نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> تاغدىن-باغدىن >>
ئاتاقلىق ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا چاقچاق
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-21 16:24:52  يازغۇچى:تىكەن  كىلىش مەنبەسى:ئىلغانما  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە ئىككى كەلىمە چاقچاق


          ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېيىمغا ئىككى كەلىمە چاقچاقئەسسالام ئابدۇللا ئاكا؛
ياخشىمۇ سىز... يېقىندىن بۇيان كۆرۈنمەيسىزغۇ؟" ئۇزاق يول "دا مېڭىۋېتىپ،"شۇ چاغلار"دىكى "نەرگىزە""زىلالە"ۋە "يا دوسىت"لارنى ئەسلەپ، ئۇلارنى "كەلگىن"دەپ چىللاۋاتامسىز..يا!؟؟ياكى بولمىسا"بالىلىقنى ئەسلەپ"ھاياجان ئىلكىدە"مەن ھايات "دىگەن ناخشىڭىز بىلەن كىبرال ھالدا باشقىلار بىلەن" ئۇچراشقاندا" ئۆزىڭىزنىڭ "ۋاپادارلىق كۈيى"ڭىز بىلەن باشقىلارنى سىزنى " ئۇنتىيالمايمەن"ياكى "كەت دىمىگىن"
دىگۈزمەكچىمۇ يا سىز؟؟!!ياكى بولمىسا يېقىندىن بۇيان بىرەرسىگە " ئاشىق "بۇلۇپ "شىرىن چۈش"ڭىزدە "چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت"" ئوت كۆيىدۇ بېشىمدا"دەپ نالە قىلىپ"راك باياۋان"نىدا "دولان يىگىتى"دەك " ئۆزەڭدۇرسەن"دىگەن "مۇقام"نى توۋلاپ " ئاشىق نەپەس"بىلەن مېڭىۋاتامسىز-يا!؟ ياكى بولمىسا ئۇ " ئاشىق"قىڭىزغا"مارجان ئاساي"دەپ ئاۋارە بۇلۇپ "تاغ گۈلى"دەك " ئۆرگۈلەي"لىشىپ مۇھەببىتىمگە"يول بەرگىن"پەقەت سەنلا"يارىم سەن"دەۋاتامسىز---يا؟!!
سىزنىڭ "تۇنجى سۆيگۈ"نىڭىز ياكى "ۋاپادار"رىڭىز "ئەركەم"دەپ زارلاپ سىزنى " ئۆزەڭنى ئەر دىمە"دەپ تىللاۋاتامدۇ نىمە؟؟؟مەن شۇنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەنكى سىز يەنىلا ئۇلارنىڭ " ئۇۋالىم"لىغا كىتىپسىز!! ئەڭ ياخشىسى"تۇنجى قار"ياغقىنىدا ئايالىڭىزغا"كەچۈر ئايالىم""سىنى دىدىم""كۆزۈڭنى ياشلىما"دەڭ ، ئۇمۇ بولمىسا "رەنجىمە"دىگەن سۆزنى كۆپرەك قىلىپ ئايالىڭىزنىڭ"كۈلكىگە يۇشۇرۇنغان يىغا"سىنى مەڭگۈ يوق قىلىڭ!!!!!!!
ئەمدى سىز "پۇتبول ناخشىسى"دەك كەلگۈسىگە قاراپ كۆپرەك "قارا تۇپراق"نى مەدىھىلەپ"يار ھەققىدە قوشاق"قا ئوخشاش ناخشىللىرىڭىنى ئىجاد قىلىپ"ۋەتەن" ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇڭ!ھەرگىزمۇ ھەممىدىن" ئايرىلدىم"دەپ نالە قىلماڭ!
شۇنداق قىلسىڭىز"مۇئەللىم"سىزنى "تۇغۇلغان كۈن"نىڭزدە " ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە"گە ئوخشاش نادىر ناخشىلار بىلەن مەدەت تىلەپ سىزگە بەخىت تىلىگۈسى.....
ئىسىڭىزدە بولسۇن! ھەرگىزمۇ "تەنھا سۆيگۈ"گە گىرىپتار بۇلۇپ،"ھەيرانمەن"دەپ ئاھ ئۇرۇپ سالماڭ!"ئىگىلگەنگە ئىگۈلۇر"دىگەن سۆزىڭىز بويىچە ئىش كۆرۈڭ."تۇمانلىق سەھەر"قاينىمىدىن تىزراق چىقىپ"مەشرەپ"لەرگە پات -پات
قاتنىشىپ"ئاتا "ۋە"ئانام"لارنى،"قېرىنداش بىز"دەپ كاناي يىرتىلغۇچە توۋلىغان يارۇ -ئاغىنىلەرنى رازى قىلىشنى ئۇنۇتماڭ! شۇنداق قىلسىڭىز مەنمۇ "ئانامغا مەكتۇپ"سۇنۇپ، سىزگە بەخىت، ئامەت،سۆيگۈ....ئىشقىلىپ دۇنيادىكى بارلىق ياخشى تىلەكلەرنى تىلەشنى ئىلتىجا قىلىمەن!!!

ئابدۇللا ئاكا "بوز تورغاي"دەك سايراپ، "جەننەت ئانام ئامان بولسۇن"نى ئېيتقىنىڭىزدا خەلىقنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىڭىزگە چەكسىز مايىل قىلغانتىڭىز، "رەنجىمە"دەپ تەسەللى بەرگىنىڭىز قايسى يۇرتنىڭ مەلىكىسى، سىز تەبرىكلگەن "تۇغۇلغان كۈن" قايسى كىشىلەر ئۇ؟ "يەتتە قىزلىرىم"دىگەن ناخشىڭىزدەك ئىجادىيەتلەر يەنە بارمۇ؟

       ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ، سىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى "مەجنۇن تال " لىقلار ئارا " قارلىغاچ " تەك شوخ پەرۋاز قىلىپ ، " سىرلىق تۇمان " دەك رومانتىك كۈيلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ناخشچىلىرى سېپىگە كىرىپ كەلگەن ئىدىڭىز ...
ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ تۈركىيە پۇراقلىرىغا مەستخۇش بولۇپ ، " قارا تۇپراق " ئۈستىدىن زارلىدىڭىز .
     ئارىدىن يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندە ، سىز ئۆزبېك قىزى " زىلالە " نىڭ ئىشقىدا " خيالدىكى سۆيگۈ" گە چۆمۈپ ،قويۇق ئۆزبېك پۇرىقىغا تويۇنغان ھېسسىياتلىرىڭىز ئارقىلىق ، " سېنى تاپارمەن " ، ئەگەر سېنى تاپالمىسام چۈشۈمدە ئىزدەيمەن ، سەن " چۈشۈمگە كىر " دەپ ، ئوتلۇق نىدا قىلغان ئىدىڭىز ...
          شۇنداق قىلىپ ، خەلقىمىزنىڭ مىللى پۇراقلىق ناخشىلىرى چولپانىدىن تەرەققى قىلىپ ،سىز ئاجايىپ بىر خىل ئەبجەش ئۇسۇلۇبنىڭ چولپانىغا ئايلانغاندەك تۇرىسىز . ئىشەنمىسىڭىز ، سىز ئالدىنقى مەزگىلدە ئۆتكۈزگەن " تۇغۇلغان كۈنۈڭ " مۇراسىمى ____پۈتۈنلەي رۇس ئۇسۇلۇبىدا بېزەلگەن ئىكەن ئەمەسمۇ ؟......

تورداش << تىكەن>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ