ئىسمى : Arnold Schwarzenegger مىللىتى : نىمىس ، 1947-يىل 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاۋىستىرىيىنىڭ ئەڭ نامرات ھەتتا سۆزلىشىدىغانغا تېلىفونىمۇ يوق بىر كەنتدە دۇنياغا كەلگەن . ئاتىسى كەنىت ساقچىسى ئىدى . ئارنولد سىۋاسىنگېر كىچىك چېغىدىلا ئۈچ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولۇپ ، 1-ئارزۇيى كۈچتۈنگۈر بولۇش 2-ئارزۇسى مۇۋاپىقىيەت قازانغان سودىگەر بولۇش ، 3-ئارزۇسى بەخىتلىك ئىناق ئائىلە قورۇش .
ئارزۇيىنى بالدۇراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، چېنىشقا بەك ئەھمىيەت بەرگەن بارا-بارا كۆزگە تونۇلۇشقا باشلىغان . 15 يېشىدا رەسمىي تونۇلۇپ ، ھەرتۈرلۈك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا باشلىغان ھەمدە دۆلەتكە ۋەكىل بولۇپ ياۋروپادا تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان . ئۇچار ئادەم ، ئەڭ ياخشى ماھىر دىگەندەك شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن . ئالتە قېتىم ئولىمپىك ئەپەندى ،مۇسكۇل چىقىرىش چولپىنى ، ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى ۋە شۇنداقلا 20-ئەسىردىكى ئۆمۈرلۈك بۈيۈك تەنھەرىكەتچى دىگەندەك شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن .
مۇشۇنداق قىلىپ 60-يىللاردا 1-ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان .1960-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىغا بارغان دەسلەپتە تىل ئۇقماسلىق سەۋەبىدىن ئانچە كۆزگە چىلىقمىغان ، بىراق تىرىشچانلىقىغا تاينىپ ئاخىرى تونۇلغان ھەمدە ئامېرىكىدا نوپۇزلۇق بولغان كىننىدى جەمەتىدىكى ئىقتىدارلىق ساھىبجامال مارىيە بىلەن توي قىلىپ بەخىتلىك ئائىلىسىنى قۇرىۋالغان ھەمدە 3-ئارزۇسىغا يەتكەن بىراق 2-ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي يەنە تىرىشقان . 1980-يىللاردا 2- ئارزۇسىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغان .
ھازىر ئارنولد سىۋاسىنگېرنىڭ كالىفورنىيەدە قۇرغان چېنىقىش مەركىزى چېنىقىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماي يەنە يىلدا ئۆتكۈزىلىدىغان مۇسكۇل چىقىرىش مۇسابىقىسىگە بىرىنچى بولۇپ باھا بېرىش سالاھىيىتى بار .
1970-يىلدىن باشلاپ ئەسلىدىكى تەنھەرىكەتچىدىن بارا-بارا ھوللىۋود كىنولىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئارتىسقا ئايلانغان ( بولۇپمۇ 1970-يىلى ئىشلەنگەن يۇنان ئەپسانىلىرىدا تەسۋىرلەنگەن زىۋىسنىڭ ئوغلى يىرىم ئادەم يېرىم ئىلاھ ھېراكلىس توغرىسىدىكى كىنو<< ھېراكلىس نىيۇيوركتا >>) . ئارنولد سىۋاسىنگېر دىسىلا ئادەمگە سەل ۋەھىمە ھىس قىلدۇرىدىغان كۈچتۈنگۈرلەر چىقدىغان ھەرىكەتلىك كىنونىڭ ئوبرازى بولۇپ قالغان . مۇشۇ باھانىدا بىر قىسىم كىنو شىركەتلىرى ھەرىكەتلىك كىنونىڭ ئوبرازى بولۇپ قالغان ئارنولد سىۋاسىنگېر ئارقىلىق سودىسىنى يۈرۈشتۈرۈپ كەتكەن . 2003-يىلى كالفورنىيە شىتات باشلىقى بولۇپ سايلىنىپ سىياسىغا قىزىقىپ قېلىپ كىنو ساھەسىدىن چىكىنىپ چىققان .



ئۇنىڭ رول ئالغان كىنولىرى
1970 Hercules in New York
1973 Long Goodbye, The
1977 Pumping Iron
1979 Scavenger Hunt
1979 Villain, The
1980 Jayne Mansfield Story, The (TV)
1982 Christmas in Connecticut (TV)
1982 野蛮人科南 (Conan the Barbarian)
1982 CONAN The Destroyer
1983 Carnival in Rio (TV)
1984 终结者 (Terminator, The)
1985 Commando
1985 Red Sonja
1987 终极战士 (Predator)
1990 全面回忆 (Total Recall)
1991 终结者Ⅱ (Terminator 2)
1992 Feed
1993 幻影英雄(The last action hero)
1994 真实的谎言 (True Lies)
1994 Beretta's Island
1994 幼儿园特警 (Kindergarten Cop)
1994 小家伙 (Junior)
1996 蒸发密令 (Eraser)
1997 蝙蝠侠与罗宾 (Batman and Robin)
1999 末日英雄 (End of Days)
2000 第六天 (6th Day, The)
2001 间接伤害 (Collateral Damage)
2002 终结者3 (Terminator 3)