نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> بۈگۈنكى دۇنيا >>
ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-21 17:16:35  يازغۇچى:بايۋەچچە  كىلىش مەنبەسى:توختاملار  ئاۋاتلىقى:463   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             


ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار توختامنىڭ ئۆلچەمسىز بولۇشى سەۋەبىدىن ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپ زىيان تارتىپ قالىدۇ. مۇتەخەسىسلەر ئىشلەمچىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل توختامغا ئىمزا قويماسلىققا ئاگاھلاندۇردى:

1.ئاغزاكى توختام كىشنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ: بۇ خىل توختام ئادەتتە تونۇش -بىلىشلەرنىڭ ۋاستچىلىكى ئارقىلىق ئىمزالىنىدىغان بولۇپ، يازما كېلىشىم ئەمەس. شۇڭا، مەنپەئەت تالاش -تارتىشى يۈز بەرگەندە ئاساس قىلىدىغان يازما ئىسپات بولمىغاچقا، ئىشلەمچىلەرنىڭ مەنپەئەتى مۇقەررەر زىيانغا ئۇچرايدۇ.
2.مەزمۇنى ئاددىي توختاممۇ ئىشەنچىلىك ئەمەس: بۇ خىل توختام گەرچە يازما بولمىسمۇ، لېكىن مەزمۇنى ھەددىدىن زىيادە ئاددىي، ئېنىق ئەمەس، مۇھىم تەرەپلەر كەمچىل.شۇڭا بۇنداق توختامغا ئالدىراپ ئىمزا قويماسلىق كېرەك.
3.بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتكەن توختاممۇ كىشنى شۈبھىلەندۇرىدۇ: ئادەتتە بۇ خىل توختامدا، توختام مەزمۇنى ئادەم ئىشلەتكۈچى تەرەپكە پايدىلىق بولغاچقا، ئىشلەمچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئىشلەمچىلەرنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغاندا ئۇلار دەردىنى ئېيتىدىغان ئورۇن تاپالمايدۇ.
4.رەنە توختامى ئىشلەمچىلەرگە زىيانلىق: بۇنىڭدا ئىشلەمچىلەر ئۆزىنىڭ بىر قىسىم گۇۋاھنامىلىرى، مال-مۈلكىنى ئادەم ئىشلەتكۈچىگە رەنىگە قويىدۇ. نەتىجىدە، ئىشلەمچىنىڭ مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولمىغاندا ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئىشنى تاشلاپ كېتىپ قالغان تەقدىردىمۇ مال-مۈلكىنى زىيان تارتىدۇ ياكى گۇۋاھناملىرىنى قايتۇرۇۋالالمايدۇ.
5.مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىش مەزمۇنىدىكى توختامدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك: بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچىلەر ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، توختام ئىمزالىغاندا ئىشلەمچىلەردىن ئىش ئۈستىدە يارىلانغاندا مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ، توختام قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددا ، بەلگىلمىلەرنىڭ روھىغا ئويغۇن ئەمەس.
6.ئىككى بىسلىق توختاممۇ كىشنى ئاۋارىچىلىققا قويىدۇ: ئادەم ئىشلەتكۈچى بىلەن ئىشلەمچى ئىمزالىغان، قېلىپلاشتۇرۇلغان توختام پەقەت مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنى ئادەم ئىشلەتكۈچىلا ساقلايدىغان بولۇپ، مەزمۇنى قانۇن -بەلگىلمىلەرگە ئويغۇن بولمىغان بەزى توختاملارلا ئىشلەمچىلەرنىڭ ساقلىشىغا بېرىلىدۇ.
ئىشلەمچىلەر ئەمگەك تارماقلىرى بېكىتكەن ئۆلچەم بويىچە تۈزۈلگەن توختاملارنى ئىشلەتكەندىلا، ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بولالايدۇ.


 

تورداش << بايۋەچچە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ