نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> بۈگۈنكى دۇنيا >>
سۆيگۈ سىنىقى
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-21 22:15:12  يازغۇچى:شەكىلە  كىلىش مەنبەسى:ئانا تۇپراق تورى  ئاۋاتلىقى:744   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             
 
سۆيگۈ سىنىقى

<<يولداش گۈلئايشەم ............>>
گۈلئايشەمنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى ئۇنىڭغا ئارقىسىدا بىرنەچچە مىڭ جۈپ كۆز <<يولداش>>دىگەن بۇ ناتۇنۇش سۆزگە مەسخىرە نەزەر بىلەن تىكىلىپ قاراپ تۇرغان << دەك بۇلۇپ تۇيۇلدى ئۇ خەتنى يانچۇقىغا سالدىدە يۈگۈرگەن پېتى مەكتەپنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن چىقىپ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېرىق بۇيىغا كىلىپ تۇختىدى <<يولداش!يولداش!يولداش!يولداش!>> دەپ ئۈزلۈكسىز ياڭراۋاتقان بۇ ئاۋاز گويا ئۇنىڭ قۇلىقىغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىناتتى ئەسلىدە بۇ يولداشلار ئارا نەقەدەر يېقىملىق سۆز ھە! بىراق، بۇ يېقىملىق سۆز بىغۇبار قەلبى دەسلەپكى مۇھاببەتنىڭ شىرىن شىكەر تىل كەۋسىرى بىلەن قېنىشقا كۈنۈپ قالغان ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرسىزدا ئېيتىلسا زادى نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟! گۈلئايشەم ئاللاقانداق بىر بەختسىزلىلىكنى سەزگەندەك دولقۇنلاۋاتقان كۆكسىنى بىلەر بىلىنمەس تىتىرە ۋاتقان قۇلى بىلىەن باسقىنىچە قېرى سۆگەتكە يۈلەندى ئەتراپقا بىر قۇر قاراپ چىقىپ ئۈزىگە كۆز تىكىپ تۇرغان ئادەم يوقلىقىغا ئىشەنگەن دىن كىيىن يانچۇقىدىن پۇرلىشىپ كەتكەن خەتنى چىقاردى.مانا،تۇنۇش پۇچۇركا !ئەمما ئۇ شۇتۇنۇش پۇچۇركىدا يېزىلغان ناتۇنۇش قۇرلارنىڭ ئاخىرغىچە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىشقا ئۈلگۈرەممەيلا،پۈتۈن تىنىدە قىلچە ماغدۇر قالمىغاندەك تۇرغان جايىدا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى دە ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى ئاچچىق كۆز ياشلىرى قان دىدارى قالمىغان مەڭزىنى بويلاپ زىلۋا بۇيىغا خۇيمۇ ياراشقان بېغىر رەڭ چاپىنى ئۈستىگە تامچىپ چۈشتى <<ھەي،تاش يۈرەك بىۋاپا>>دىدى ئۇ بىرھازادىن كىيىن ياش داغلىرىنى كەشتىلىك ياغلىقى بىلەن سۈرتۈۋېتىپ مەيىن شامالدا لەرزان ئۇسۇل ئويناۋاتقان سۈگەت تاللىرى ئارىسىدىن شۇڭغۇپ ئۆتكەن قۇياش نۇرىدا پەيدا بولغان سۈپ سۈزۈك سۇ يۈزىدىكى سان-ساناقسىز چاش تەڭگىلەرگە كۆز تاشلىغاچ <<قېنى ئۇ ۋىجدان ئالدىدا بەرگەن ۋەدەڭ قېنى ئۇ كۆز يېشىنى كۆكلەم يامغۇر دەك تۈكۈپ قىلغان قەسىمىڭ !يىگىت دىىگەن شۇنداق مۇ لەۋزىدە تۇرماس ئۈجمە كۈڭۈل بۇلامدۇ ؟!........>>
-ھى!ھى!ھى!..ياشلىق ئەمەسمۇ ،ياشلىق .!........
بىردىنلا قەددى قاماتلىك، قۇيۇق قۇڭۇر چاشلىق، كەڭ پىشانىلىك،قارا قاشلىق، بۈركۈتتەك ئۆتكۈر كۆزلەك،قاڭشار بۇرۇنلۇق ،بۇغداي ئۆڭلۈك كەلگەن قادىرنىڭ يارقىن سىماسى قىز قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن سۇ بېتىگە كۆشتى دە داۋالغۇپ-داۋالغۇپ ئۆز گىرۈپ كەتتى ئۇ كىلىشكەن تۇرقىغا قىلچە ماس كەلمەيدىغان شۇنداق بىر يىرگىنىشلىك ھىجايدىكى ئۈزىنى تۇتىۋالالماي قالغان گۈل ئايشەم قۇلغا چىققان بىر چالمىنى جىلۋىلىنىپ تۇرغان سۇغا غەزەب بىلەن ئاتتى <،چولتوك>>قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قادىرنىڭ يۇچۈن چىرايى پارچە پارچە بۇلۇپ كەتتى دە ھەش-پەش دىگۈچە چالما زەربىدىن پەيدا بولغان يۇمىلاق چەنبىرەك بىلەن بىرگە ئېقىن قوينىدا غايىپ بولدى،
-ئۇيالماي دەۋاتقان گىپىنى ئۇنىڭ! ..........
-كىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتىسىز ؟-تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇسۆزدىن چۈچۈپ كەتكەن گۈلئايشەم بۇرلۇپ ئارقىسىغا قاراپ بۈگۈن نىمە ئۈچۈندۇر ئۆزگىچە قېتىۋالغان ساۋاقدېشى ئابابەكرىنىڭ ئۈزىدىن بىر نەچچە چامدام نېرىدا غەلىتە كۈلۈم سۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
-ھېچكىم...بىلەن ،-دىدى گۈل ئايىشەم قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى نىختەك قادىلىپ تۇرغان ئابابەكرىنىڭ سىرلىق كۆزلىرىدىن ئەپ قېچىپ -ئۈزۈمچە..........
مەندىن يۇشۇرماڭ !-دىدى ئابابەكرى قۇلىدىكى كونۋىرتنى پۇلاڭلىتىپ -قادىردىن ماڭىمۇ خەت كەلدى تۇيىغا تەكلىپ قىلىپتۇ ھەي،ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ دەپ ئادەم دىگەن شۇ ئۇ غۇدۇڭ شىغىنىچە گۈل ئايشەمنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى -دە قايتىدىن بوقۇلداپ يىغلىغىلى تۇرغان قىزغا تەسەللى بىرىشكە باشلىدى بولدى قۇيۇڭ گۈلئايشەم كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ ئۆزىڭىزنى ئاسىرىڭ يىگىت تېپىلماسنىڭ خورمىسى بولمىغاندىكىن...............
قىز بېشىنى كۈتۈرۈپ يەنە نىمىلەرنىدۇر دىيىشكە تەمشىلىۋاتقان ئابابەكرىگە نەپرەت بىلەن يالىت قىلىپ قارىۋىدى يىگىت ئالمىدەك قىزىرىپ،بېشىنى تۈۋەن سېلىۋالدى،
سىزنىڭ ئاغىزىڭىزدىن مۇشۇنداق گەپ چىقاردەپ ئويلىماپتىكەن مەن ئابابەكرى!-دىدى قىز ئۈكۈنۈپ -ھەيسىلەر ئۇغۇل بالىلارزە مۇھاببەتنى خالىغان چاغدا ئالماشتۇردىغان كىيىم دەپ ئويلىساڭلار كىرەك !
-كەچۈرۈڭ ،مەن ئەسلىدە ...
-چۈشەندۈرمىسىڭىزمۇ چۈشۈنىشلىك!-گۈلئايشەمنىڭ راستىنلا ئۇغىسى قاينىغانئىدى،-باشقىلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆز مەقسىتىگە يىتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ئۆتۈپ كەتكەن پەسكەشلىك!
-گۈلئايشەم!-ئالىقانداق ئەلەم ئىچىدە ئۆرتىنىۋاتقان يىگىت پېشىنى قېقىپ كىتىۋاتقان كىتىۋاتقان قىزنىڭ ئارقىسىدىن ۋارقىردى،-تۇختاڭ،گىپىمگە قۇلاق سېلىڭ !
-گىپىڭىزگە قۇلاق سېلىپ بولغان يىرىم شۇ،!دىدى قىز شارتتىدە كەينىگە بورلۇپ مەسخىرە ئارلاش ،-مانا ب<<ۋاپادار>>دوستىڭىزنىڭ ۋاپاسى !ئۈزىڭىز كۈر ۋېلىڭ!
-ئۇ خەتنى غەزەپ بىلەن چۆرۈپ تاشلاپ،يۈگۈرگەن پېتى مەكتەپنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن كىرىپ كەتتى،
                                                                         2
گۈلئايشەم مۇڭلۇق كۈيى بىلەن كونا ئەسلىمىلەرنى ئويغىتىپ،ۋاپاسىزلىق ئوتىدا كۆيۈپ كاۋاپ بولغان يۈرىكىگە يىڭى جاراھەت ئۈنچىللىرىنى چاچىدىغان ھېلىقى ئېرىق بۇيىغا ئىككىنچى قەدەم باسماس بولغان ئىدىغۇ!يەنە قانداق بۇلۇپ بۇيەرگە كىلىپ قالدى؟بۇنىڭغا ئۇنىڭ ئۈزىمۇ زادى نىمەدەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلمەيتتى ئۇ ئااىقاچان بىر غايىۋايە كۈچنىڭ تۇتكىسى بىلەن ئختىيارسىز ھالدا بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ يەنە شۇ ئېرىق بۇيىدىكى قېرى سۈگەت يېنىغا كىلىپ قالغانلىقىنى تۇيماي قالدى ئولتۇرۇپ كىتىۋاتقان كەچكى قۇياشنىڭ ئاخرقى نۇرلىرى مەكتەپنىڭ ئارقا ئىشكىگە تۇتىشىپ كىتىدىغان بىر پايان ئىكىنزارلىققا ئېقىۋاتقان ئېرىق سۈيىنى قىزغۇچ رەڭگە بويغان ئىدى يىراق-يىراقلاردىن سۇ تۇتىۋاتقان دېھقان يىگىتلەرنىڭ لەرزان ناخشىللىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى بىر چاغلاردا دەل مۇشۇ يەردە قادىر بىلەن بىللە قانچىلىغان مۇشۇنداق گۇگۇملارنى بىللە ئۆتكۈزگەن بىر-بىرىگە سۇ چېچىشىپ ئۇينىغان خجىللىق ئىچىدە ئىشكى سىرلىرىنى تۈكۈشۈپ ئۆمۈرلۈك بۇلۇشقا ۋەدىلەشكەن ئەمەسمىدى؟!ئەمدىلىكتە،مەسۇمە قىزنىڭ يۈرىكىگە تۇنجىبۇلۇپ مۇھاببەت ئۇتىنى ياققان يىگىت يەنە تۇنجى بۇلۇپ مۇھاببەت ئۇتىنى ئۆز قۇلى بىلەن ئۈچۈرۈپ<<سىنىڭسىز ياشىيالمايمەن ماڭا ئىشەن>>دەپ بەرگەن ۋەدىللىرىنى يەتتىقات كۆرىك قەھرىگە چۆرۈپ تاشلاپ گۈلجامال ئىسىملىك بىر قىز بىلەن ئۈتىۋاتمامدۇ؟! مۇھاببەت دىگەن زادى نىمە؟!ئۇ يۈرەك قېتىنى يېرىپ چىقىدىغان ئالى جاناپ ھىسىيات مىھىر ۋاپاسى بىلەن قىز يىگىتنىڭ ئۆمىر گىيارىنى ياشنىتىدىغان ئابى-ھايات بۇلىقىمۇ ياكى ئۆزگىرىشچان ھاۋادەك چاكىنا ئارزۇ ھەۋەس ۋاپاسىزلىق مۆلدىرى بىلەن ھايات بېغىنى ۋەيران قىلىدىغان ۋاجدانى ئازاپ تۇزىقىمۇ؟ۋەدە دىگەنچۇ ؟ئەجىبا ئۇ ئاللىقانداق خۇپىيانە غەرەزگە يىتىۋېلىشتىكى رەزىل ۋاستىسنى يۇشۇرۇپ تۇرىدىغان رەڭدار چۈمپەردە ھەسەل پىچەتلىك قۇتىغا قاچىلانغان چايان زەھىرىمىدۇ؟بۇ سۇلالغا زادا كىم جاۋاپ بىرەلەيدۇ؟ توۋا،مۇھاببەت دىگەن نەقەدەر سىرلىق،نەقەدەر غەلىتە نىمە ھە!ئۇنىڭ كۈتىلمىگەن يەردىن توي قىلىۋالغىنىغا توپ تۇغرا يېرىم يىل بۇلۇپ قالدى،لېكىن قىز نىمە ئۈچۈن ھېلىقىچە ئۇنى يادىدىن چىقىر ۋەتەممەيدۇ ؟ ئۇ ۋاپاسىزلىق خەنجىرى بىلەن قىزنىڭ بىغۇبار يۈرىكىنى پارە-پارە قىلىپ مەڭگۈ ساقايماس ھىجران يارىللىرىنى قالدۇردىغۇ دەسلىپىدە قىز بىۋاپا يىگىتكە نەپرەت ئۇقۇپ باتى يۈزسۈز لىكىنى سۆكتى قاغىدى ھەتتا بۇلارغا يۈرەكتىكى دەت ئەلەملەرنى قۇشۇپ قەغەز بېتىگە مارجاننى يىپقا تىزغاندەك تىزىپمۇ ئۈلگۈردىييۇ يېشىلرەڭلىك پوشتا ساندۇقىغا سېلىۋېتىشكە يۈزى چىدىماي ئويلىنىپ قالدى بەلكىم ئۇ توغرا قىلغان دۇ كىم بىلىدۇ ئەگەر قىز ئۆز مۇھاببىتى بىلان يىگىتنى بەخىتلىك قىلاممىسا تېخىمۇ چوڭ پاجىئەنىڭ باشلانغانلىقى شۇئەمەسمۇ ئۇنىڭدىن كۈرە يىگىتنىڭ بالدۇرراق كۆڭلىدىكىدەك باشقا بىر جۆرە تېپىۋالغانلىقىمۇ تۈزۈكتۇ قىزغانغانلىقبۇنى ھەقىقى مۇھاببەت دەپ بۇلامدۇ ؟ قىز يىگىتنى چىن يۈرەكتىن سۆيگەنىكەن يىگىت بەختى خۇشال بۇلىشى ئۈمۈرۋايەت كۈڭۈللىك تۇرمۇش كەچۈرشى تىلەكداشلىق بۈلدۈرشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز مۇھاببىتىنى قۇربان قىلالىشى كىرەك ،ئەلۋەتتە!بۇ ھەقىقى ئالىجاناپلىق ئەكسىچە ،ئۆز پايدىسىنىلا كۆزلەپ ،يىگىت بەختىگە چاڭگال سېلىش ،ھەتتا يىگىتنىڭ ئائىلىسىنى بۇزىۋېتىش، ئۆچ ئېلىش-پەزىلەتلىك قىزلاغا يات پەس قىلىق !ئەجىبا،گۈلئايشەم شۇنداق قىزلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ قۇيامدىكىنە؟ياق،گيئايشەم .ۇنداق قىزلاردىن ئەمەس!ئۇ قادىرنىڭ مەڭگۈ بەختلىك بۇلىشىنى تىلەيدۇ!خۇش ئۇنداق بولسا گۈلئايشەم ئابابەكرى ئېيتقاندەك <<يىگىت دىگەن تېپىلماسنىڭ خورمىسى بولمىغاندىكىن >>دەپ باشقا بىريىگىتنى تېپىۋالسۇنمۇ تاپايدىسە ئەلۋەتتە ئۈزىنىڭ مەكتەپ بۇيىچە ئەڭ ئادىنقى قاتاردا تۇرىدىغان گۈزەل چىرايى ئەدىبى ئىجادىيەتتە ئاللىقاچان كۆزگە كۈرىنىپ قالغان ياش تالانتى قىزلارغا خاس نازاكىتى ئەدەپ-ئەخلاقى ئائىلە كىلىىپ چىقىشىنىڭ قىلسىغماس ياخشىلىقى بىلەن مانا مەن دىگەن يىگىتلەرنى چىكىپ تۇرۇپ تاللىۋالايدۇ ئابابەكرى مانا مۇشۇلارنىڭ بىرى ئۇمۇ ھەممە جەھەتلەردە قادىر دىن قېلىشمايدىغان ئىسىل يىگىت گۈلئايشەم قادىر بىلەن ئابابەكرى ئارقىلىق تۇنۇشقان ئەمەسمىدى!بۇنىڭ دىن ئىلگىرى ئۇ قىزغا شۇنچە يېقىنلىشىپ يۈرگەن سۆز ھەركەتلىرىدىن خېلىلا ئۆز مۇھاببىتىنى ئىزھار قىلىدىغان دەك قىلاتتى ئەگر ئۇ راستىنلا ئېغىز ئاچقان بولسا قىز نىمە دەپ جاۋاپ بىرەتتىكىن-تاڭ؟ گۈلئايشەم بۇھەقتە ئىنىق بىرنىمە دىيەلمەتتى بىراق بۇ غەلىتە مىجەزلىك يىگىت ئويلىمىغان يەردىن گۈلئايشەمنى قادىرغا تۇنۇشتۇرۇپ قويدى-دە بارا-بارا ئۈزىنى چەتكە ئالدى مىجەزى ئۆزگىرىپلا كەتتى بۇرۇنقى خوش چاقچاق لىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى ئەتىدىن كەشكىچە بېشىنى كۈتۈرمەي كىتاپ ئۇقۇيدىغان يازىدىغان ئۇيۇن-تاماشا يېنىغا يېقىن يۇلىمايدىغان بۇلىۋالدى بۇ ئالامەتلەدىن گۈلئايشەم قىزلاغا خاس سەزگۈلۈك بىلەن ئابابەكرىنىڭ ئۈزىگە كۆڭلى بارلىقىنى سىزىپ بىچارە يىگىتكە ئىچى ئاغرىپ قالدى بىراق ئامال قانچە؟ قىز مۇھاببىتىنى بىرلا يىگىتكە تەغدىم قىلالايدۇ بۇ چاغدا ئۇنىڭ دىل رىشتى ئاللىقاچان قادىرغا باغلىنىپ بولغان يۇمشاق دىل گۈلئايشەم بىچارە يىگىتنىڭ كۆڭلىگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللى بىرىش ئۈچۈن قادىر بىلەن مەسلەتلىشىپ ئۇنى بىللە كىنو كۈرۈشكە باغچىغا بېرىپ ئويناپ كىلىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇراتى لىكىن ئۇ يۇقىلاڭ ئىشنى باھانە قىلىپ باغىلى ئۇنىمايتتى قادىر مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ گۈلئايشەمنىڭ تەشەپ بۇسى بىلەن چەت بىر ناھىيىگە خىزمەتكە بېرىش ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ يولغا چىققاندىلا ئاندىن ئۇ قىزبىلەن بىللە ئۇزۇنيوللۇق ئابدۇبۇس بىكىتىگە ئۇزۇتۇپ چىقتى ئەمما ئابدۇبۇس قوزغالغان ھامان ئۆز ئالدىغا ئاللا قاياقلارغا كىتىپ قالدى مانا قىز قادىرنىڭ ھېلىقى كۈتۈلمىگەن بىر پارچە خېتىنى تاپشۇر ۋالغاندىن كىيىن ئۇ باشقىدىن جانلىنىپ قالدى ئەتىدىن كەشكىچە گۈلئايشەمنىڭ كەينىدىن سايىدەك ئەگىشىپ يۈرگىنى يۈرگەن ھەتتا رىدىپايدەك چاپلىشىپلا ئالدى دىسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ گۈلئايشەم ئۇنىڭغا ھەرقانچە قاتتىق گەپلەرنى قىلغان بولسىمۇ قىلچە كارقىلمىدى بىر بىۋاپانى دەپ مەڭگۈ يالغۇز ئۆتمەكچىمۇ سىز ؟ ئۇ ئاللىقاچان ئۆيلىنىپ بولغان تۇرسا يەنە ئۇنىڭغا سادىق بۇلۇشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى؟ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا باشقا بىر يىگىت تاللىسىڭىز سىزنى كىممۇ ئەيىپكە بۇرالىسۇن ؟باشقىدىن بەخت قۇشۇڭىزنى تېپىشقا تامامەن ھەقلىق سىز دەپ بىچارە قىزنىڭ قۇلاق مىڭىسىنى يەپلا كىتىۋاتىدۇ بەلكىم ئۇنىڭ دىگىنى تامامەن ئۇرۇنلۇقتۇ ؟لېكىن تۇنجى مۇھاببەتنى ئۇنتۇش شۇنچىلىك ئاسانمۇ ؟گۈلئايشەم <<بۈگۈنى بىرنى تاللاپ ئەتىسى ئۇنى تاشلاپ، ئۆگىنى باشقىنى باشلاپ>>يۈرىدىغان ھېلىقىدەك ئۈجمە كۈڭىل قىزلارنىڭ مۇھاببەت شەكلىنى مەڭگۈ ئۈزلەشتۇرىۋالاممايدىغاندەك قىلىدۇ .ئۇ ئاخىرى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى كۆپ قېتىملىق ھىسسى ئېلىشىش ئارقىلىق قادىرغا بىر پارچە خەت يېزىۋەتتى خېتىدە يىگىتنىڭ بەختلىك بۇلىشىنى تىلەيدىغانلىقىنى لىكىن يىگىت بەختىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئاساسىدا ئۈزىنىڭ تۇنجى مۇھاببەتتىگە مەڭگۈ سادىق بۇلۇپ ئۆمۈر بۇيى ياغۇز ئۈتۈشكە بەل باغلايدىغان لىقى بىلدۈردى ئىلگىرى ئابا بەكرى ئۈزىدە قالدۇرغان ياخشى تەسىر پۈتۈنلەي يۇقالدى گۈلئايشەمنىڭ نەزىرىدە ھازىر ئۇ ئۇچچىغا چىققان شەخسىيەتچى پۇرسەت پەرەس چاكىنا شەخىس بۇلۇپ قالدى......................
نەگە بارىسەن قاغا
ئەركەش تامدىكى خاغا
نىمە ئانچە يىغلايسەن
ۋاپا قىلمىغان ياغا
كىمنىڭدۇر سۈزۈك ئېيتقان مۇڭلۇق ناخشىسى گۈلئايشەمنىڭ خىيالىنى ئۈزىۋەتتى ئۇ بېشىنى كۈتۈرۈپ ئەتراپنى ئاللىقاچان گۇگۇم قاراڭغۇچىلىقى قاپلىغانلىقىنى سەزدى-دە ئىزغىن شامالدا چۇلۇپ كەتكەن مەڭلەي چاچلىرىنى تۈزەشتۈرگىنىچە ئاندا-ساندا تۈكۈلىۋاتقان سارغۇچ يۇپۇرماقلارغا دەسسەپ يۈرۈپ كەتتى.
                                                      3            
<<سۈيۈملىگىم ،ئۆمىرلىگىم گۈلئايشەم .............>>
گۈلئايشەمنىڭ يۈرىكى ھاياجاندىن ئويناپ كەتتى .ئۇ كۈتۈلمىگەندە تاپشۇرۋالغان بۇ قېلىن زاكاز خەتنى باشقىلارنىڭ تارتىۋېلىشتىن قورققاندەك كۆكرىكىگە چىڭ باسقان پېتى تۇلابېرىپ كۈنۈپ قالغان ھېلىقى قەدىناس جايغا ئۇچقاندەك يىتىپ كەلدى -دە ،ئېرىق بۇيىدىكى كۆكرىشكە باشلىغان يۇمران كۆكتاتلار ئۈستىگە راۋرۇس ئولتۇرۋالدى ئۈزىنى بىرئاز توختىتىۋالغاندىن كىيىن ياش بىلەن نەمدەلگەن كۆزلىرىنى تۇنۇش پۇچۇركىدا سەپكە تورغۇزۇلغان رەتلىك قۇرلار ئۈستىگە يۈگۈرتىشكە باشلىدى،
<<سۈيۈملىگۈم ئۆمىرلىگىم گۈلئايشەم..............
ئاۋالسىزنىڭ مىنىڭ قاراملىقىمنى تاش يۈرەكلىكىمنى كەچۈرىۋېتىشىڭىزنى ئۈتىنىمەن ،كەچۈردىڭىزمۇ، جېنىم؟ كەچۈرگەن بولسىڭىز ئەمىسە مەن سۈزۈمنى باشلاي : بۇنىڭدىن توپتوغرا بىر يىل بۇرۇن سىزگە يازغان خېتىمنىڭ سىزگە قانچىلىك روھى ئازاپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئۈزۈممۇ تەسەۋۋۇر قىلاممايمەن ،دەسلىپىدە مەن شۇ قارارغا كەلگەندە ئۈزۈمنىڭ تەۋەككۇلچىلىكىم قاراملىقىم تۈپەيلىدىن كۈزۈمنىڭ قارچۇقى .يۈرۈگۈمنىڭ پارىسى سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئىھتىمالدىن يىراق ئەمەسلىكىنى كۆزئالدىمغا كەلتۈرۈپ قورقۇپ كەتكەن ئىدىم ئاھ ! سىزدىن ئايرىلىپ قېلىش مەن ئۈچۈن نەقەدەر دەششەت !بىراق ،بىرقارارغا كەلگەن ئىكەنمەن ئۇنىڭدىن يانمايدىغانلىقىمنى ئۈزىڭىزمۇ بىلىسىز ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمىيەتتە بىريىل خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا كىتاپلاردىكى رومانتىك تەسۋىرلەردىن ئىككىمىز مەكتەپ كەينىدىكى ئېرىق بۇيىدا سايە تاشلاپ تۇرغان ھېلىقى سۈگەت يېنىدا قېلىشقان شىرىن خىياللاردىن ھالقىپ ئۈتۈپ، رئىيال تۇرمۇش قاينىمىغا چۆكتۈم خىيالىمغا كىلىپ باقمىغان تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلارنى كۈرۈپ ھەيران قالدىم ،بىركۈرۈپلا كۈيۈشتۇق - سۈيۈشتۇق دەپ ھاپىلا-شاپىلا تويقىلىۋېلىشقان قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىكى كۈڭۈلسىز جىدەل ماجرالار سۆيگۈسىنىقىدىن ئۈتەلمەي، ۋەيران بولغان ئائىلىلەردىكى ئەر-خۇتۇنلارنىڭ روھى ئازاپلىرى ئاتا-ئانىسى بۇ ئالەمدە تىرىك تۇرۇپ يىتىمقالغان سەبى بالىرارنىڭ ئاچچىق كۆز ياشلىرى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى ھېكايە-رومانلاردىكى رومانتىك تەسۋۈرلەر پەقەت يازغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىلا بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ قالدىم ،كۆڭلىمگە كەلمىگەن خىياللار قالمىدى .<<سىنا!سىنا!سىنا! .....>>بۇ سۆز قۇلىقىمنىڭ تۈۋدە توختىماي جاراڭلايتتى .گەپ بۇيەرگە كەلگەندە ،سىز : ھە ،تېخى ماڭا ئىشەنمەي يۈرۈپتىكەنسىز -دە ، دەپ رەنجىمەڭ ،جېنىم ! كونىلار : ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ ، دەپ ئېيتقانكەن .بۇ تەمسىل ئاساسسىز بولمىسا كىرەك .مەن ئاددى دېھقان ئوغلى ، سىزچۇ ؟ شەھەر باشلىقىنىڭ يالغۇز قىزى سىز ، سىز مىنى تۇنجى قېتىم ئۈيىڭىزگە باشلاپ بارغاندا ،تۇلىمۇ ھۇدىقىپ كەتكەن ئىدىم ،شۇ چاغقىچە ماڭا سىز ئۈزىڭىزنىڭ شەھەر باشلىقىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتمىغانىىدىڭىز -دە !ئاتا-ئانىڭىزغۇ ماڭا شۇنداق ئوبدان مۇئامىلە قىلدى ، ئەمما مەن ،نىمە ئۈچۈندۇر ، مىڭەمدىن چاندۇرماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ ، دىگەن ئوينى ھەرقانداق قىلىپمۇ يىراق قوغلىۋېتەلمىدىم كىيىنكى ئەمىلىيەت بۇنداق ئوي خىيالىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بوسىمۇ لېكىن ئادەتتىكى بۈلۇم باشلىقلىرىغىچە ھېچ بولمىغاندا ئۆزىگە تەڭ كەلگۈدەك ئائىلىلەربىلەن قۇدىلىشىش شامال بۇلۇپ شەكىللىنىپ قالغان ھازىرقى ئەھۋال ئاستىدا مەندەك ئاددى دىھقان ئوغلىنىڭ راستىنلا شەھەرباشلىقىنىڭ كۈيئوغلى بۇلىشىغا تازا ئىشەنگۈم كەلمىدى بۇ يۈرىكىمدە تۈگۈن بۇلۇپ مىنى بەكمۇ قىينىدى سىزنىڭ مەندەك دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ قالغان بولسا نىمبۇلارئىدى دەپ ئۈكۈندىم .كۆز يېشىمنى ئىچىمگە يۇتتۇم شۇچاغدا ئۈزۈمنى چەتكە ئېلىش نىيىتىگىمۇ كەلگەن بىراق بۇئىش قۇلۇمدىن كەلمىدى ئاللىقانداق كۈرۈنمەس يىپ يۈرەك بېغىشىمنى سىزگە چېتىپ قويغاندەك تۇراتتى ئۇيىپنى ئۈزىۋېتىشكە قۇدۇرتىم يەتمىدى ،ئەقىللىق قىز شۇچاغدا سىز روھى ھالىتىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى دەرھال بايقاپ تاغدەك ئىشەنچە بېغىشلىغان ئەمەسمىدىڭىز شۇلارنى ئويلىغاندا ھېلىقى قارارىمدىن تەۋرىنىپمۇ قالغان ئەمما يۇقۇردا ئېيتىلغان رىئال تۇرمۇش كارتىنىللىرى كۆڭلىمگە تىنىشلىق بەرمىدى بۇلۇپمۇ يۈرۈكىمدە ساقلانغان ھېلىقى تۈگۈن سىزنى يەنە بىر قېتىم سۆيگۈسىنىقىنىڭ يالقۇنىدا تاۋلاپ بېقىشقا ئۈندىدى ئاھ قانداق قىلاي قاراملىقىم سىزنى ساقمۇ-ساق بىريىل ھىجران زىندانىدا ئازاپلىدى ئۈزۈممۇ توپتوغرا بىريىل ھەرخىل ئوي خياللانىڭ ئىسكەنجىسىدە قىنالدىم ،ئابابەكرىگە ھەممىدىن بەك ئۇۋال بولدى بىچارە ئاقكۈڭۈل پەزىلەتلىك يىگىت مىنىدەپ نەزىرىڭىزدە شۇنداق پەس چاكىنا ئادەم بۇلۇپ قالدى ،بىلەمسىز مەن ئۇنىڭغا سىزنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سىناپ باقماقچى بولغانلىقىمنى بۇنىڭ كورنكىرت تەدبىرلىرىنى ئېيتىپ خەت يازسسام ئۇدەرھال جاۋاپ خەتيېزىپ بۇنىڭ بىرچاغلاردا خاتىردىن خاتىرگە كۈچۈرلۈپ ھەممىگە تۇنۇش بۇلۇپ كەتكەن بىر ھىكايىدىكى كونا ئۇسۇل ئۈتۈپ كەتكەن بىيمەنىلىك ئىكەنلىكىنى دۇنيادا سىزدىنمۇ ياخشى قىزنىڭ يوقلىقىنى بولمىغۇر خىيالىدىن دەرھال ۋازكىچىپ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ ئىش قىلىشىمنى سىزگە ئىشىنىشىم لازىملىقىنى ئېيتىپ قايتا-قايتا نەسىھەت قىلدى،مەن ئۆز گىپىمدە چىڭ تۇرۋالدىم تېخى سەۋەنلىكنى ئۇنىڭغا ئىشتتىرىپ ئۆكتەملىك بىلەن :<گۈلئايشەمنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بۇلۇپ قېلىشتىن قورقىۋاتىسەن باشقا كۈن چۈشكەندە جانغا ئەز قاتمىغان دوست-دوست ئەمەس > دىدىم .ئۇ نائىلاج بۇ تىراگىدىيدىكى ئەڭ قىيىن رولنى ئېلىپ چىقىشنى زىممىسىگە ئېلىشقا ماقۇل بولدى ،پەردىمۇ ئېچىلدى ،ئۇنىڭ بۇ رولنى شۇنداق قاملاشتۇرۇپ ئوينىغانلىقى ھەرقېتىم ماڭا رەنجىپ يازغان خېتىدىن مەلۇم بۇلۇپ تۇردى ئەسلىدە مەن قىياس قىلغان تىراگىدىيە سىزنىڭ مۇھاببەتكە بولغان ساداقىتىڭىز بىلەن ئاخىر ھازىرقى كومىدىيىگە ئۆزگەردى ،ئەلھەمدۇللا شۈكرە راستىنلا تىراگىدىيە بىلەن ئاياغلاشقان بولسا قانداققىلار ئىدىم بۇنىڭ ئاقىۋېتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن ! جېنىم مەيلى مىنى، ئەيىپلەڭ، تىللاڭ ھازىرغىچە سىزگە سىر تۇتۇپ كەلگەن بىر ئىشنى ئېيتماي تۇرالمايمەن : ئابابەكرىمۇ سىزگە چىن يۈرەكتىن ئاشىق بۇلۇپ قالغان ئىكەن بەلكىم بۇنى سىز ئاللىقاچان سەزگەن بولسىڭىزمۇ كۆڭلىمنى ئاياپ ماڭائېيتىپ يۈرمىگەن بولغىيدىڭىز مەنسىزگە دائىم سۆزلەپ بىرەتتىمغۇ ئۇمەن بىلەن بىرمەھەللىلىك مەندىن ئىككى ياش كىچىك مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچۈنچى سىنىپىغا كۆچكەندە ئۇ ئەمدىلا بىرىنچى سىنىپقا كىرگەنئىدى كىچىكىدىن تارتىپ تىنى ئاجىزراق بولغاچقا بەزى كەپسىز بالىلار ئۇنى بۇزەك قىلىشنىڭلا كۇيىدا يۈرەتتى مەن دائىم قانات ئاستىمغا ئالاتتىم ئۇمىنى بەكمۇ ياخشى كۈرەتتى ئاكادەپ چاقىراتتى مەن ئۇكام دەيتتىم بىز خۇددى بىر ئۇكچىنىڭ ئىچىدىكى قوشماق مېغىزدەك شۇنداق ئىناق ئۈتىشەتتۇق كىشىلەرنىڭ زوقى كىلەتتى ئۇ تۇلۇق ئوتتۇرنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا كۆچكەندە مەن ئالى مەكتەپكە كەتتىم خەت يېزىشىپ تۇردۇق ئارىدىن ئىككى يىل ئۈتۈپ ئۇمۇ شۇمەكتەپكە كىلىپ سىزبىلەن سىنىپداش بۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆرمەمسىز ؟ ئۇنىڭ بىلەن بېرىپ كىلىش جەريانىدا سىزگە كۈزۈم چۈشۈپ قالدى لېكىن ئىككىمىز بىر سىنىپتا بولمىغاچقا تۇنۇشىشنىڭ ئەپ پۇرسىتىنى تاپالمىدىم ئۇقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر يىل قالغاندا زادىلا تاقەتقىلىپ تۇرالماي ئىچ سىرىمنى كۆز يېشىم بىلەن بىللە ئابابەكرىگە تۆكتىم ئۇ بىرھازاغىچە ئۈن چىقماي تۇرۇپلا قالدى بارا-بارا يېلىنىپ يال ۋۇرۇشلىرىمدىن كۆڭلى ئىرىپ تۇنۇشتۇرۇپ قۇيۇشقا ۋەدە بەردى كىيىنكى ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ يۈرمىسەممۇ ئۈزىڭىزگە بەش قولدەك ئايان بۇ يەردىكى سىر شۇكى ئۇبىر كۈنى مىنى ياتىقىغا چاقىردى كىرسەم ئاددى زاكۇسكا بىلەن ھاراق تەييارلاپ قۇيۇپتۇ <بۇنىمە قىلغىنىڭ ؟> دىسەم خىزمەتكە مېڭىش ئالدىدا تۇرىسەن ئۇزۇتۇپ قۇيايدىدى ئىچىشتۇق ئۇ ھەرقانچە قىلساممۇ ئۇنىماي كۆپ ئىچىۋەتتى بىرچاغدا تەڭشىلىپ قالدى بولغان تۇيۇقسىز ئۈنسېلىپ يىغلىۋەتتى نىمە بولغانلىقىنى سورىسام ئۈزۈڭدىن سورا دەيدۇ گاڭگىراپ قالدىم كىيىنچە يېتىپ قالدى يېنىدا ئولتۇردۇم ئۇ چۈشەكىگەندەك ئاۋاز بىلەن گۈل ...گۈلئايشەمنى قاي.........قايتۇرۇپ بەر دىدى چۈچۈپ كەتتىم كوچىلاپ سورىسام جاۋاپ بىرىشكە ماجالى يەتمەي ئۇخلاپ قالدى ئەتىسى< ئىچىڭدىكى سىرىڭنى قەدىناس دوستۇڭدىن يۇشۇرۇپ يۈرىيدىغان قانداق نىمەسەن ؟> قېيدىغان بولدۇم ،ئۇمىنىڭ كۆڭلىمنى تۇلىمۇ ئاياتتى ،شۇڭا <ئاچچىقلىمىساڭ ئېيتىپ بىرىمەن> دېدى .مەن ۋەدە بەردىم مانا شۇندىلا ئۇ شۇچاققىچە چاندۇرماي كەلگەن سىرىنى كۆزيېشى بىلەن قۇشۇپ ئالدىمغا تۆكتى .مەن ئىنتايىن تەسىرلەندىم ئۈزىنىڭ بىردەملىك،ئارزۇ ھەۋىسىگە يىتىۋېلىش ئۈچۈن بەخىتلىك ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلۋېتىشتىن يانمايدىغان بەزى بىنۇمۇس كىشىلەر مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان بۇ دۇنيادا .ئۇنىڭ ئۆزدوستى ئۈچۈن جاندىن ئەتىۋار مۇھاببىتىنى قۇربان قىلالىشى نەقەدەر ئالى جاناپلىق ،قىممەتلىك ھە ! ئويلاپ كۆرسەم شۇنداق ئەمەسمۇ مەن سىزبىلەن تۇنۇشىشتىن بۇرۇن ئىككىڭلارنى كۈپۈنچە بىللە دەرىس تەكرارلاپ يۈرگىنىڭلارنى كۆرگەن لېكىن مەن ئۇچاغدا ئابابەكرىنىڭ سىزگە كۆڭلىبارلىغىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرىشنى خالىمىغاندىمەن ياكى قەستەن خۇپسەنلىق قىلغاندىمەن مەيلى غەرەزلىك ياكى غەرەسسىز بولسۇن ھەرھالدا ئۇنى ئازاپ دېڭىزىغا ئىتتىرۋەتكىنىمدىن تېنىۋالالمايمەن ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئالىجاناپلىق پەزىلىتى ئالدىدا مەن نەقەدەر چاكىنا ھە! ئۇمىنىڭ باشقا ئويلاردا بولماسلىقىمنى قانچە جىكىلىگەن سىرى بەخىتلىك بۇلىشىمنى قانچە تىلىگەن سىرى مىنىڭ يۈزۈم شۇنچە قىزاردى روھى جەھەتتىن شۇنچە ئازاپلاندىم ئەگەر دەسلىپىدە گۈلئايشەمنىڭمۇ ئابابەكرىگە كۆڭلى بولغان بولسا ئارىغامەن تىكەندەك ئۈنۈپ قىزنى ئۈزۈمگە رام قىلىۋالغان بولسام ....ھەي ،ئادەمدىگەن تۇلىمۇ گۇمانخور بۇلىدىكەن مەن ئىشنىڭ بۇنداق بۇلىشىغا ئانچە ئىشەنمىسەممۇ لېكىن يۇقىلاڭ گۇمان كۆڭلىمگە زادىلا ئارام بەرمىدى قېنى مەنمۇ ئابابەكرىگە شاراھىت يارىتىپ بىرىپ باقاي قالغىنى قىزنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭلى بار يوقلىقىغا باغلىق شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىش ئايدىڭلاشمامدۇ مانا بۇ كىمەمنى تەۋەككۈلچىلىك دەرياسىغا سېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ئىشنىڭ بۇتەرىپى ئابابەكرىگە تامامەن قاراڭغۇ ئىدى ئەگەر ئۇمىنىڭ ئۇيۇمنى سىزىپقالىدىغان بولسا ھېلىقى ئېلىپ چىقىش قىيىن رولنى ئۆزئۈستىگە ئېلىشتىن باش تارتاتتى ئەلۋەتتە ئاخىردا يەنىلاسىزنىڭ مۇھاببەتكە بولغان تەۋرەنمەس ساداقىتىڭىز ئابابەكرىنىڭ دوستىغا بولغان سەمىمى ۋاپادارلىقى تەۋەككۈلچىلىك دەيياسىدىكى شىددەتلىك دولقۇنلارنى يېرىپ مىنى ھەقىقى بەخىت سائادەت قىرغىقىغا ئېلىپ چىقتى مەن ھاياجاندا ئىسسىق ياش ئېلىپ : <قىز دىگەن گۈلئايشەمدەك يىگىت دىگەن ئابابەكرىدەك بولسا !....> دەپ باكاللا ئېيتماي تۇرالمىدىم سىلەرنىڭ بۇ ئالىجاناپ پەزىلىتىڭلار مىللىتىمىزنىڭ شەنىگە داغ چۈشىرىۋاتقان بەزى يارىماس بەتقىلىق كىشىلەرنىڭ يۈزنى يەگە قاراتمامدۇ ؟!..............>>
گۈلئايشەمنىڭ قاپقارا قاشلىرى ئاستىدىكى شەھلا كۆزلىرىدىن سىرغىپ چىققان مونچاقتەت ياشلىرى ئۇزۇن كىرپىكلىرىنى نەمدەپ ، ئاناردەك مەڭزىنى بويلاپ كۈتۈرلۈپ تۇغان كۆكسىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن زېغىررەڭ چاپىنىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈشكە باشلىدى .خەتنىڭ ئاخىرقى قۇرلىرى ئىمىر چىمىر بۇلۇپ كەتتى ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېرىق سۈيىگە قارىۋىدى بەخىت نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان چىرايى پەيدا بولدى بىردىنلا ئۇنىڭ ئورنىنى كۆزلىرىدىن غەمكىنلىك چىقىپتۇرغان بىر مەيۈس چىراي ئالدى :ئاھ بىچارە ئابابەكرى قىز ئۈزىنىڭ بىريىلدىن بۇيان ئۇنىڭغا قىلغان قۇپال مۇئامىلىسىنى ئويلاپ خىجىل بۇلۇپ قالدى بولغاي . يۈزى ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىى.
تورداش << شەكىلە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ