لاپاستا قوغۇن-تاۋۇز ئۆستۈرۈش تىخنىكىسى
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-26 09:48:22  يازغۇچى:艾则孜  كىلىش مەنبەسى:باس باس تورى  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

لاپاستا قوغۇن-تاۋۇز ئۆستۈرۈش تىخنىكىسى

تېرىش مەزگىلى

رايۇنىمىزنىڭ كۆپ يىللىق ھاۋارايى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئەتىيازدا لاپستا قوغۇن-تاۋۇز ئۆستۈرۈشتە 2-ئاينىڭ باشلىرى پارنىكتا مايسا يىتىشتۈرۈپ، 3-ئاينىڭ باش ئوتتۇرلىرى لاپاسقا كۆچۈرىلىدۇ. 5-ئاينىڭ ئوتتۇرا ئاخىرىدىن باشلاپ مەھسۇلات بىرىشكە باشلايدۇ.

1.سوروت تاللاش

لاپاستا قوغۇن-تاۋۇز ئۆستۈرگەندە بازارغا بالدۇرراق چىقىشنى مەخسەت قىلغان ئاساستا بالدۇر پىشار، سۈپۈتى ياخشى، يۇقۇرى مەھسۇلاتلىق، كىسەل-ھاشاراتقا تاقابۇل تۇرۇش ئىقتىدارى كۆچلۈك سورتلار تاللىنىدۇ.

قوغۇن سوروتلىرىدىن: ئېلزابىت، چاۋزاۋفىڭ، شىن زاۋفىڭ، چىلگە قاتارلىقلار.

تاۋۇز سوروتلىرىدىن: لوۋاڭ 7-نۇمۇر، قارا مەرۋايىت، جىڭشىن1-نۇمۇر قاتارلىق سوروتلار بار.

2.مايسا يىتىشتۈرۈش

2-ئاينىڭ باشلىرى يوتقانلىق پارنىكتا مايسا يىتىشتۈرۈلىدۇ.

ئۇرۇقنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بىخلاندۇرۇش:

تەييارلانغان ئۇرۇق ئاۋال خالتىدىن چىقىرىلىپ قوياش نۇرى ئاستىدا 2~1كۈن ئاپتاپقا سالىمىز. ئاندىن 60~55 لۇق قايناق سۇغا چىلاپ، توختىماي 20~15 مىنىۇت ئارلاشتۇرۇپ 6~4سائەت چىلاپ قويىمىز ياكى 500ھەسسىلىك دوجۇەنلىڭ، 800 ھەسسىلىك جياجىتوبوجىن، 200 ھەسسىلىك فورمالىنغا 20 مىنىۇت چىلاپ قويىمىز. ئاندىن سۇدىن سۈزۈپ، چايقاپ ئىلىپ بىخلاندۇرساق بولىدۇ. بىخلىنىشقا باشلىغاندا ئوزوغلۇق خالتىسىغا تېرىساق بولىدۇ. ئۇرۇقنى تېرىپ ئادەتتە 35~30 كۈندە كۆچۆرسەك بولىدۇ.

3.كۆچۆرۈش

(1) ئاساسى ئوغۇت بىرىش

مايسىنى كۆچۆرۈشتىن 20 كۈن بۇرۇن لاپاسنىڭ سۇلىياۋسى يىپىلىدۇ. ئاساسى ئوغوتنى يىتەرلىك بىرىش لازىم. يەنى ھەر بىر مو لاپاسقا 8~7 توننا چىرىگەن مەھەللىۋى ئوغوت ، 50كىلوگىرام ئاممونىي ھىدرو پوسفات ئوغوتنى بىرىپ، يەر چوڭقۇر، تۈز، تەكشى تۈزلىنىدۇ.

(2) تىكىش زىچلىقى ۋە تىكىش ئۇسۇلى

لاپاستىكى قوغۇن تاۋۇزلار زىچ ئۆستۈرۈشكە ماس كىلىدۇ. ئادەتتە چوڭ-كىچىك تۈر بويىچە تىكىلىدۇ. يەنى 70~60 كەڭلىكتە قاش ئىلىنىدۇ.چۆنەك ئارلىقى 80 سانتىمىتىر بولىدۇ. قاش ئىگىزلىكى 30~20 سانتىمىتىر بولىدۇ. قاش ئۈستىگە كەڭ يوپوق يىپىلىدۇ. بىر قاشقا ئىككى رەت قىلىپ تۈپ ئارلىقى 40~35 سانتىمىتىر قىلىپ ئۈچبۇلۇڭ شەكىلدە مايسا كۆچۆرۇلىدۇ. مايسىلار 3-ئاينىڭ بىشىدىن 10-چىسلاغىچە كۆچۆرۇلسە بولىدۇ.

(3) مايسا تىكىلگەندىن كىيىنكى پەرۋىش

مايسا تىكىلگەندىن كىيىن دەرھال پارنىكنى دۈملەپ يۇقۇرى تىمپىراتۇرا، يۇقۇرى نەملىكنى ساقلايمىز. كۈندۇزلۈك تىمپىراتۇرا 30~25، كىچىلىك تىمپىراتۇرا 15 دىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم. ئەگەر كۈندۇزلۈك تىمپىراتۇرا 35 دىن ئىشىپ كەتسە چۈشتە قىسقا ۋاقىت ھاۋا ئالماشتۇرسا بولىدۇ. مۇشۇنداق باشقۇرغاندا مايسىلار 5~3 كۈندە ئەسلىگە كىلىدۇ.ئاندىن ئازراق سۇ سۇ ئىچىلىدۇ.

4. ھەر قايسى مەزگىلدىكى سۇ، ئوغوت، تىمپىراتۇرا پەرۋىشى 

(1) پىلەك تارتىش مەزگىلىدىكى پەرۋىش

مايسىلار ئەسلىگە كىلىپ ئۆسۆشكە باشلىغاندىن كىيىن تىمپىراتۇرنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش كىرەك. يەنى كۈندۇزلۈك تىمپىراتۇرا 28~25 ، كىچىلىك تىمپىراتۇرا 15 ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق. بۇ مەزگىلدە تۇپراق ئەھۋالىغا ئاساسەن چىچكتىن بۇرۇن بىر قىتىم يەڭگىل سۇ ئىچىش كىرەك. ئەگەر ئاساسى ئوغوت يىتەرلىك بىرىلگەن بولسا ئوغوت بەرمىسىكمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئوغوت كەملىك ئەھۋالى كۆرۈلسە ھەر مو يەرگە 20 كىلوگىرام بىركمە ئوغوت ياكى قوش ئاممونىي فوسفات ۋە ئورىيانىڭ ئارلاشمىسىدىن بىرىلىدۇ.

(2) مىۋىلەش مەزگىلدىكى پەرۋىش

ئانىلىق چىچەك چىچەكلىگەندىن تارتىپ مىۋىسى يوغىناپ پىشقىچە بولغان مەزگىل مىۋىلەش مەزگىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە كۈندۈزلۈك تىمپىراتۇرا 30~27 ، كىچىنىڭ تىمپىراتۇرسى 20~17 دە كونتۇرۇل قىلىش كىرەك. چىچەكلەپ مىۋە تۇتۇش مەزگىلىدە سۇ ئاچماسلىق كىرەك. مىۋە تۇتۇپ 20~10 كۈن بولغان ۋاقىت مىۋىنىڭ تېز يوغوناش مەزگىلى بولوپ، سۇ ئوغوتقا بولغان ئىھتىياجى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە تۇپراقنىڭ نەملىك ئەھۋالىغا قاراپ 2~1 قىتىم يىتەرلىك سۇغۇرۇش لازىم. سۇغۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ بىر قىتم ئوغوتلاش كىرەك. بۇنىڭدا ئاممونىي فوسفات ياكى ئارلاشما ئوغوتتىن 30~20 كىلوگىرام ئىشلىتىلىدۇ. ياكى قوغۇن-تاۋۇزغا تاۋۇزغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان سۈيۈق ئوغوت ئىشلىتىلىدۇ. ئازوتلوق، خىلورلوق ئوغوتلار قەتئى ئىشلىتىلمەيدۇ. مەيلى پىلەك تارتىش مەزگىلى ياكى مىۋىلەش، يوغىناش مەزگىلى بولسۇن لاپاس نەملىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە كونتۇرۇل قىلىنىدۇ. مىۋىنى يېغىشتىن 15~10كۈن بۇرۇن سۇنى توختىتىمىز.

5.جازىغا ئىلىپ پىلەك رەتلەش

لاپاستىكى قوغۇن-تاۋۇز مايسىلىرى ئادەتتە تىك ئۆستۈرىلىدۇ. مايسا 6~5 يوپورماق بولغاندا دەرھال يىپ تارتىپ پىلەك ئىسىش كىرەك.

لاپاستا ئۆستۈرۈلگەن قوغۇن ئادەتتە تاق پىلەكلىك رەتلىنىدۇ. يەنى ئانا پىلەك ئاساس قىلىنىپ10~8- بوغومگىچە بولغان بارلىق يان پىلەكلەر ئىلىۋىتىلىدۇ. سوروتلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ 12~9-گىچە بولغان ئارلىقتا 3~2 يان پىلەك قويوپ ئۇنىڭدىن چۈشكەن سويمىلار تۇخۇمدەك بولغاندا ياخشى ئۆسكەن بىر تال سويما قالدۇرۇلۇپ قالغان سويمىلار ۋە يان پىلەك ئىلىۋىتىلىدۇ. مىۋە قالدۇرۇلغان يان پىلەكنىڭ ئۇچى بىر تال يوپورماق قالدۇرۇلۇپ ئۇچى ئۈزىلىدۇ. تۇپراقنىڭ ئوغوت ئەھۋالىغا ئاساسەن 25~22 بوغومغىچە بولغان ئارلىقتا يەنە بىر تال سويما قالدۇرۇلۇپ قالغان يان شاخلار ئىلىۋىتىلىدۇ. 26~25 بوغومدا پىلەكنىڭ ئۇچى ئۈزىلىدۇ. بىر تۈپ پىلەكتە 2~1 سويما قالدۇرۇلىدۇ.

تاۋۇز ئانا پىلەكنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ لاپاستا ئۆستۈرگەندە قوش پىلەكلىك رەتلىنىدۇ. يەنى ئانا پىلەكتىن باشقا 7~5- بوغومىدىن ئۆسكەن بىر تال پىلەك قالدۇرۇلۇپ قالغان يان پىلىكلەر پۇتۇنلەي ئىلىۋىتىلىدۇ. بىر تۈپتە ئىككى تال مىۋە قالدۇرۇلىدۇ. بىر پىلەكنىڭ ئۇچى سويمىدىن 6~5 يوپورماق قالدۇرۇلۇپ ئۇچى ئۈزىلىدۇ. ئانا پىلەكنىڭ ئۇچى ئۈزۈلمەي ئۇزۇنلۇق پىلىكى قىلىپ پايدىلىنىدۇ.

6. سۈنئى چاڭلاشتۇرۇش

لاپاستا قوغۇن-تاۋۇز ئۆستۇرەەندە چاڭلىشىش شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا مىۋە تۇتۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا سۈنئى چاڭلاشتۇرۇش لازىم. ئەڭ ياخشى چاڭلاشتۇرۇش ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10~8 گىچە، تىمپىراتۇرسى 25~20 بولىدۇ. بۇنىڭدا شۇ كۈنى ئەمدىلا ئىچىلغان ئاتىلىق چىچەكنى ئۈزۈپ ئىلىپ گۈل بەرگۈلىرىنى ئىلىۋىتىپ ئەمدىلا ئىچىلغان ئانىلىق چىچەك ئىچىگە بىر نەچچە قىتىم تەككۈزۈپ قويساق بولىدۇ.

7. كىسەل-ھاشارەتلەردىن مۇداپىئە كۆرۆش

ئادەتتە قوۈۇن-تاۋۇزلار ئۆسۆش مەزگىلىدە قىروسىمان پاختىلشىش كىسىلى، ئاق توزاڭ كىسىلى، قۇرۇش كىسىلى قاتارلىقلار كۆپرەك يۈز بىرىدۇ. شۇڭا كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن مايسىلار پىلەك تارتىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ھەر 7-10 كۈندە بىر قىتىمدىن ھەر-خىل كىسەللىكنىڭ ئالدسىنى دورىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ پۈركۈپ تۇرۇش لازىم. ئەگەر قىروسىمان پاختىلىشىش كىسىلى پەيدا بولسا 600 ھەسسىلىك شۇاڭيى بىيكې، دۇباڭ كېلې، جىن جىئېر پۇلېكې، ساداۋفەن قاتارلىق دورىلار پۈركىلىدۇ. ئاق توزاڭ كىسىلى پەيدا بولسا 600 ھەسسىلىك ئامىشىدا، 1200 ھەسسىلىك فۇشىدۇ قاتارلىق دورىلار پۈركىلىدۇ. يىمىيبىڭ، كۇۋىيبىڭ بەيدا بولسا 500 ھەسسىلىك شادۇفەن ، دۇجۇەنلىڭ قاتارلىق دورىلار پۈركىلىدۇ. ياكى 2000 ھەسسلىك يىزەيلىڭ يىلتىزغا قۇيۇلىدۇ.

تورداش << 艾则孜>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ