چاشقان يەيدىغان چاغلار ئۆتۈپ كەتتى - [ھىكايە]
ھىكايە
تاتلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان ئاسلانچاق ئىرىنچەكلىك بىلەن ئاناسىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى ئىمىشكە تەمشىلىۋىدى ئانىسى خۇددى بالىسىنىڭ ئىمىشى ئۈزىنىڭ ياشلىق باھارىغا گۈزەل ھۆسنىگە تەسىر يىتىدىغاندەك ئۇنى ئەمگىنى قويمىدى دىمىسىمۇ مۇنداق ئىشلار ھازىرقى مۇشۇكلەر ئارسىدا مۇدا بۇلۇۋاتاتتى. ئاسلانچاق ئاستا بېرىپ خۇرۇستال پىيالىدىكى سۈتنى ئازراق ئىچكەندىنى كىيىن ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان پىششىق ھەم خام گۆشنى ئىرىنچەكلىك بىلەن پۇراپ قۇيۇپ ئاستا ئانىسىنىڭ يېنىغا مېڭىشىغا يۇغان بىر چاشقان چاچراپ ئۈتۈپ كىتىۋىدى ئاسلانچاق قورقۇپ كىتىپ «ۋايجان » دىگىنىچە ئاپىسىنىڭ قوينىغا كىردى ۋە ئۇ قۇرققىنىدىن تىترەۋاتاتتى.
- نىمانچە قوقىسەن ئۇدىگەن چاشقان - دىدى ئانىسى ئىرەنسىزلىك بىلەن .
- مەن تۇيۇقسىز چىققاندىكىن قۇرقۇپ كەتتىم چاشقان دىگەن نىمە ؟ - سۇردى ئاسلانچاق.
- ئۇ دىگەن چاشقان مۇشۇكلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تامىقى .
- ئۇنداق بولسا نىمىشقا ئۇنى يىمەيمىز ؟
- بۇرۇن شۇنداقتى ھازىر دىگەن چاشقان يەيدىغان چاغ ئۈتىپ كەتتى بۇرۇن ئاچلىقتىن شۇنداق قىلىتتى ھازار يەيمەن دىسەڭ ھەممە نەرسە تەل تۇرسا ئۇنىڭ ئۈستىگە چاشقان دىگەن بەك مەينەت نەرسە ئۇنىڭ تۇكلىرىنى ئادالاش دىگەنمۇ بىر قىيىن ئىش
- ئۇنداق بولسا بۇرۇنقىلار قانداق ئادالايتى .
- بۇرۇن تۈكى بىلەنلا يەيتى ھى...ي - مۇشۇك سەسكىنىپ كەتتى .- ئۇلار ئاچلىقتىن ھەممە نەرسىگە چېپىلىۋالاتتى .
- ئۇنداقتا ھازىر چاشقانلارنى مۇشۇكلەر يىمەمدۇ؟
- يەيدۇ سەھرالىق ،مۇشۇكلەر يەنىلا يەيدۇ
- بىزمۇ يەپ باقايلىچۇ ؟
- ھۆ دە چاشقان دىگەن مەينەت ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى چاشقانلاردا تۈرلىك كىسەللىكلەر بار يۇقىدۇ.
- سەھرادىكى مۇشۇكلەر يەيدىكەنغۇ ئەمسە ؟
- نىمىنداق ئۇششاق گەپ قىلىسەن ئۇلار دىگەن تەربىيە كۆرمىگەنلەر ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارغا نەدە گۆش ماي تۇرۇپتۇ .شۇنداق چاشقان تۇتۇپ يەپ ئايدا - يىلدا بىرەر قېتىم « گۆش » يەيدۇ ئۇلار. قارا سىنىڭ نىمەڭ كەم شۇنچە ئىسىل نازۇ نىمەتلەر تۇرمامدۇ ئەنە سەن ئىچكەن سۈتنى ئىنسانلارمۇ ئىچەلمەيدۇ .شۇڭا بۇ بەخىتنى قەدىرلىشىمىز ئىسىل يەپ ئىسىل ياسىنىپ يۈرىشىمىز كىرەك ھەزىر دىگەن گۈزەلەرنىڭ زامانى قۇساق توق كۈڭۈل شوخ .ھەي سەنمۇ بۇگۈندىن باشلاپ تاماقنى ئازراق يىگىن ھە! بولمىسا سەمرىپ كىتىپ سەتلىشىپ كىتىسەن .ھازىرقى زاماندا ئىسىل يەپ گۈزەللەكنى ساقلاپ يۈرۈشنىڭ ئۈزى بەخىت شۆھرەت دىگەن گەپ.تەييار ياماق مامۇق يوتقان نىمە دىگەن راھەت بىز شۇنچە چىرايلىق بولغاچقىلا خۇجايىنىمىزنىڭ بالىسى بىزنى نەمۇ نە كۈتىرىپ يۇرۇپ ئوينىتىدۇ تېخى بوينىمىزدا ئالتۇن زەنجىر.سەن سەھرادىكى چاشقان يەيدىغان مۇشۇكلەرگە ھەرگىز ئۈزىڭنى سېلىشتۇرغۇچى بولما.ئۇلار دىگەن بەخىتنىڭ نىمىلىگىنى راھەتنىڭ نىملىگىنى بىلىشمەيدۇ ئەتىدىن كەچكىچە چاشقان ئىزدەپ چېپىشىپ يۈرگىنى يۈرگەن گۈزەللىكنى تېخىمۇ چۈشەنمەيدىغان تومپايلا.
- ھۇ ...ھ تۇلا گەپ قىلىپ ھېرىپ كەتتىم - ئۇ ئىرىنچەكلىك بىلەن قاپىقىنى سۈزۈپ قۇيۇپ سەل ھەركەت قىلغاندىن كىيىن ئەينەكنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۈزىنىڭ كىلىشكەن ھۆسنى جامالىنى بىردەم تاماشاقىلغاندىن كىيىن :
- قىزىم ئۆگۈللىككە مۇشۇكلەرنىڭ گۈزەللەرنە تاللاش ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى بولىدۇ شۇچاغدا ئاپاڭنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلەكىنى بىلىپ قالسەن قار ئاپاڭغا 5 نى تۇغۇپمۇ تېخى يۈزى ئېچىلمىغان كىچىك ئاسلانلاردەك تۇرغىننى - ئۇ شۇنداق دەپ ئىرىنچەكلىك بىلەن ناز خۇلقا چىقىرىپ ئازراق سۈت ئىچتى ئاندىن خام گۆشتىن بىر چىشلەم يەپ قۇيۇپ يەنە ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدى - دە ۋىييەي پەقەت كۆڭلىم تاماق تاتمايدۇ ئاچچىق - چۈچۈك بىرنىمە بولسا ئازراق يىگەن بولسام ياخشى بۇلاتتى .ۋىييەي ھەجەپ ئاچچىق چۈچۈك نەرسىنى كۆڭلىم تارتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىمەن گۈزەللىشىمەن دەپ ئۈزىكنى ئالدۇرۋىتىپ بۇيۇمدا قالدىمۇ نىمە، بۇ نىمە دىگەن سەتچىلىك باشقىلارنىڭ ئالدىدا.ـ ئۇ سەل جىددىلىشىپ قالدى.
- ******************************************************************
مۇسابىقە مەيدانى قاينام تاشقىنلىققا چۈمگەن ئىدى .ساھىپجامال مۇشۇك كىچىك ئاسلىنىنى ئەگەشتۈرىپ مۇسابىقىگە تىزىملىتىۋاتقانلار ئارسىدا خۇددى يۇلتۇزلار ئارسىدىكى چولپاندەك چاقناپ تۇراتتى ئۇنىڭ تاقىۋالغان ھال رەڭ كۈزەينىكى ئۇنىڭ چىلانرەڭ بۇيىۋالغان چېچېغا بەكمۇ ماسلاشقان بۇلۇپ باشقىچە گۈزەك كۈرىنەتتى.ئۇ ئەتراپىغا قاراپ بىردە ھەر يۇغان ئۇسقانلىق بۇيۇن تۇكلىرىنى ھۈرپەيتىۋالغان ئەركەك مۇشۇكلەرنى كۆرسە تىنى شۇركىنىپ كەتسە بەزە گىرىم قىلمىغان سەھرا چىراي چىشى مۇشۇكلەرنى كۈرىپ « ۋىييەي مۇشۇمۇ چىشى مۇشۇك بولدىمۇ سەھرالىق تومپايلا ئۆمرى تۇپىنىڭ ئارسىدا راھەت كۆرمەي ئۈتىدىغانلار سەنلەرگە بۇ سورۇن يارشامتى ئۇيۈڭدە ئولتۇرۇپ چاشىقىنىڭنى تۇتساڭچۇ» دەيتى تېخى بەزىللىرى كۈزىگە ئىسسىق كۈرىنىپ تىنىدە بىر راھەتلىك سىزىم بۇلۇپ يايراپ كىتەتتى .
ئۇ شۇنداق قىلىپ چاشقان تۇتۇش تۈرىنى پەسلەرنىڭ مەينەتلەرنىڭ ئىشى دەپ چېلىشىش يۈگۈرۇشنى ئەكەك زەدەكلەرنىڭ ئىشى دەپ ھىلى ئۇنى پەس بۇنى قۇپال كۈرۈپ ئاخىرى ئۈزىنىڭ نازاكىتىگە ماسلاشقان مۇدىل مېڭىش ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىگە تىزىملاتتى. ئۇ بۇنۆۋەت كۆڭلىدە ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ سۇرۇن ئەھلىنى ھەيرەتتە قالدۇرماقچى ئىدى.
مۇسابىقە باشلاندى، ئەپچىل يۇشۇرۇنۇشلار دەھشەتلىك ھۇجۇملار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان چاشقان تۇتۇش مۇسابىقىسى شامالدەك يۈگۈرۈشلەر جىددى قايرىلىشلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يۇگۇرۇش ئاجايىپ ماھارەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان چېلىشىشلارنى كۈرۈپ ساھىپجامال مۇشۇكنىڭ ئەقلى ھەيران كۆڭلى سىڭايان بۇلۇپ كەتتى، بۇلۇپمۇ ھىلىقى ئالا بويناق چىرايلىق ئەركەك مۇشۇك 10 مىتىرلىق ھاڭدن سەكرەپ ئۈتۈپ كەتكەندە ئۇنىڭغا ياڭرىغان كۈچلىك ئالقىش سادالىرىدىن سەل ئىچى تارلىقى كەلگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۈزىنىڭ رىقابەتچىسى ئەمەسلىگىنى ھەم ئۈزىنىڭ ناز كەرەشمە بىلەن ئوتۇرغا چىقسا ياڭرايدىغان ئالقىشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۈچلىك بۇلىدىغانلىقىنى كۆزئالدىغا كەلتۈرىپ پىسىڭڭىدە كۈلىپ قويدى ۋە كەچلىك تاماقنى ھىلىقى قالتىس مۇشۇكجان بىلەن يەيدىغانلىقىنى تېخى زۇرۇر بولسا بىر ئىككى رۇمكىدىن ئىچىشىپ قۇنۇپمۇ قالىدىغانلىقىنى كۆ زئالدىغا كەلتۇرۇپ بۈلەقچىلا ھاياجانلىنىپ كەتتى .
نۆۋەت ساھىپ جامال مۇشۇككە كەلدى ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىشى خۇددى يامغۇرلۇق ھاۋادىن كىيىن چىققان قۇياشتەك مەيداننى يۇرۇتىۋەتتى ئالقىش سادالار ئىسقىرتىش چاۋاكلار ئۇزۇنغىچە توختىمىدى بۇلۇپمۇ ھىلىقى چولپان مۇشۇكنىڭ ئۈزىگە قاراپ ھەۋەسلىنىپ چاۋاك چېلىۋاتقىنىنى كۈرگەندە بۈلەكچىلا ھاياجانلىنىپ كەتتى.ئالقىش سادالار بېسىلىپ بىرىنچى تەرتىپ بۇيىچە سۇئال سۇراش باشلانىدى . ھەي بولمىدى نەدىكى بىر تومپايلار سۇئاللارغا قىلچە تەمتىرىمەي شۇنداق راۋان جانلىق جاۋاپ بىرىۋاتاتتى لىكىن ساھىپ جامال مۇشۇك سۇئاللارنىڭ بىرىگىمۇ جاۋاپ بىرەلمەي بەك ئۇسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، بۇلۇپمۇ ھىلىقى چولپان مۇشۇك ئالدىدا بەك خىجىل بۇلۇپ كەتتى، شۇتاپتا ھىلىقى جەددال مۇشۇكلەرنى چايناپ پۇركىۋەتىكىسى كىلىپ كەتتى .سۇئال سورغۇچىلارنىڭمۇ مەدەنىيەت سەۋەيىسى نىمە دىگەن تۈۋەن، شۇنداق سۇئاللارنىمۇ سۇرامدۇ، نەدىكى ۋاختى ئۆتكەن چاشقان تۇتۇش ، پۇراقلارنى پەرىق ئىتىش ، ھازىر نەدە ئۇنداق ئىشلار بار؟ مانداق بىر ھۆسىن گۈزەلەشتۇرۇش، قانداق ئۇرۇقلاش، ياشلىقىنى قانداق ساقلاپ قانداق گۈزەللىشىش، باشقىلارنى جەلىپ قىلىشنىڭ سىرى دىگەندەك سۇئاللارنى سورمامدۇ دەيمەن بوپتۇ ھىلى كۈرىمىزغۇ . مەيداندا ئەرىشتىن چۈشكەن پەرىشتىدەك بىر پەيدا بولسام بىر مۇنچە ئەركەك مۈشۈكلەر ئۈلۈپ قالمىسىمۇ ھۇشىدىن كىتىدىغۇ شۇچاغدا مىنى تەڭداشسىز چولپان دىمەي ئامالى يوق ئۇ شۇنداق خىياللار بىلەن ئۈزنى بەزلەپ بىرىنچى بسقۇچتىن 0 نۇمۇر بىلەن ئۈتىپ كەتتى .ئىككىنچى باسقۇچ مۇدىل مېڭىش ئىدى بۇچاغدا ساھىپقامال مۇشۇكنىڭ شۆلگەيلىرى ئېقىپ كەتتى . ۋوي بۇنىمە گەپ ئەمدى مۇدىل مېڭىش مۇسابىقىسى دەرەخ ئۇستىدە ئېلڭپ بېرلاتتى .ساچىپجامال مۇشۇكنىڭ ئەرۋايى ئۇچتى بۇ قانداق گەپ ئەمدى سەھرالىق تومپايلا نەدىمۇ دەرەخكە يامىشىدىغان ئىش بار مەن ئادەتتە تىزىپ قۇيغان يۇتقانغىمۇ چېتىم كىرىلىپ كەتمىسۇن دەپ ياماشمايدىغان تۇرسام بۇ ئىشنى قاراڭ.ئۇ نىمە قىلىشىنى بىلمەي ئۇياق بۇياققا قاراۋېتىپ ھىلىقى چولپان مۇشۇككە كۈزى چۈشىپ قالدى ئۇ مۇشۇك ساھىپقامال مۇشۇككە قاراپ غەيرەت قىلىڭ دىگەندەك قىلىپ باش لىڭشىتقاچ قۇللىرى بىلەن ئىپادىلەۋاتاتتى . مۇسابىقە بىرمۇنچى مۇشۇكلەر بىرلىكتە ماڭىدىغان بولغاچقا چۈشۈپ قېلىشقا بولمايتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چولپان مۇشۇكنىڭ مەدەت بىرىشى بىلەن ساھىپ جامال مۇشۇك ھۇشىنى يۇقاتقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈزىنى بىلمەي كۈزىنى يۇمۇپلا ئاتلاندى. بىردەمدە ئۈزىنى دەرەخنىڭ ئۇچىدا كۆر دى . شاختىن - شاخقا سەكرەپ كىلىۋاتقان مۇشۇكلەر ئۇنىڭ خېلىلا ئارقىسىدا ئىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلى سەل جايىغا چۈشتى« پىگورام خېلى سىلىق چىققاندۇ ھە ! » دىدى ئۆز - ئۆزىگە .ئۇ شۇنداق پەسكە قاراپ چۈچۈپ كەتتى.. ئاھ خۇدا بۇ نىمىش ئەمدى، ئۇ شۇنداق ئىگىزجايغا ئۆمرىدە چىقىپ باقمىغان، ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدى . ئۇنىڭ بېشى قېيىپ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى پۇت - قوللىرىدا جان قالمىدى . ئۇ بىر ئىلاجى قىلىپ چۈشۈۋالسىلا بولاتتى مۇسابىقىدىنمۇ تويغان ئىدى، ئۇ شۇنداق پەسكە قاراپ سىرىلغىنىنى بىلە تىترەپ ماغدۇر سىزلىنىپ كەتكەن پۇت - قۇللار كارغا كەلمىدى - دە شاختىن شاخقا ئۇرۇلۇپ پەسكە چۈشۇپ كەتتى .قىيامەت قايىم بولدى، ئۇنىڭ بەدەنلىرى تىتما - تىتما بۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ ئۇ ھۇشىدىن كەتتىمۇ ياكى ئۈلۈپ قالدىمۇ بىلگىلى بولمايتى.
بىر چاغدا ئۇنىڭ ئۇڭىمۇ چۇشىمۇ بىلمەيتى بىراۋلارنىڭ ئاۋازى قۇلۇقىغا كىرگەن دەك بولدى .
ـ بۇنىڭ ئاۋال تۇكلىرىنى يۇڭدىۋىتەيلى
ـ مەن ئۇنىڭ بىر جۇپ كۈزىنى يەيمەن
ـ مەن يۈرىكىنى
نىمە گەپلەر بۇ زادى چۈشىنەلمىدىمغۇ ساھىپ جامال مۇشۇك ئاستا كۈزىنى ئېچىپ ئەتراپىدىكى ھەر يۇغان چاشقانلارنى كۆردى. ئەسلىدە چاشقانلار ئۇنىڭ مىدىرلىغىنىنى كۈرىپ قېچىپ كەتسە بۇلاتتى لىكىن ئۇلاچ ھىچ قاچمىدى ساھىپجامال مۇشۇك چاچراپ قۇپۇپ بۇ ئەبلەخلەرنى قىيما چىيما قىلىۋەتمەكچى بولغان ئىدى لىكىن مىدىرلىيالمىدى . چاشقانلار ئۇنى تەرەپ - تەرەپتىن تۇتۇپ خۇددى جىنازىنى كۈتىرگەندەك كۈتىرشىپ ئېلىپ كىتىۋاتاتتى . ساھىپ جامال مۇشۇكنىڭ گۈزەللىكى بۇگۇنكى رىقابەتتە ھىچنىمىگە ئەسقاتماي قالغان ئىدى . ئۇنىڭ ھىلىقى كىچىك ساھىپ جامال قىزى نىمىشلارنى كۈرىۋاتىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ بۇنى ئۇيلاشقا ھالى قالمىغان ئىدى، ئۇنىڭ پۇت - قوللىرى بۇشۇشۇپ ئاخىرىدا سەل بىر تىپىر لىغاندەك بۇلدىيۇ جىمىپ قالدى .بىچارە ساھىپ جامال مەڭگۈلەككە كۈز يۇمغان ئىدى.