بالىڭىز تاماق يېمىسە زورلىماڭ
بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش ۋاقتى چەكلىك بولغاچقا ، ئۇلار تاماق يىگەندە ئۇياق–بۇياققاقاراپ تاماقنى يىگىلى ئۇنىمايدۇ . ئاتا–ئانىلار بۇ چاغدا بالىنىڭ كۆزىگە كىرىۋالماي ، ئۇنى ئالدىراش ، ئۇنى كۈلدۈرۈش ئارقىلىق بىر نەچچە قوشۇق تاماقنى ئارتۇق يىگۈزۈشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك . بالا تاماق يەۋاتقاندا ئۇنىڭ ئەتىراپىدا تۇرۇپ ۋاراڭ–چۇرۇڭ قىلماسلىقى ، تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىكى كېرەك . چۈنكى بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ دىققىتى تېخىمۇ چېچىلىپ تاماققا رايى بارمايدۇ.
ئادەم قورسىقى ئاچقاندا تاماقنى ھوزۇرلىنىپ يەيدۇ . ئاتا–ئانىلار بالىلارغا قورسىقى ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشئۈچۈن ، قەرەللىك تاماق بېرىشكە ئادەتلىنىشى كېرەك . بالا تاماقنى كۆپ يىمىسە ، مەجبۇرىي يىگۈزمەستىن ،كېيىنكى قېتىملىق تاماق ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك . بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ بىر كۈنلۈك تاماق مىقدارى ئازلاپ كەتسىمۇ ، كېيىن بالىدا ياخشى تاماق يىيىش ئادىتى يېتىلىدۇ .