ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ گۈلتاجى - جەۋھىرى ،ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئاڭلاش سېستىمىسى
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى - پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر ، ئەمگكچان-ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكا تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان بەدىئي قامۇستۇر. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە گۈزەل مەنىۋېيىتى ، ئىستەك خاھىشلىرى ، تارىخي رېئاللىق ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدىن كېلىپ چىققان مۇھەببەت - نەپرەتلىرى ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ مۇزىكا ، بەدىئىي ، ئەدەبىيات ۋە ئۇسۇل قاتارلىق خىلمۇ - خىل شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن. مۇنداق مۇزىكا ئەسىرى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ سەنئەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان ئالاھىدە ئەسەر بولغاچقا << شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى مۆجىزە>> دەپ تەرىپلەنمەكتە.
ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ، ئارقا كۆرىنىشىمۇ كەڭ ۋە چۇڭقۇر. مۇقاملار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن تارىخي دەۋرلىرى بىلەن ھەمقەدەمدۇر. مۇقاملار كۆپلىگەن ماكان ۋە بىرقانچە زاماندا ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۇرغۇنلىغان بەستكارلىرى ، ناخشىچىلىرى ۋە چالغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەرىپىدىن ئىجادقىلىنغان خەلق مۇزىكىسىدۇر. ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلىپ قايتا رەتلەنگەن ، تۇلۇقلانغان ، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ئون ئىككى مۇقام 360 ئاھاڭ ، 4492 مىسرادىن تەركىپ تاپقان ھەمدە ئۇيەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داستانلىرىنىڭ پارچىلىرى ۋە خەلق قۇشاق - بېيتلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ
مانا بۇ سېستىمىدائۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ تېكىستىنى ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلالايسىز، دىتالنىڭ تۈزۈلىشى ئۆزگىچە، ئۇسلۇبى كۆركەم ،قاچىلاش ھاجەتسىز يېشىل دىتال بۇلۇپ ، دېھقان ئوغلى دىن بارلىق كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرىغا سوۋغات .دىتالنىڭ سىغىمى 114 م ب . دىتالغا كىرگۈزىلگەن مۇقام mp3 ھۆججىتى توردىن يىغىلغان.
دىتالغا ئىشلىتىلگەن ماتېرياللار زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزى باشقۇرۇشىدىكى <<ئۇيغۇر مۇقام تورى>> باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ رەتلەنگەن
ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ تېكىستىنى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرستتېتى تېل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتۇر ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ << ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر 12 مۇقام تېكىستلىرى>> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى
دىتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: ftp://web:web123@218.31.138.132/12muqam.rar
دىتالغا قارىتا تەكلىپ - پىكىرلىرىڭىز بولسا 18799865714
QQ: 1438163277