تاغ-داۋاندا تىك-قىيا ئاشالامسەن مەن بىلەن ،
دەريا-دېڭىز ئوكياندا تاشالامسەن مەن بىلەن.
ئايرىلمايمىز مەڭگۈ دەپ ۋەدىلەرنى قىلىشتۇق،
شۇ ۋەدىدە دىگەندەك ياشالامسەن مەن بىلەن.
كېچىلەردە مەشئەل بوپ يانالامسەن مەن بىلەن ،
ئەل سۆيمىگەن نامەردتىن تانالامسەن مەن بىلەن.
بۇتۇرمۇشنىڭ زۇلمەتكە پاتقىنىغا مىڭ لەنەت ،
ئاشۇ زۇلمەت ھارامدىن قاچالامسەن مەن بىلەن.
بۇ ھاياتقا بىر مەنا قاتالامسەن مەن بىلەن ،
بۇ ھاياتنىڭ تېشىنى چاقالامسەن مەن بىلەن،
شۇندا بىر كۈن كەلسە ھەم بېشىمىزدا تۈرلۈك غەم،
ئاشۇ كۈلپەت غەملەرنى تاتالامسەن مەن بىلەن.
ياۋلارغا گەر بىر پاي ئوق ئاتالامسەن مەن بىلەن،
جەڭگاھلاردا سەپ تارتىپ ماڭالامسەن مەن بىلەن،
ياۋۇز دۈشمەن ئالدىدا قەددىڭنى ھەم تىك تۇتۇپ،
ئككىلەنمەي ئۈلۈمگە باقالامسەن مەن بىلەن .
ھاياتىمدا بار نىشان يىتەلەمسەن مەن بىلەن ،
شۇ يۇلۇمدا كۆپ جاپا چىكەلەمسەن مەن بىلەن.
كەلسە ئەگەر نۆۋىتى مۇھابەتنىڭ سىنىقى ،
يۇرت ماكاندىن ھەممىدىن كىچەلەمسەن مەن بىلەن.
جاپا بىرلە راھاتنى كۈتەلەمسەن مەن بىلەن .
جان ئۈزگىچە بىرىمىز ئۈتەلەمسەن مەن بىلەن،
ئەي نىگارىم جان گۈلۈم مىنى سۈيۈپ چىن دىلدىن،
مەن بولغاچقا ھاياتتا كۈلەلەمسەن مەن بىلەن.
سەمانى: بۇ شېئرىمنى مەن ئۈچۈن ئەڭ ئوماق ئەڭ مىھىرلىك بولغان كەلگۈسى ئايالىمغا بېغىشلايمەن.
ئەسكەرتىش:ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىماڭ.