تېلېۋىزىيە تىياتىرى << غەربكە ساياھەت >> تىكى سۇن مايمۇن دىسە تۇنىمايدىغانلار يوق دىيەرلىكلا بولسا كېرەك . دۇنيادىكى داڭلىق مايمۇنشۇناسلارنىڭ بىرى بولغان جاڭ جىن لەي ئۆيىگە كىرگەن ھەرقانداق ئادەم مايمۇن توغرىسىدىكى كىتابلارنى ھەم ھەرخىل مايمۇنلار سۆرىتى ھەتتا مايمۇنلارنى كۆرەلەيدۇ .
جاڭ جىن لەي بىر مايمۇن رولىنى ئالىدىغان سەنئەتكار ئائىلىسىدە توغۇلغان بولۇپ ، كىچىكىدىنلا ئاتىسىنىڭ مايمۇن ھەرىكىتىنى دوراشقا باشىلىغان بولۇپ ، ئالتە يېشىدىلا سەھنىگە چىقىپ بالا مايمۇن بولۇپ ئويۇن كۆرسەتكەن ھەم جۇزۇڭلىنىڭ قىزغىن ماختىشىغا ئېرىشكەن . شۇ يىلى ئاكىسى قان راكى بىلەن قازا بولۇپ كەتكەن جاڭ جىن لەيگە ئاكىسىنىڭ ئۆلۈمى قاتتىق تەسىر قىلغان ھەم ئاكىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئالتە ياشلىق بالا (خەنزۇچە 六小龄童) دىگەن ئىسىمنى قوللانغان . كېيىنچە دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۈزلۈكسىز مايمۇن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ ، 1983-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى << غەربكە ساياھەت >> تىكى سۇن مايمۇن رولىنى ئېلىشقا باشلىغاندىن تارتىپلا جاڭ جىن لەينىڭ مايمۇن تەتقىقاتى توغرىسىدىكى قىزىقىدىغانلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئۈزۈلمەي كېلىپ كېتىپ تۇرغان . مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن مەخسۇس تېمىلىق<< غەربكە ساياھەت ۋە جاڭ جىن لەي >> نىڭ مايمۇن تەتقىقاتى ۋە تۇرمۇشى توغرۇلۇق ئەسلىمە قالدۇرغان . ھازىر جاڭ جىن لەي ئارتىس سالاھىيىتى بىلەن ھەم مايمۇنشۇناس سالاھىيىتى بىلەن كۈنلىرىنى شاگىرت تەربىيلەش ۋە مايمۇنشۇناسلىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن ئالدىراشچىلىقتا ئۆتمەكتە .



