ، لىكىن يۈرەككە چۈشكەن جاراھەت تېخىچە ساقىيىدىغاندەك ئەمەس ، ئازابلىق ئەسلىمىلەر ھېلىھەم ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇپ كەلمەكتە ئىدى . ھەرقېتىم ئۇ دۇكاندىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئۆيىگە قايتقاندا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قوشكىزەك قىزلىرىنىڭ سىماسى كىلىدۇ . ئۇ ئازابتىن پۇچۇلىنىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالىدۇ . ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدا كىچىككىنە بىر ئۈمۈدمۇ بار ئىدى ...يەنە بىر قىزىنى قانداقلا بولمىسۇن تېپىۋىلىشنى ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى يۇيۇشنى ئويلايتتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ سۈيۈملۈك قىزى نەفىسە قەيەرلەردە تەمتىرەپ يۈرۈيدىغاندۇ ؟ زادى نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتقاندۇ ؟ ...
نۇرلان ئاكىنىڭ كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولدى ،
*** **** *** ****
ئەتىگەندىن بېرى يېغىۋاتقان يامغۇر ھېچ توختايدىغاندەك قىلمايتتى . ئادىلە ھېچقانداق سودا قىلالمىدى ، ئۇ ئەپلىگۈدەك بىرەرسىنى ئۇچرىتالماي ،ئاللىقانداق بىر خىياللار بىلەن قىينىلاتتى . ناۋادا بۈگۈن ھېچقانداق سودا قىلالمىسا دادىسىدىن تاياق يەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى . ئۇ ئېغىر قەدىمىنى سۆرەپ بازاردىن چىقتى -دە ، يۇلۇچىلار بىكىتىگە كىرىپ كەلدى . بىكەتتە بىر مۇنچە كىشىلەر يامغۇردىن پاناھلىنىۋاتاتتى . قىستىلىشىپ تۇرغان بۇ ئادەملەرنى كۈرۈپ ئۇنىڭدا ئۈمۈد نۇرلىرى پەيدا بولدى ، ئۇ كىشىلەر توپىنىڭ ئارىسىغا قىستىلىپ كىرىپ سودا ئىزلەشكە باشلىدى . ئۇ ئانچە كۈچىمەيلا بىر ئوتتۇرا ياش كىشىنىڭ پورتمالىنى سۇغۇرۋالدى ھەم بىكەتنىڭ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ پورتماننى ئېچىپ قارىۋىدى، يۈز يۈەنلىك پۇلدىن نەچچىنى كۈرۈپ بەك خۇشال بۇلۇپ كەتتى .
بىر نەچچە سائەتلەردىن كىيىن يامغۇر سەل پەسەيدى ، لىكىن سوغۇق شامال ھەدەپ ئۈشقۇرتماقتا ئىدى ... ئادىلە تۇيۇقسىز بىر ياشانغان ئايالنى كۈرۈپ قەدىمىنى توختاتتى . ئۇ ئايال ئېغىر بىر چامداننى تۇتقىنىچە بىكەت ئالدىدا تۇراتتى . ئادىلە ئۇ ئايالغا ئىچ ئاغرىتىپ ئالدىغا كەلدى ۋە چامداننى قۇلىغا ئېلىپ :
__ ئانا ، ئەكەلسىلە ، مەن كۆتۈرەي ، سىلىنى ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قۇياي .. _ دېدى ئۇ ئايالغا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ .
_ رەھمەت قىزىم ، سىزنى ئاۋارە قىلىپ قۇيارمەنمۇ ؟ _ دېدى ئايال ئادىلەنىڭ بۇ ياخشى كۆڭلىدىن سۈيۈنۈپ .
_ ھېچقىسى يوق ئانا .... _ ئادىلە چامداننى كۆتۈرۈپ ئۇ ئايالنى يۆلەشتۈردى. ئۇ ئايال ئادىلەنىڭ بۇ ياخشىلىقىغا خۇشال بۇلۇپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلماقتا ئىدى . ئەمدىلا نەچچە قېتىم مېڭىپ ئادىلە نىمە قىلارىنى بىلمەي خۇددى قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك جايىدا قېتىپ تۇرۇپ قالدى . ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇيۇقسىز ساقچى باشلىقى ئادىل پەيدا بۇلۇپ قالغانىدى . ئادىل تېزلا ئادىلەگە سالام قىلىپ ، ئۇ ئايالغا قاراپ ئېىيتتى :
_ ئانا ، ساق -سالامەت كىلىۋالدىڭىزمۇ ؟ بۈگۈن ئىدارىدە جىددىي يىغىن ئېچىلىپ سەل كىچىكىپ قالدىم ...
ئادىلە بۇنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران بۇلۇپ بىر ئۇ ئايالغا ، بىر ئادىلغا قاراپ تۇرۇپ قالدى .
_ ھېچقىسى يوق بالام ، چامداننى كۆتۈرەلمەي تۇرسام بۇ قىزىم كىلىپ كۆتۈرۈشۈپ بەردى ... خۇدايىم ياخشىلىقىغا ياخشىلىق يانسۇن .
ئادىل ئانىسىغا كۈلۈپ قۇيۇپ ئادىلەنىڭ قۇلىدىن چامداننى ئالدى .
_ رەھمەت ئادىلە . سىز بىكەتكە نىمىشقا كەلگەندىڭىز ؟
ئانا ئوغلىنىڭ قىزنىڭ ئىسمىنى ئاتاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى .
_ ھەئە ، بىر تۇققىنىمىزنىڭ بالىسى كەلمەكچى ئىدى ، شۇنىڭ ئالدىغا چىققان ئىدىم ، لىكىن ئەتىگەندىن بېرسى ساقلىسام تېخىچە كەلمىدى . _ ئادىلە تېزلا يالغاندىن بىرنى تۇقۇدى . ئادىل ئۇنىڭغا كۈلۈپ قۇيۇپ ، ئانىسىغا ئادىلەنى كۆرسىتىپ :
_ ئانا ، بۇ ئادىلە بۇلىدۇ . مەن ئىشلەۋاتقان بازاردا ئولتۇرۇشلۇق ...
_ ھە!_ ئانا ئادىلەگە مەستلىكى كىلىپ سۆزلىدى ،_ سەن ئىشلەۋاتقان بازاردىمۇ مۇندااق ئەدەپلىك ، چىرايلىق قىزلار بار ئىكەن ھە !
ئادىلە بۇ گەپنى ئاڭلاپ خىجىل بۇلۇپ قىزىرىپ كەتتى .
_ قىزىم ، ئەگەر باشقا ئىشىڭىز بولمىسا بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كىتىڭ ،_ دېدى ئانىسى ئادىلەگە قاراپ .
ئادىلە بۇنىڭدىن بەكمۇ سۈيۈنۈپ كەتتى ، گەرچە ئۇنىڭ ئادىلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باققۇسى بولسىمۇ لىكىن :
_ رەھمەت ئانا ... مىنىڭ يەنە ئازراق ئىشىم بار ئىدى . مەن كىيىن چۇقۇم بارىمەن ،_ دىدى .
_ بۇلىدۇ ئەمىسە قىزىم .. خۇدايىم كىيىن يەنە كۈرۈشۈشكە نىسىپ قىلسۇن !
ئادىلە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ماڭدى ، ئانا -بالا ئىككىسى يىراقلىشىپ كەتكەندىن كىيىن ،ئادىلە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ خۇددى ئېسىل بىر نەرسىنى تېپىۋالغاندەك خۇشال بۇلۇپ كەتتى . ئادىلغا مەستلىكى كىلىپ ئويلا -ئويلا كۆزلىرى ياشقا تولدى .
جانغا ئارامبەخش ئىتىدىغان كۈز ئايلىرى ...بۇ ۋاقىتتا بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى تۇلىمۇ ياخشى بۇلۇپ ساياھەت قىلىشقا تۇلىمۇ ماس كىلەتتى .
مەكتەپتە ئۈچ كۈنلۈك تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى .مۇسابىقىگە قاتناشمىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۈچ كۈن ئارام ئېلىۋالاتتى.
ئەخمەت بىلەن نەرگىزە بۇ كۈندىن پايدىلىنىپ يېقىن ئەتراپتىكى مەنزىرلىك جايغا ساياھەتكە چىقىشنى پىلانلاشقانىدى .
ئۇلار ئەتىگەن سەھەردىلا يولغا چىقىشتى . گۈزەل مەنزىرلەر ھەر ئىككەيلەننىڭ بۇ خۇشال كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، قانداقتۇر ھاياجانغا سالماقتا ئىدى .
ئۇلار تاغدىن- باغدىن پاراڭلىشىپ مېڭىپ كۆزلىگەن مەنزىلگە قانداق يىتىپ كەلگەنلىكىنى تۇيماي قېلىشتى .
يېشىل يۇپۇرماقلارغا كۆمۈلگەن دەرەخلەر ، ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن خۇشپۇراق گۈللەر ... ئۇلارنىڭ زوقىنى قوزغاپ ، ھاياجانلىق كۆڭلىنى مەستخۇش قىلماقتا ئىدى . شارقىراتمىدىن پەسكە ئېقىپ چۈشىۋاتقان سۇنىڭ شارقىرغان ئاۋازى گويا يېقىملىق ناخشىدەك تەسرات بىلەن ئەتراپقا چېچىلاتتى . سۈزۈك سۇ دولقۇنلىرى ، چىملار قاپلاپ كەتكەن قىرغاققا نازۇك ،ئاجىز ھەركىتى بىلەن ئۇرۇلاتتى . ئورمانلارنىڭ قۇيۇق يۇپۇرماقلىرى ئارىسىغا مۈكۈشىۋالغان كاككۇكلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشقى ۋىسالىنى چاقىرىشىپ يېقىملىق مەستخۇش بىلەن << كاككۇك ، كاككۇك ، كاككۇك >> دەپ تىنماي سايرىشاتتى .
ئۇلار خۇشال ھالدا ئۆزلىرىنى شۇنچە ئەركىن ، بەختىيار سەزمەكتە ئىدى ، ئۇلار يول بۇيى خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ مېڭىشتى .
- قاراڭ ، نەرگىزە ، ئۇلار نىمىدىگەن رومانتىك ھە ! _ دېدى ئەخمەت قۇلى بىلەن كۆل بۇيىنى كۆرسىتىپ .
ئاپئاق جىنەستە گۈللىرى بىلەن پۈركەنگەن ، سۈيى سۈزۈك كىچىك بىر كۆلنىڭ بۇيىدا ياشقىنا بىر جۈپ ئاشۇق -مەشۇق يالىڭاياق پۇتلىرىنى سۇغا چىلاپ ئولتۇرۇشقان ھالدا بىر -بىرى بىلەن شىرىن سۆھبەت قۇرۇشقانىدى .
نەرگىزە ئۇلارغا بىر قارىدىيۇ ، يەنە تېزلا يەرگە قارىۋالدى . ئۇ ئۇلارغا ھەۋەس قىلغانىدى ، لىكىن شۇنداقتىمۇ ئەخمەتتىن خىجىل بولغان قىياپەتكە كىرىۋالدى .
- بىزمۇ شۇ يەردە ئولتۇرۇپ بىردەم ئارام ئالمامدۇق ؟ _ دېدى ئەخمەت .
نەرگىزە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەيلا ئەخمەتكە ئەگىشىپ كۆل بۇيىغا كىلىپ ئولتۇردى . ئەخمەتنىڭ كاللىسىدا تۈمەنمىڭ خىيال ئەگىيتتى . ئۇ بۈگۈن قانداقلا بولمىسۇن نەرگىزەگە تەلەپ قۇيۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتماقچى بولغان .. لىكىن ھەربىر قېتىم ئۇنىڭغا قارىغىنىدا تىلى تۇتۇلۇپ ، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي قالغانىدى .
ئەخمەت شۇ تاپتا كۆلگە قاراپ ھەم ئۇيۇلۇپ ھەم چىرايلىق كۈلۈمسىرگىنىچە قۇلىدىكى كاككۇك گۈلىنى ئويناپ ئولتۇرغان نەرگىزەگە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن مەھلىيا بۇلۇپ ،ۋىسالىنى ئۇقۇشقا تەلپۈنۈپ تۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەيمىنىش تىزگىنى بىلەن تارتىپ تۇرۇلغان جۈرئەت ئېتى مۇددىئا پەللىسىگە قاراپ چايچىيالماي قالغانىدى .
نەرگىزە تۇيۇقسىز بىر ئىش ئىسىگە كەلگەندەك سومكىسىنى ئاختۇرۇپ ، ئەخمەتكە قارىدى .
_ ئۇساپمۇ قالغانسىز ، ئازراق ئىچىملىك ئىچىۋىلىڭ .
ئۇ ئەخمەتكە بىر بۇتۇلكا مىنىرال سۇنى سۇندى . ئەخمەت قۇلىنى ئۇزىتىۋىتىپ نەرگىزەنىڭ سومكىسىدىن كۈرۈنۈپ قالغان
بىر كىتابنى كۈرۈپ قالدى .
- قايسى كىتابنى ئوقۇۋاتىسىز ؟ _ ئۇ قىزىقىش ئىلكىدە نەرگىزەدىن سورىدى .
- ناۋايىنىڭ <<لەيلى -مەجنۇن >> داستانىنى .
_ مەن كۈرۈپ باقسام بۇلامدۇ ؟ _ ئەخمەت كىتابنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئېيتتى .
نەرگىزە كىتابنى ئېلىپ ئەخمەتكە شۇنداق سۇنىۋىدى ، خەت يېزىلغان بىر ۋاراق قەغەز يەرگە چۈشۈپ كەتتى . نەرگىزە ئەمدى قۇلىنى ئۇزىتىپ ئالاي دەپ تۇرىۋىدى ، ئەخمەت چاققان چىقىپ قەغەزنى ئاۋۋال ئېلىۋالدى . بۇ ئەسلىدە خېلى تۇنۇشلۇق بولغان بىر شائىرنىڭ چۈش ھەققىدە يېزىلغان بىر لىرىكىسى ئىدى .
ئۇيقۇدا ئېرىشسەم نىگار ۋەسلىگە ،
جەملىنەر لەززىتى شۇئان ئۇيقۇمغا .
چۈشۈمدە نامايان بولغىن چىن سۆيگۈ ،
ئويغانسام قۇشۇلار ئاققان يېشىمغا .
ئال مېنى ئىلكىڭگە ئۇيقۇ ئىلاھى ،
پاتقۇزغىن كۆزۈمنى گۇگۇم قوينىغا .
رازىمەن بۇ كىچە ئۆتسە شۇ يەڭلىغ ،
سۇ بەرسەڭ سۆيگۈدىن چاڭقاق دىلىمغا .
بەزىلەر ئۆزىچە ئۇيقۇنى دەيدۇ ،
ئۆلۈمگە باراۋەر سەگەك ياتمىسا .
ئۇيقۇدىن سۆيگۈمنى تاپساملا مەيلى _
مەن پاتاي ھازىرلا شېرىن ئۇيقۇغا .
ئەخمەت شېئىرنى ئوقۇپ بۇلۇپلا لەسسىدە بۇلۇپ قا لدى . << ھەي ، بىرەرسىگە كۆڭۈل بىرىۋىتىپتۇ - دە! كۆڭلۈمنى بالدۇرراق ئىزھار قىلسام بوپتىكەن ئەمەسمۇ ؟ >> دىگەن خىيال كۆڭلىدىن كەچتى . ئۆتكۈر ھەسەت خەنجىرى يۈرىكىگە ئۇرۇلماقتا ئىدى .
- پاھ ، نەرگىزە ، بىرسىگە كۆڭۈل بىرىۋىتىپسىز دە ! _ دېدى ئۇ ئۆزىنى تۇتۇپ ئالالماي .
_ قانداق ؟
_ شۇنداقلىقى مۇنۇ شېئىردىن چىقىپ تۇرۇپتىغۇ !
نەرگىزەنىڭ چىرايى ۋىللىدە قىزاردى .
- قەلب كۆزىڭىز بەك ئۆتكۈر ئىكەن سىزنىڭ .
_ نەرگىزە ،_ دېدى ئەخمەت بىرئاز ھۇدۇققان ھالدا ( ئۇ قانداقلا بولمىسۇن نەرگىزەگە كۆڭلى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتماقچى بولغانىدى ) بىر گەپنى ئېيتسام بۇلارمۇ ؟
نەرگىزەنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ كەتتى ، ئۇ گەرچە ئەخمەتنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاشنى ئۇزۇندىن بېرى زارىقىپ كۈتكەن بولسىمۇ ، لىكىن نىمىشقىدۇر يەنە قورقۇپ تۇراتتى . مانا بۈگۈنمۇ ھالقىلىق پەيتتە ۋۇجۇدىنى ئەنە شۇنداق روھىي تۇيغۇ قاپلىۋىلىشقا باشلىدى . نەرگىزە چىرايلىق كۆزلىرىنى ئەخمەتكە قىيا تىكتى . كۆز ئالدىدا سۆيگۈ ۋاپاسىنىڭ ھەقىقىيلىكىگە مەردانە سىماسى ، جاسارىتى بىلەن گۇۋاھلىق بىرىپ ، ئىشەنچ تىكلەپ تۇرغان ئەخمەت ئۆزىدىن جاۋاب كۈتۈپ تەلمۈرۈپ تۇراتتى .
- قانداق گەپ ئىدى ،_ نەرگىزەنىڭ نۇرلۇق چېھرىىسى ھۇدۇقۇشتىن سەل تاتاردى .
_ راست گەپ قىلسام نەرگىزە ، گەپنى قانداق باشلاشنى بىلمەي قالدىم . لىكىن شۇنداقتىمۇ ئاڭلاپ بىرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . گەپلىرىم تاقا -تۇقۇ چىقىپ قالسا كەچۈرۈڭ ... مەن ..مەن نىمە دىسەم بۇلار .. مەن سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم . بۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن بولغان ، مەن ئەسلى بالدۇرلا سىزگە دىمەكچى ئىدىم ، لىكىن جۈرئەت قىلالمىدىم ، مەن ..مەن بەك دۆت ئىكەنمەن ،سىز باشقا بىرسى بىلەن ئارلىشىۋاتمىغانسىز ھە ! _ ئەخمەت ھۇدۇقۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى قېتىم بىر قىزغا كۆڭۈل سۆزىنى ئىزھار قىلىۋاتقان بولغاچقا ، گەپلىرىمۇ قولاشماي قالغانىدى . لىكىن ئۇ شۇنداقتىمۇ ئۆز كۆڭلىدىكىنى نەرگىزەگە دەۋالغىنىغا ئۆزىنى ئەركىن ھىس قىلىۋاتاتتى .
نەرگىزەنىڭ قەلبىنى ھەرخىل تۇيغۇلار چىرمىۋالغان ئىدى ، ئۇ بىر ھازا ئۈنچىقماي ئولتۇرغاندىن كىيىن ، ئەخمەتكە بىر قاراپ قويدى -دە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئېيتتى .
- راست گەپ قىلسام مەن بىرسىنى ياخشى كۆرىمەن !
ئەخمەت بۇ گەپنى ئاڭلاپ ياپراقتەك تىترەپ كەتتى . مەيلى كىملا بولمىسۇن ئۆزى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرگەن نەرگىزەنىڭ زادى كىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئالدىراپ كەتتى .
- ئېيتىڭا ، كىمنى ياخشى كۆرىسىز ؟ _ ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتكەنىدى . ئۇنىڭ دەردىنى ئۆزىدىن بۆلەك ھېچكىم چۈشەنمەيتتى .
_ بىرسىنىڭ ئىشقىدا ، لىكىن ئۇ مېنى ياقتۇرامدۇ -يوق .. بۇنى بىلمەيمەن .
_ مەن ياردەم بىرەلەيمەنمۇ -يوق ؟ _ سورىدى ئەخمەت . ئۇنى دىلى قاتتىق يىغلىماقتا ئىدى .
- سىزلا ياردەم بەرگەن بولسىڭىز ھەممە ئىشلار كۈتكىنىمدەك بولغان بۇلاتتى ،_ نەرگىزە بىر ئاز جۈرئەتكە كىلىپ شۇنداق دىدى-دە شەھلا كۆزلىرىنى ئەخمەتكە تىكتى .
- سىز ئۈچۈن جېنىم پىدا!
- راستمۇ ؟
- ئەلۋەتتە . سىز ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنى ماڭا دەپ بىرەلەمسىز ؟ مەن ...مەن ...مەن ئۇنى چۇقۇم ماقۇل كەلتۈرىمەن .
- ئۇ ...
نەرگىزە گەپ قىلالماي قالدى ، تىلىنىڭ ئۇچىغا كىلىپ قالغان سۆزىنى يۈتىۋەتتى . ئۇ يەنىلا خىجىل بۇلىۋاتاتتى ھەم قاتتىق ئوڭايسىزلىنىۋاتاتتى .
- ئۇ ...ئۇ ..ئۇ ...دەل سىز !
_ نىمە ؟ مەن ؟
ئەخمەت بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق ۋارقىرىۋەتتى . ئۆزىنىڭ ئوڭى ياكى چۈشى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدى ، قۇلاقلىرىغىمۇ ئىشەنمەيۋاتاتتى . يۈرىكى ۋىسال شادلىقىدىن دۈپۈلدەپ ئۇردى .
_ نەرگىزە ...رەھمەت سىزگە . سىزگە كۆپ رەھمەت .
ئۇ نەرگىزەگە قايتا -قايتىلاپ رەھمەت ئېيتىپ كەتتى . نەرگىزەنىڭمۇ ئۆزىنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىدىن چەكسىز سۈيۈنمەكتە ئىدى . ئۇنىڭچە بولغاندا ھازىرلا ئېتىلىپ بېرىپ نەرگىزەنىڭ ئوتلۇق لەۋلىرىگە قانغۇچە سۆيگۈسى كەلگە
نىدى ، لىكىن ئۇ خىجىل بۇلۇپ تۇرۇپ قالدى . ھەمدە نەرگىزەگە بىر قاتار ۋەدىلەرنى بىرىپ ئۇنى مەڭگۈ بەختلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
ئۇلار بىر كۈنلۈك سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەكتەپكە قاراپ يول ئالدى . ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پات -پات ئۇچرىشىپ قالاتتى . نەرگىزەنىڭمۇ ، ئەخمەتنىڭمۇ چېھرىدە يېقىملىق بىر تەبەسسۇم جىلۋىلەنمەكتە ، ئۇلارنىڭ قەلبى ئالەمچە شادلىققا چۆكمەكتە ئىدى . كۆل ئۈستىدە بىر جۈپ ئاققۇلار ئۈزۈپ يۈرمەكتە ، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئەنە شۇ كۆل بۇيىدىن باشلانغان ئىدى .
*** *** *** ***
قۇلاقنى يارغۇدەك مۇزىكا ساداسى ، كۆزنى چاقنىتىدىغان رەڭگارەڭ چىراقلار ...
بۈگۈن ئادىلەنىڭ نەچچە كۈن ئالدىدا تاسادىپىي بىر يىغىلىشتا تۇنۇشۇپ قالغان دوستى دىسكۇخانىدا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگەنىدى . سۇرۇنغا ئادىلەنىمۇ چاقىرغان ، لىكىن ئادىلەنىڭ بىر ئوغرى قىز ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى . ئادىلە سۇرۇنغا ئۇزۇن چاچلىرىنى قۇيۇۋىتىپ ، ئۆزى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىنەپشە رەڭ كۆينىكىنى كىيىپ كەلدى . ئۇنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كىشى ئۇنى بىرەر داڭلىق ئۇنۋىرستتا ئۇقۇيدىغان ، بىلىملىك قىزمىكىن دەپ ئويلاپ قالاتتى .
سۇرۇندا ئولتۇرۇشقان ھەممە ئوغۇللارنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا تىكىلگەن ، ھەربىر مۇزىكا باشلانغاندا بەس -بەس بۇلۇشۇپ ئۇنى تانسا -ئۇسۇلغا تارتىپ تۇراتتى . ئادىلە ئۆز بېشىغا كەلگەن بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇپ ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشقا تىرىشىۋاتاتتى . شۇڭا ئۇغۇللار ئۇنى تانسا -ئۇسۇلغا تارتقىنىدا ھېچقانداق نازلىنىپمۇ ئولتۇرمىدى ،ناھايىتى قىزغىن ھالدا ئۇلار بىلەن تانسا ئوينىدى .
ئارىدىن بىر بەستلىك ، خۇشچىراي ، بۇغداي ئۆڭ ، كىلىشكەن بىر يىگىت ئۇنى تانسا ئويناشقا تەكلىپ قىلدى . مۇزىكىنىڭ رىتىمغا ئەگىشىپ ئادىلەنىڭ يۈرىكىمۇ گۈپۈلدەپ سۇقۇۋاتاتتى . پۇتلىرىمۇ يەردە توختىماي پىقىرايتتى .
_ ئىسمىڭىزنى بىلسەم بۇلامدۇ ؟ __ سورىدى يىگىت .
_ ئادىلە . _ ئۇ ناھايىتى ئەركىن جاۋاب بەردى .
يىگىت ئۇنىڭ گۈزەل چىرايىغا مەپتۇنلارچە تىكىلىپ قالغانىدى ، لىكىن ئادىلە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا دىققەت قىلمايتتى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇلارنىڭ يېنىدا تانسا ئويناۋاتقان بىر قىزنىڭ بوينىدىكى ئالتۇن زەنجىرگە تىكىلىپ قالغانىدى . ئادىلە پۈتۈن ئېسيادى بىلەن ئۇنى قولغا چۈشۈرۋېلىشقا شۇنچىلىك ئىنتىلىپ ، يېنىدا تانسا ئويناۋاتقان يىگىتنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى .
_ نىمە ئىش قىلىسىز ؟ _ سورىدى يىگىت قايتىلاپ . بايا ئۇ بىر قېتىم سورىغانىدى ، لىكىن ئادىلەنىڭ ئىپادە بىلدۈرمىگىنىنى كۆرۈپ ئاڭلىمىغان بولسا كىرەك دەپ قايتا سوراۋاتاتتى .
ئادىلە ئۇنىڭ گىپىدىن ئەسلىگە كەلگەندەك بۇلۇپ، نىمە دەپ جاۋاب بىرىشنى بىلمەي قالدى . ھەم تېزلا يىگىتكە سۇس كۈلۈمسىرەپ :
_ ھازىرچە خىزمىتىم يوق ، ئۆيدە خىزمەت كۈتۈپ تۇرىمەن ،_ دەپ جاۋاب بەردى . يىگىت ئۇنىڭ سۆزىدىن رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ :
_ باياتىن ئىسمىڭىزنى سورىسام ، مېنىڭ ئىسمىمنى سوراپمۇ قويمىدىڭىز . شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي ، ئىسمىم يارقىن ، ئۆزۈم ھەربىيلىككە قاتنىشىپ ، يېقىندا قايتىپ كەلدىم .ھازىر پىراكتىكا ساقچى بۇلۇپ ئىشلەۋاتىمەن ...
_ ساقچى ؟! _ ئادىلە ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن چۆچۈپ كەتتى ، لىكىن شۇنداقتىمۇ كۈلۈمسىرگەن قىياپەتكە كىرىۋالدى ...
يارقىن ئۇنىڭ بىردىنلا چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ، كۈلۈپ تۇرسىمۇ كۆزلىرىدىن بىرخىل قورقۇنچقا ئوخشاش ئۇچقۇنلارنىڭ پىلدىرلاپ تۇرغانلىقىنى سىزىپ ئۇنىڭغا قاراپ ئېيتتى :
_ شۇنداق ، ساقچى . ساقچى دىسەم نىمانچىلا چۆچۈپ كىتىسىز ؟ چۇقۇم بىرەر قانۇنغا خىلاپ ئىشتىن بىرنى سادىر قىلىپ قۇيۇپسىز دە ! _ يارقىن بۇلارنى دەۋىتىپ كۈلۈپ كەتتى .
- نەدە چۆچۈپ كەتتىم . شۇ مۇزىكىنىڭ ئاۋازى ئۈنلۈك بوپ كەتكەچكە ئاڭلىماي قايتا سورىدىم ،_ دېدى ئادىلە تېزلا ئۇنىڭ سۆزىگە رەدىيە بىرىپ .
يارقىن تېخىچە كۈلۈۋاتاتتى .
_ چاقچاق قىلىپ قويدۇم ئادىلە . سىز بىلەن تۇنۇشقىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن ...خالىسىڭىز ئىزدىشىپ ئۆتەيلى ، مەن ھەل قىلىپ بىرىدىغان قانداقلا ئىش بولمىسۇن مېنى ئىزدىسىڭىز بۇلىدۇ .
يارقىن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى سورىماقچى بۇلۇپ تۇرغىنىدا مۇزىكا ئاخىرلىشىپ قالدى . ئادىلە تېزلا ئۇنىڭغا يىنىك ئاۋازدا <<رەھمەت >> دىگىنىچە ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى .
- توۋا ،دەيتتى ئۇ ئۆز -ئۆزىگە.. مەن تۇنۇشقان يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ساقچىمۇ نىمە ؟ ئۇلاردىن قانچە ئۆزەمنى ئېلىپ قېچىۋاتسام ماڭا ئۇچراپ تۇرغىنىنى ...
شوخ ، يۈرەكنى تىترىتىدىغان ئۇسۇل مۇزىكىسى ياڭرىماقتا ئىدى . ئادىلە بايا ئۇنى بىر پەدە ئۇسۇلغا تارتقان يارقىنغا << كەچۈرۈڭ ، بەك ھېرىپ كەتتىم . بىردەم ئارام ئېلىۋالاي >>دىگەننى باھانە قىلىپ ھېلىقى ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان قىزنى كۆزىتىشكە باشلىدى. ئۇ قىز ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن ھالدا مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا كەلتۈرۈپ ئەسەبىيلەرچە سەكرەپ ئۇسۇل ئويناۋاتاتتى .
تۇيۇقسىز زالنىڭ بىر يېرىدە مالىمانچىلىق كۆتۈرۈلدى .. مۇزىكىمۇ توختاپ قالدى . ئەسلىدە بىر يىگىت ئۇسۇل ئويناۋىتىپ ئۇنىڭ قۇلى تاسادىپىيلىقتىن ھېلىقى ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان قىزنىڭ يۈزىگە تىگىپ كەتكەن ، ئۇ قىز بىلەن ئۇسۇل ئويناۋاتقان يىگىت بۇنى كۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشىۋاتقان ئىدى . ھەممەيلەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇلارنىڭ ئۇرۇشىنى تاماشا قىلىپ تۇراتتى . بىر كەمدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەمراھلىرى بىر -بىرىگە ئېتىلىپ كىلىشتى . ھەش -پەش دىگۈچە دىسكۇخانا ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتتى . ئۈستەللەر ئۆرۈلۈپ ، ئۇرۇندۇقلار ئۇيان -بۇيان ئۇچۇپ ئادەملەر پاتپاراق بۇلۇشۇپ كەتكەنىدى .
يارقىن ساقچى بولغاچ ئۇلارنى ئاجرىتىش بىلەن ئاۋارە ئىدى ، بىر كەمدە ساقچىلار تېزلا نەق مەيدانغا يىتىپ كىلىشتى . ھەم ئۇلارنى ئاجرىتىپ ئۇرۇشقانلارنى ئېلىپ مېڭىشتى . يارقىن بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىپ بۇلۇپ ، ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى . ئۇ ئادىلە ئولتۇرغان ئۇرۇنغا قارىۋىدى ، ئادىلە كۈرۈنمەيتتى . يارقىننىڭ يۈرىكى ئۆزىمۇ ھىس قىلىپ باقمىغان بىر تۇيغۇغا كىلىپ قالدى ، ئۇ بەلكىم ئادىلەنى بايىقى قالايمىقانچىلىقتىن قورقۇپ سىرتقا چىقىۋالغان بولسا كىرەك ،دەپ ئويلاپ سىرتقا قاراپ ماڭدى .
_ ۋاي ، مېنىڭ زەنجىرىم يوق تۇرىدۇ ؟
بىر قىز ئېچىنىشلىق ۋارقىراپ كەتتى . ھەممەيلەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراشتى . بايىقى ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان قىز بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئالتۇن زەنجىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ، ئۇنى تېخى نەچچە كۈن ئالدىدا نەچچە تۈمەنگە ئالغانلىقىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى . بىر نەچچە ساقچىلار ئۇ قىزدىن ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈپ خاتىرە قالدۇرىۋاتاتتى .
يارقىن سىرتقا چىقىپ قارىۋىدى ، ئادىلەنىڭ سايىسىمۇ كۈرۈنمىدى . ئۇ بۇنىڭدىن كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ باشقا ھەمراھلىرىغا ئېيتىپمۇ قويماي قايتىش ئۈچۈن ماڭدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە سائەتمۇ كېچە 11 دىن ئېشىپ قالغانىدى .
ئادىلە چوڭ -كىچىك ماشىنلارنىڭ ئارىسىدىن ئۈتۈپ يۈگۈرۈپ كىتىۋاتاتتى . خۇددى بايا ئالتۇن زەنجىرنى ئېلىۋالغاندا باشقىلارنىڭ كۈرۈپ قېلىپ ئارقىسىدىن قوغلاپ كىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ تېخىمۇ ئىتتىك يۈگۈرۈشكە باشلىدى . ئۇنىڭ يۈرىكى تېخى ئورنىغا چۈشمىگەن ئىدى .
- ئادىلە !!
ئادىلە ئالدىدىكى بىر گۈللۈكتىن ئاتلاپ ئەمدىلا يولنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتەي دەپ تۇرىشىغا بىرى ئۇنى چاقىردى . ئۇ چۆچۈپ كەينىگە قارىدى ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا بىر قېتىم ئادىلە پورتمىنىنى ئوغۇرلىۋالغاندا سىزىپ قالغان ئابلەت ساقچى تۇراتتى . ئۇ ئابلەت ساقچىنى كۈرۈپلا ئەينى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىشلار ئىسىگە كىلىپ تېخىمۇ ئالاقزادىلىككە تۇلۇپ كەتتى .
_ قىزىم ، سالاھىيەت كىنىشكەمنى قايتۇرۇپ بىرىپ پورتماننى ئۆزىڭىز ئېلىپ قالسىڭىز ...
ئابلەت ساقچىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ھەربىر ئېىسگە ئالغان ئادىلە ئۆز-ئۆزىدىن ، دادىسدىن نەپرەتلىنىپ كىتەتتى .
- قىزىم ، بۇ كىچە بولغاندا سىرتتا نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز ؟ _ سورىدى ئابلەت ساقچى ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ . گەرچە ئۇ ئادىلەنى چۇقۇم كىچىدە سودا ئىزدەپ مېڭىۋاتقان بولسا كىرەك ،دەپ ئويلىغان بولسىمۇ ئۆزىدىن سورىغۇسى كەلگەنىدى .
_ مەن ...مەن ..._ئادىلە تەمتىرەپ كەتتى ، ئارقىدىنلا ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى .
_ ۋۇي قىزىم ، زادى نىمە ئىش بولدى ؟ _ ئابلەت ساقچى ئۇنىڭغا مىھرىبانلاچە ، ئاتىلىق مىھرى بىلەن تىكىلدى .
_ سىزگە راست گەپ قىلسام تاغا ، بۈگۈن بىرمۇ سودا قىلالمىغانىدىم . دادام مېنى ئۇرۇپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرۋەتتى . ئادىلە يالغان سۆزلىدى ، ئابلەت ساقچى ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئىچى ئاغرىپ كەتتى .
_ ھەي ..بوپتۇ قىزىم ، كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ .. ھېچ ۋەقەسى يوق .ئەگەر خالىسىڭىز بۈگۈن مېنىڭ ئۆيۈمدە قۇنۇپ قېلىڭ ... _ ئابلەت ساقچى قىلچە گۇمان قىلغىلى بولمايدىغان ئالاھىدە تەلەپپۇزدا سۆزلىدى ،_ دادىڭىزنى مەن ئەتە ساقچىلارنى ئەۋەتىپ تۇتقۇزۇپ كىلەي !
_ ياق ...ياق ..ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ تاغا ! _ ئادىلە چۆچۈپ كەتتى ، ئەقىلسىزلىق قىلىپ تاپقان بۇ يالغان سۆزىگە پۇشايمان قىلىپ كەتتى .ئۇنىڭغا يېلىنىش ، بىچارىلىك ئارلاشقان كۆزلىرى بىلەن قارىدى ...
_ بوپتۇ ئەمىسە .. بۇ كىچىدە يالغۇز يۈرسىڭىز ياخشى بولمايدۇ . ئەمىسە مېنىڭ ئۆيۈمدە قۇنۇپ قېلىڭ...
ئادىلە ئۆيگە قايتمىسا دادىسىدىن ئۆلگۈچە تاياق يەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ،بۇ ئاقكۈڭۈل ساقچىدىن تەسىرلىنىپ ھەم دادام ئۇرۇپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى ، دىگەن يالغان سۆزىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىنى خالىماي ئۇنىڭغا ئەگەشتى .
ئۇلار بىردەمدىلا ئابلەت ساقچىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كىلىپ قالدى ، ئادىلە ئۈندىمەي بېشىنى ئىگىپ تۇراتتى . ئابلەت ساقچى ئۇنىڭ قۇرۇنۇپ قالغانلىقىنى كۈرۈپ :
_ قېنى ، ئۆيگە كىرىڭ ،_ دېدى ئۆزى باشتا ئۆيگە كىرىپ .
ئادىلە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاستا ئەگىشىپ ئۆيگە كىردى .
ئابلەت ساقچى ئادىلەگە بۇرۇلۇپ سەپسالدى ، رۇشەن چىراغ نۇرىدا ئۇنىڭغا بۇ قىزنىڭ ۋۇجۇدىدا پەۋقۇلئادە بىر جەزبىدارلىق باردەك بىلىندى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئادىلەگە تىكىلىپ قالغانلىقىغا ئۆزىمۇ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى .
ئۇ ئادىلەنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ قۇيۇپ ئۆزى ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى . ھايال ئۆتمەيلا ئۇ قۇلىدا مىنىرال سۇ كۆتۈرۈپ كەلدى .
_ مەڭ ، -دېدى ئۇ مىنىرال سۇنى ئادىلەگە تەڭلەپ ،_ئۇساپمۇ قالغانسىز ...
_ رەھمەت تاغا ،_ ئادىلە تېخىچە ئوڭايسىزلىنىپ قورقۇپ تۇراتتى .
_ ھېچقىسى يوق قىزىم، ھەرگىز تارتىنماڭ ، ئەگەر ئۇيقۇڭىز كەلگەن بولسا ئاۋۇ ئۆيگە كىرىپ ئارام ئېلىڭ ...
ئادىلە ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ، تىترىگەن قوللىرى بىلەن مىنىرال سۇنى ئېلىپ ئابلەت ساقچى كۆرسەتكەن ئۆيگە كىرىپ كەتتى . ئابلەت ساقچىمۇ ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ھوجرىسىغا قاراپ ماڭدى ...
ئادىلە ئۆيگە كىرىپ ئىشكنى ياپقاندىن كىيىن ئۆيدىكى ئېسىل سەرەمجانلارنى كۈرۈپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدى . ئۇ ئۆزىگە ئۇرۇن سېلىپ بۇلۇپ ، يوتقانغا پۈركۈنۈپ ياتقىنىچە خىيالغا چۈمۈپ كەتتى .
ئىشكنىڭ تۇيۇقسىز ئۇرۇلغان ئاۋازى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى . ئۇ بۇ كىچىدە ئۆيگە كەلگەن كىمدۇ ؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ ئىشىك يېنىغا كىلىپ تۇردى ..
_ ۋۇي .. كەل ..كەل ئوغلۇم . بۈگۈن بۇ غېرىبانە خانەمگە قەدىمىڭ يىتىپ قاپتىغۇ ؟ _ ئابلەت ساقچىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
_ بۈگۈن بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە قاتنىشپ سەل كەچ قالغانىدىم ، ئۆيگە قايتىشقا ئېرىنىپ ،سىزنىڭ ئۆيىڭىز يېقىن بولغاچقا مۇشۇ يەرگىلا كەلگەنىدىم .
ئادىلە بۇ تۇنۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا قېتىپلا قالدى ، بۇ ئېنىق يارقىن ئىدى ...
_ ھەئە ... ناھايىتى ياخشى بوپتۇ ئوغلۇم ..قېنى ئولتۇر . ئۇسسۇزلۇق ئىچەمسەن ؟
- بولدى رەھمەت تاغا ...بۇ يېرىم كىچىدە كىلىپ سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم . بەك چارچاپ كىتىپتىمەن . مەن ئارام ئالاي ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتە بىجىرىدىغان جىددىي بىر ۋەزىپە بار ئىدى. سىزمۇ بالدۇر ئارام ئېلىڭ ،_ يارقىن شۇنداق دىگىنىچە بايا ئادىلە كىرىپ كەتكەن ئۆيگە قاراپ ماڭدى .
_ ۋۇي... ئۇ ئۆيدە ئادىلە بار ئىدى .
_ ئادىلە ؟ _ سورىدى يارقىن ئەجەبلىنىپ .
دەل شۇ چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ ئادىلە ئۆيدىن چىقتى . يارقىن ئۇنى بۇ ئۆيدە كۈرۈپ قېتىپلا قالدى. ئادىلەمۇ ھۇلۇقۇپ ئۆزىنى نەگە قۇيۇشنى بىلمەي قالدى . ئابلەت ساقچى ئادىلەنىڭ ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ :
_ بۇياق ئادىلە ،_ دېدى ئۇنى يارقىنغا تۇنۇشتۇرۇپ ،_ بىر دوستۇمنىڭ قىزى بۇلىدۇ . بۈگۈن دادىسى سىرتقا چىقىپ كىتىپ يالغۇز قالغاچ بۇ ئۆيگە كىلىپ تۇرغانىدى ...
_ ھەئە !
يارقىن قېتىپ تۇرۇپ قالدى . ئادىلەنى بۇ ئۆيدە ئۇچرىتىپ قالغىنى ئۇنىڭغا مۆجىزە بۇلۇپ بىلىندى .
_ بۇ ياق يارقىن ... مېنىڭ ئۆز ھەدەمنىڭ يالغۇز ئوغلى بۇلىدۇ ... ئادىلە سىز كىرىپ ئارام ئېلىڭ ، بۈگۈن يارقىن بىلەن ئىككىمىز بۇ ئۆيدە ياتايلى .
ئابلەت ساقچى مىھىر يېغىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئادىلەگە قارىدى ، ئادىلە يەرگە قارىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقاندىن كىيىن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى .
كېچىنىڭ سوغۇقى كۈچەيدى ،پۈتۈن ئەتراپ جىمجىتللىققا چۆمگەنىدى ،ئاسماننى قارا بۇلۇتلا قاپلاپ كەتكەن ، بىر تال يۇلتۇزلارنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى .
ئادىلە خىيال ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلاتتى ... ئۇنىڭغا يۇلۇقىۋاتقىنى خۇددى ھىندىستان فىلىملىرىگە ئوخشاش ۋەقەلىك ئىدى ، ئۇ ئۆزىنى كىنودا رول ئېلىۋاتقان ئايال باش قەھرىمانغا ئوخشاتتى . ئۇ شۇنداق ئوخشاتقانسىرى بۇ ئىشلارنىڭ راستىنلا بىر كىنو ۋەقەلىكى بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىپ كەتتى . ئۆزىنىڭ باشقىچە بىر ئادەم بۇلۇپ ،يېڭى بىر ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرۈش قىلىشنى ئارزۇ قىلماقتا ئىدى .. ئۇنىڭ خىيالىغا نە دادىسى ،نە بىر كۈن يوقاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يەيدىغان تاياقلىرى كىرىپ چىقمايتتى ...
يارقىنمۇ ئۇخلىيالماي ئۇيان -بۇيانغا ئۆرۈلەتتى ، ئادىلەنى خىيال قىلاتتى . ئۇنىڭ گۈزەل چىرايى كۆز ئالدىدا نامايان بولغانسىرى ئۇنىڭ چىقىپلا ئادىلە بىلەن كۈرۈشكۈسى ، قانغۇچە مۇڭداشقۇسى كىلەتتى . ئۇلارنىڭ ئارلىقىنى بىر قەۋەت تام تۇسۇپ تۇرماقتا ئىدى ... ئۇ ئادىلەنى خىيال قىلغانسىرى ئۇنى بىر كۈرۈپلا ياخشى كۈرۈپ قالغاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدى....
داۋامى بار ... باشقا تور بەتلەرگە يوللاشقا بولمايدۇ . ئەڭ يېڭى تېمىلىرىمنى كۆرمەكچى بولسىڭىز يانغىن تور خاتىرىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلىڭ !
http://chinmachin.blogbus.com/