كۈزلۈك پارنىك لاپاس سەي كۆكتاتلىرىنىڭ مايسىسىنى يىتىشتۇرۇش تىخنىكىسى
پارنىك لاپاسلاردا ئەتىيازلىق سەي-كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئاخىرلىشىپ، كۈزلۈك سەي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مايسا يىتىشتۈرۈش ۋاقتى يىتىپ كىلىدۇ. كۈزلۈك سەي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىلىشى ئۈچۈن چوقۇم مۇۋاپىق مايسا يىتىشتۈرۈش ۋاقتىنى تاللاپ ئىلمى ئۇسۇل بويىچە مايسا يىتىشتۈرۈش كىرەك. تۆۋەندە پارنىك لاپاسلاردا كۈزلۈك سەي-كۆكتات مايسىسىنى يىتىشتۇرۇش تىخنىكىسىنى تونوشتۇرىمىز.
ئاداتتە پارنىكتا كۈزدە ئارقىغا سۈرۈپ سەي-كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشتا پىدىگان تۈرىدىكى سەي-كۆكتاتلارغا 7-ئاينىڭ ئوتتىرىدىن باشلاپ مايسا يىتىشتۈرۇپ 8-ئاينىڭ ئاخىرى كۆچۇرىلىدۇ. تەرخەمەك تۈرىدىكى سەي-كۆكتاتلارغا 8-ئاينىڭ ئوتتۇردىن باشلاپ مايسا يىتىشتۈرۈپ 9-ئاينىڭ باشلىرى كۆچۇرىلىدۇ. لاپاستا كۈزدە ئارقىغا سۈرۈپ سەي-كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشتا پىدىگان تۈرىدىكى سەي-كۆكتاتلارغا 6-ئاينىڭ ئوتتىرىدىن باشلاپ مايسا يىتىشتۈرۇپ 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى كۆچۇرىلىدۇ. تەرخەمەك تۈرىدىكى سەي-كۆكتاتلارغا 7-ئاينىڭ ئاخرىدىن باشلاپ مايسا يىتىشتۈرۈپ 8-ئاينىڭ ئاخرلىرى كۆچۇرىلىدۇ. يوپورماقلىق سەي-كۆكتاتلار( چىڭسەي، جۈسەي ) غا 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى مايسا يىتىشتۇرۇلۇپ 9-ئاينىڭ باشلىرى كۆچۇرىلىدۇ. باشقا يوپۇرماق تۈرىدىكى سەي-كۆكتاتلار بىۋاستە تىرىلسىمۇ بولىدۇ. مايسا يىتىشتۈرۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك ئىلىپ بىرىلىدۇ.
1. مايسا كاندۇكىنى تەييارلاش، ئۇرۇقنى دىزىنفىكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلىش ھەم تېرىش
(1) مايسا كاندۇكىنى تەييارلاش: مايسا كاندۇكچا يىرى كۈنگەي، تەكشى، تۇپراق قاتلىمى قىلىن، سۇعۇرۇشقا قۇلايلىق، ئالدىنقى تېرىمىغا شۇخلا، چەيزە، ياڭيۇ، لازا قاتارلىق سەيلەر تېرىلمىغان يەرلەر تاللىنىدۇ. يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ كەڭلىكى 1.2-1.4 مىتىر، ئۇزۇنلىقى 10 مىتىر ئەتراپىدا مايسا كاندۇكى ياسىلىدۇ. قاش ئىگىزلىكى 15 سانتىمىتىر، كاندۇكلار ئارىسىدا 40-50 سانتىمىتىر مەشغۇلات يولى بولىدۇ. كاندۇكچە ياسىلىپ بولغاندىن كىيىن كاندۇكچە ئىچى تەكشى تۈزلىنىپ، ئۇرۇق سىلىشقا تەييارلىنىىدۇ.
(2) ئۇرۇقنى بىر تەرەپ قىلىش: كۆپلىگەن سەي-كۆكتات ئۇرۇقلىرىنىڭ سىرىتقى پوستىدا كىسىللىك مىكروپلىرى بولىدۇ. بۇخىل ئۇرۇقنى بىۋاستە تىرىغاندا مايسا ۋە يىتىلگەن تۇپكە كىسەل يۇقتۇرۇپ كىسىلىكنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئۇرۇقنى دىزىنفىكسىيەلەپ ئۇرۇقنى بىر تەرەپ قىلىش كىرەك. بۇنىڭدا ئىلمان سۇعا چىلاش ۋە دورىلىق سۇعا چىلاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلدۇ. ئىلمان سۇعا چىلاشتا ئالدى بىلەن ئۇرۇق سۇزۇك سۇدا پاكىز يۇيۇلۇپ سۇزىۋىلىنعاندىن كىيىن ℃55 لۇق سۇغا سىلىپ ئۇزلۇكسىز قوچۇپ تۇرىلىدۇ.10-15 مىنۇتتىن كىيىن ئۇرۇقنى سۈزۈپ ئىلىپ تەڭشەپ تەييارلانغان دورا سۈيىگە چىلايمىز.( بەيجۈنچىڭ، دوجۇنلىڭ ياكى فورمالىننىڭ 300-400 ھەسسىلىك سۇيۇقلىقى). 15-20 مىنىۇت تۇرغۇزۇپ سۈزۈپ ئالغاندىن كىيىن پاكىز يۇيۇپ تىرىشقا تەييارلايمىز.
(3) تېىرىش: تىرىشتىن ئىلگىرى دورۇلۇق توپا تەييارلىنىدۇ . (ئۇسۇلى : ھەر 100 كىلوگىرام تاسقالغان يۇمشاق توپىغا 40-50- گىرام دوجۇنلىڭ ۋە بەي جۈنچىڭ پارشۇكىدىن قاتىمىز). تىرىشتىن ئاۋال مايسا كاندۇكىغا يىتەرلىك سۇ قۇيۇپ، سۇ سىڭىپ بولغاندىن كىيىن كاندۇكچا ئۈستىگە نىپىز بىر قەۋەت دورۇلۇق توپىسىنى چاچىمىز. ئاندىن ئۇرۇقنى تەكشى چىچىپ تىرىيمىز. ئۇرۇق ئۈستىگە يەنە بىر قەۋەت دورا توپىسى چىچىپ ئۇنىڭ ئۇستىگە نەم توپا بىلەن ئۇرۇق كۆمىلىدۇ. ئادەتتە 0.5-1 سانتىمىتىر قىلىنلىقتا كۆمۈلىدۇ. ئۇرۇقنى تىرىپ بولاپ كاندۇكچە ئۈستىگە سۇلىياۋ يوپوق يىپىپ نەملىك ساقلىنىدۇ. ئۇرۇق ئۈنۈپ چىقىشى بىلەنلا سۇلىياۋ ئىلىۋىتىلىدۇ. ئۇرۇق ئۈنۈش جەريانىدا توپىنى كۆتۈرۈپ يىرىقچىلار پەيدا بولۇپ يىلتىزى ئىىچىلىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا كاندۇكچا ئۈستىگە يۇمشاق قۇرۇق توپا چىچىپ يىرىقچىلار كۆمۈلۈپ كىسەللەك يۈز بىرىشنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ.
2. مايسا مەزگىلىدىكى پەرۋىش: ئۇرۇق ئۈنۈپ بولغاندىن كىيىن كاندۇكچە ئۈستىگە سايە چۈشۈرۇپ يۇقۇرى تىمپىراتۇردا بويىغا زورلاپ ئۆسۈپ كىتىش، مايسا كۆيۈپ كىتىشنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ. مايسا ئۈنۈپ 2 تال ھەقىقى يوپورماق چىقارغۇچە تىمپىراتۇرا℃ 25-30 تا كونتۇرۇل قىلىنىدۇ. 2 تال ھەقىقى يوپورماق چىقارغاندىن كىيىن مايسا ئايرىش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
مايسا ئايرىش ئۇسۇلى: مايسا ئايرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن كاندۇكچىغا يىنىك سۇ قويۇلىدۇ. ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە مايسا كاندۇكچىسى ياساپ رەت ئارلىقى 6-8 سانتىمىتىر كىچىك چۆنەكچە ئىچىلىدۇ. مايسىنىڭ يىلتىزىنى زەخمىلەندۇرمەي يۇلۇپ ئىلىپ چۆنەكچىگە تەكشى تىزىپ سۇ قويۇپ توپا يۆلىنىدۇ. مۇشۇ تەرتىپ بويىچە مايسا تارقاقلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ چاغدا چوقوم يىتەرلىك سۇ قويۇش، مايسا يېلتىزى ياخشى كۆمۈلىشى كىرەك. مايسا تارقاقلاشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كىيىن شاخ-شۇمبا ۋە سايە چۈشۈرۈش تورى ئىشلىتىپ كاندۇكچىغا سايە چۈشۈرۈپ كۆچلۇك ئاپتاپتىن مۇداپىيە كۆرۇلىدۇ. كىيىنكى مەزگىلدە سۇ ئىچىشقا قەتئى بولمايدۇ. مايسا سۇسىزلىنىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئەتىگەندە ياكى كەچتە سۇ پۈركۈپ نەملىك تولوقلىنىشى كىرەك. مايسا چوڭۇيۇپ مۇۋاپىق مايسا ھالىتىگە يەتكەندە كۆچۇرۇشكە بولدۇ. تارقاقلاشتۇرۇلۇپ يىتىشتۇرۇلگەن مايسىنىڭ غولى توم، يوپورماق بوغۇم ئارلىقى قىسقا، يىلتىزى تەرەققى قىلغان بولىدۇ. بۇنداق مايسىنى كۆچۇرگەندە تۇتۇش نىسبىتى يۇقۇرى، كىسەلگە قارشى تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك، مەھسۇلاتى يۇقۇرى بولىدۇ.