ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئىقتىدارلىق كالىندار دىتالىنى ئىشلىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز
مۆچەل ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭ
ھاياتلىق پائالىيىتى مۇئەييەن دەۋرىيلىك ۋە قانۇنىيەت ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ، مۈچەللەر ۋەكىللىك قىلىدىغان يىل - دەۋرلەر مۇئەييەن دەۋرىيلىكنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىز 12 مۈچەلگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىنى تۇغدۇرۇش ۋە بىر - بىرىنى چەكلەش مۇناسىۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كىم سىزگە ئۆمۈرلۈك تەقدىرداش بولالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن ھايات - ماماتتا بىرگە تۇرالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن غىل - پاللا دوست بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن؟ كىم سىز بىلەن قاتتىق - يىرىك بولۇپ غىژ - غىژلىشىپ ئۆتىدۇ؟ سىز كىمگە سىر بەرسىڭىز بولىدۇ؟ كىمدىن نېرى تۇرۇشىڭىز كېرەك؟ مۈچەللەرنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلاش سىزگە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن . «ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا» دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز. 12 مۈچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي
قېنى ئەمىسە بۇ ئىقتىدارلىق كالىندارنى ئىشلىتىپ كۈرۈڭ، بۇ كالىندار سىزگە سىز رازى بولغىدەك ماتېريال بىلەن تەمىنلەيدۇ
تارىختىكى بۈگۈن
( 2-ئاينىڭ23-كۈنى )
جۇڭگو خەلقىنىڭ سادىق دوستى، ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئايال يازغۇچى ۋە مۇخبىر ئاگنېس سمېدلېي(1950 - 1892) نىڭ تۇغۇلغان كۈنى. سمېدلېي ئامېرىكىدا بىر نامرات دېھقان ۋە كان ئىشچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1928 - يىلى، ئۇ گېرمانىيىدىكى «فرانىكخۇرتېر» كۈندىلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سۈپىتىدە جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگودا 12 يىل تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئالدى بىلەن شاڭخەيدە تۇرۇپ جۇڭگونىڭ ئىلغا مەدەنىيەت ھەركىتىگە قاتنىشىدۇ، ئاندىن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ھارپىسىدا يەنئەنگە بېرىپ، ياپونغا قارشى جەڭ بولۇۋاتقان ئالدىنقى سەپتە داۋالاش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سېمدلېي توغرىسىدا بۇنداق بىر كىچىك ھېكايە تارقالغان:1937 - يىلى 9 - ئايدا، سمېدلېي يەنئەندىن شىئەنگە يولغا چىقىدۇ. ئۇ ئەسلىدە پۇقراچە كىيىم بىلەن يۈرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن شىئەن شەھىرىگە ئاز قالغاندا، ئۇ ئۈستىگە ئەتەي قىزىل ئارمىيە كىيىمىنى كىيىۋالىدۇ، سمېدلېي بىلەتتىكى، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىئەندە، چەتئەللىك بىر ئايال كىشى قىزىل ئارمىيە كىيىمىنى كىيىپ كوچىدا يۈرگەندە، پۈتكۈل شەھەر ئەھلىنىڭ ھاڭ - تاڭ قېلىشى تۇغان گەپ. بىراق، سېمېدلېي مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق قىزىل ئارمىيىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتمەكچى بولغان. سمېدلېينىڭ جۇڭگو خەلقىغە بولغان مېھرى - مۇھەببىتى بەك چوڭقۇر ئىدى. ئۇ دائىم:>مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق ئەمەسلىكىمنى ئۇنتۇپلا كېتىپتىمەن<دەيتتى. ئۇ ئىلگىر - كېيىن بولۇپ جۇڭگونى تونۇشتۇرىدىغان كىتابتىن بەشنى يېزىپ چىققان. سېمدلېي ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئۇنىڭ جەسەت كۈلى جۇڭگوغا كەلتۈرۈلۈپ، بېيجىڭدىكى باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى.
XX-ئاينىڭXX-كۈنى قەيەردە ، نىمە ئىشلار يۈزبەرگەن؟
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يەنىلا بۇ ئىقتىدارلىق كالىنداردىن تاپالايسىز
ياش ھىساپلاش
سىز قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟ سىز تۇغۇلغىلى نەچچە ئاي، نەچچە ھەپتە ،نەچچە كۈن بولدى؟
بەلكىم سىز بۇلارنى ھىساپلاپ چىقىرىش ئۈچۈن قۇلىڭىزغا جىسەنجىنى ئېلىپ بىرقانچە ئون مىنۇت ھىساپلىسىڭىز ئاران چىقىرالىشىڭىز مۇمكىن ،سىزبۇ ئىقتىدارلىق كالىندار ئارقىلىق بىر كۇنۇپكا بىلەنلا بارلىق ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلەيسىز. تۇغۇلغىنىڭىزغا نەچچەيۈز ئاي،نەچچە مىڭ ھەپتە،نەچچە ئونمىڭ سائەت بولغانلىقىنى . . . . مۇشۇنداق كۆپ ۋاقىتىزنى نىمە ئىشلارغا سەرپ ئەتكەنلىكىڭىزنى ،نىمە ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ ، كىيىنكى ئەۋلالارغا قانداق سوۋغاتلارنى قالدۇرغانلىقىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىشىڭىزغا ياردەم بىرىدۇ
بۇ دىتالنى ھەر قېتىم ئاچقاندا كىرىش نومۇرى سورايدۇ، دىتاللارنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش ئېڭىمىزنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇخىل ئاكتىپلاش ئۇسۇلى قوللىنىلدى . توغرا چۈشىنىشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
(كىرىش نومۇرى: 1974820)
ئاپتورى: دېھقان ئوغلى
چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.xjcfan.com/plus/download.php?open=2&id=940&uhash=de418f5903ce8f991c0acf28