سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغىچە،
سىنى سۆيگەننىڭ گۇلى بول
بىلگىنكى نامەرىتنىڭ كۈلكىسى تولا،
«دوسىت»لارنىڭ ئىچىدە تۈلكىسى يولا.
تۈلكىدىن كىلەمدۇ ياخشىلىق ساڭا؟
سەن بۇنى كۆپ ئويلا،ئەقلىڭدىن سورا.
«ئىشەنگەن تاغلاردا ياتمايدۇ كېيىك»
باشقا كۈن چۈشكەندە ئالمايدۇ ئىلىك.
ئالاردا دوستۇم دەپ يۈرگىنى بىلەن،
بىرەردە قاچقىنى ئەجەپ كۈلگۈلۈك..
بۇ ئۆمۈر بەك قىسقا،گوياكى چۈشتەك،
كۆز يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئۆتدۇ يىللار.
ھەممىسى ئۇنتۇلار ئۇنتۇلماس پەقەت،
ۋاپادار دوسىت مېھرى پۈكۈلگەن دىللار.
ئادەم تۇرۇپ ،ئادەملەرگە يېلنىپ-
ياشاش نۇمۇس ئىنسان ئۈچۈن شۇنى بىل.
يولۋاس كەبى بىر كۈن ياشا مەردانە،
توشقان سۈپەت ياشىغىچە تۈمەن يىل.
دەيدىكەن بەزىلەر ئوينىغىن راسا،
ياشلىقىڭ سەن ئۈچۈن قاينىغان بازار.
مەن دەيمەن ياشلىقتا ئۈگەنمسە كىم،
قەدەمدە مىڭ سىناق بەرگۈسى جازا.
گۈللىتەر ئۆمرۈڭنى چىن،پاك مۇھەببەت،
تاريدۇ ئۇنىڭدىن ئوتلۇق ھارارەت.
لېكىن سەن بوپ قالساڭ سۆيگۈنىڭ قۇلى،
باسقۇسى قەلبىڭنى ھەسرەت -نادامەت.