نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> بۈگۈنكى دۇنيا >>
قېرى يىگىتلەرنىڭ ئالدىراپ توي قىلماسلىقتىكى 8 سەۋەبى
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-27 10:57:04  يازغۇچى:نازىگۇل  كىلىش مەنبەسى:تۇرمۇشتىن مەسلىھەت  ئاۋاتلىقى:662   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئوغۇللارنىڭ ئۆيلىنىشكە ئالدىرىماسلىقىنىڭ 8چوڭ سەۋەبى


1.بويتاقلىققا كۆنۇپ قېلىش:
بۇ خىلدىكىلەر ئەركىن ياشاشنى بەكرەك خالايدۇ،باشقىلار تەرىپىدىن ،تۇرمۇش تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنىشنى ياقتۇرمايدۇ،توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەنلەر ئاساسەن مۇشۇ خىلغا تەۋە.

2.ۋاقتىنچە قىز دوست تاپالماسلىق:
بۇنىڭ سەۋەبى بەك ئاددى،ئېتىقاد- ئەخلاقىمۇ،چىرايىمۇ ئوزىگە يارايدىغان قىزنى ئۇچرىتالماسلىق.

3.تۇرمۇش بېسىمى ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولۇش،توي قىلىشقا يىتەرلىك ئىقتىساتنىڭ كەمچىللىكى:
ئوي،ماشىنىنى دىمەيلا تۇرايلى،توي قىلىشقا كېتىدىغان مەبلەغ،تويدىن كىيىنكى ئوينىڭ چىقىمى قاتارلىق غەملەرمۇ ئوغۇللارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مۇھىم سەۋەپ بولۇپ قالدى.

4.ھەقىقى مەنىدە بىر قىزنى ياخشى كۆرەلمەسلىك:
بىر قىزنى ياقتۇرۇپ قېلىش بەك ئوڭاي،لېكىن ياقتۇرۇش بىلەن ھەقىقى ياخشى كورۇشنىڭ پەرقى بار.ئارىمىزدا ئۇجمە كوڭۇل ئوغۇللارمۇ كوپىيىپ قالدى،ئۇنىڭ ئۇستىگە ياش چوڭايغانسىرى كوز قورقىدىغان بولۇپ قالىدىغان گەپ.

5.مەسئۇلىيەتتىن قېچىش:
تويدىن كىيىن ئەركىشىنىڭ بېشىغا نۇرغۇن مەسئۇلىيەتلەر كېلىدىغان گەپ،بۇرۇن ئوزىڭىزنىلا ئويلىسىڭىز تويدىن كىيىن ئائىلىڭىزدىكىلەرنى قوشۇپ ئويلىمىسىڭىز بولمايدۇ،نۇرغۇن مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىسىڭىز تېخى بولمايدۇ،مۇشۇ مەسئۇلىيەتكە دادىل يۇزلىنىشمۇ ئۇنچە ئاسان بولمىسا كېرەك.

6.مۇھەببەتتە زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش:
بۇنى كوپىنچىمىز ئوبدان بىلىمىزغۇ دەيمەن،چۇنكى مۇھەببەتنىڭ تۇنجى قېتىملا ئوڭۇشلۇق بولۇشى بەك تەس،ئەگەر ياخشى كورىدىغان ئادىمىدىن زەربە يىگەن بولسا ئۇنىڭ دەردىمۇ كىشىنى خېلى ۋاقىتقىچە قىينايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئومۇرلۇك ئىشقىمۇ سەل قاراش كېلىپ چىقىدۇ.

7. ئوقۇش،خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇش:
مەخسۇس كۇرسنى پۇتتۇرۇپ تولۇق كۇرس ئوقۇش،ئاندىن ئاسپىرانتلىق،ئېپى كەپقالسا دوكتۇرلۇق ئوقۇش،بىرەر ئىشنى بىر باشقا ئەچىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغىچە توي ئىشىنى ئويلانماسلىق نۇرغۇن يىگىتلىرىمىزنى قېرىتىۋاتىدۇ، <مارافونچە >ئوقۇش،ياخشى خىزمەت تېپىپ،بارلىق شارائىت ھازىرلانغاندا توي قىلىمەن دىيىشنىڭ ئوزىنى مەن ھازىر چوڭ ئەخمىقانىلىق دەپ قارايمەن،تورداشلار نىمە دەيدىكى؟

8.تاللاپ-تاللاپ كۆزى تورلىشىش،ئۆز ھېسسىياتىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان بولۇپ قېلىش:
<ھازىر جەمىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى،ئوبدانراق تاللىمىساق چاتاق چىقىدۇ>دەپ ئويلاپ،تولا قۇسۇر ئىزدەش،ھەتتا قىزلارنى كولدۇرلىتىپ يۇرۇپ ئوزىدىنمۇ چاتاق چىقىرىپ قويۇش،ئاخىرىدا تاللاپ-تاللاپ تازغا ئۇچراشمۇ يىگىتلەرنىڭ ئويلىنىش ئىشىنى كەينىگە سۇرىۋاتىدۇ.

تورداش << نازىگۇل>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ