نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> تاغدىن-باغدىن >>
باس باستىكىلەرگە بىرتەكلىۋىم(دىلداش)
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-21 01:04:05  يازغۇچى:دىلداش  كىلىش مەنبەسى:يۈرەك سۆزۈم  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

باس باستىكىلەرگە بىرتەكلىۋىم(دىلداش)

ئەسالاممۇئەلەيكۇم قەدىردانلار،كەمنىە دىلداشتىن سىزلەرگە ئوتلۇق سالام

 ھەممىزگە مەلۇمكى: باس باس تور بېكىتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقىرى بىلەن ئىخلاسمەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېللىق ئائىلىسىگە ئايلانغانلىقى مۇنازىرسىز ھەقىقەت.شۇڭا بۇ تور بېكەتنىڭ ھەۋەسكارلىرى،تىما يوللۇغۇچىلىرى بىر قەدەر كۆپ بولماقتا.
يىقىندىن بىرى تور بېكەت مەسئۇللىرى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،بېكەتتىكى تىمىلارغا ئىنكاس يىزىش ئىمكانىيىتى يارتىپ بەردى.بۇ ئىش بارلىق تىما يوللۇغۇچىلارغاۋە كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بولدى.بۇئىشتىن ھەر بىر باس باس ئەھلى سۈيۈنمەي قالمايدۇ.جۈملىدىن مەنمۇ شۇنداق سۆيۈندىم.
مەن بۈگۈن چەكسىز سۈيۈنۈش ئىچىدە باس باستىكى تىما يوللاۋاتقان دوستلار ئۈچۈن يەنە بىر چاقچاق يىزىش ئىستىكىدە خىيال سۈرۋاتقىنىمدا تۇساتتىن بىر خىيال كالامدا زاھىر بولدى.شۇڭا بۇ تىمام ئارقىلىق باس باستىكى ئېزىز تورداشلارغا بىر تەكلىپ بىرىشنى تۇيۇقسىزلا ئويلاپ قالدىم.
سۆز ئوينۇتۇش ئورنىغا ئويلىغىنىمنى سەمىڭلارغا سۇناي:
ھېس قىلغانلارغا ئىنىقكى: ھەر بىر تورداش باس باسقا قەدەم بىسىشتىن بۇرۇن ئۆزى خالىغان ياكى ياقتۇرغان ئىسىمدا باس باس تور بېكىتىگە ئەزا بولغانلىقى ھەقىقەت.مىنىڭچە سىز قايسى ئىسىمدا ئەزا بۇلۇپ كىرىشتىن قەتىئينەزەر باس باس تور بېكىتىگە تىما يوللىغاندا ئۆزىڭىزنىڭ ئاتا -ئانىسى قويغان ئىسىمنى ئەسكەرتىپ تىما يوللاشنى ئويلۇشۇپ باقسىڭىز.گەرچە سىز ئۇنىڭ نىمە زۈرۈريىتى دەپ قارايدىغانسىز.لىكىن ھېس قىلسىڭىز زۈرۈريىتى ئەلۋەتتە بار.سىز يوللىغان تىما قانچە جەلىپ قىلارلىق بولسا چۇقۇمكى كۆرۈرمەنلىرى ئەلۋەتتە كۆپ بولىدۇ.تىمىڭىزنى ھەر بىر قىتىم كۆرگەن كۆرۈرمەن سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزگە چۇقۇم دىققەت قىلىدۇ.خاس ئىسمىڭىزنى بىلىۋالسا كىيىنكى يوللىغان تىمىلىرىڭىزنىڭ كۆرۈرۈمەنلىرى چۇقۇم كۆپۈيىدۇ.مەن ئۆزەمنى مىسالغا ئالسام مەنمىۇ تىما كۆرۈشتىن بۇرۇن چۇقۇم ئۆزەم تۇنۇيدىغان ئاپتۇرلارنىڭ تىمىلىرىنى ئالدى بىلەن كۆرىمەن.
مەن بۇ تىمنى يىزىپ بۇ يەرگە كەلگەندە بۇنىڭدىن نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر توردىشمنىڭ تېلېفۇنى خىيالىمغا كەلدى:
<<-ئەسسالاممۇئەلەيكۇم دىلداش ئەپەندىم.سىزدىن بىرگەپنى سورماقچىدىم.
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قىنى سوراڭ.
- باس باستىكى ...ئەزا كىم؟(مەن ئىسمىنى ئاشكارىلىماي)ئۇ ئەرمۇ ئايالمۇ؟
 مەن جاۋاپ بىرىش ئورنىغا جىم بولدۇم.تېلېفۇن قىلغۇچى مەندىن 4ئەزانىڭ ئەھۋالىنى سوردى.
-كىچىرىڭ تازا ياخشى تۇنۇمايدىكەنمەن.
- كىم ياخشى بىلىدىغاندۇ؟
-مەن بىلمەيدىكەنمەن>>
گەرچە ئۇ توردىشىم ماڭا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفۇن ئۇرغان بولسىمۇ،مەندىن پەقەت كىچىرىڭ بىلمەيدىكەنمەن دىگەن جاۋاپقا ئىرىشتى.مەن تور دۇنياسىغا كىرگەندىن بىرى بۇنداق تېلېفۇنلارنى تالاي قۇبۇل قىلدىم،  لىكىن جاۋابىم ئوخشاشلا كىچىرىڭ دىگەن سۆز بولدى.
مانا بۇنىڭدىن تىما كۆرگۈچىلەر چۇقۇم تىما كۆرگەندە تىما ئاپتۇرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بۇلىدۇ.شۇڭا سىز تىما يوللىغاندا چۇقۇم ئۆزىڭىزنىڭ رىئاللىقتىكى ئىسمىڭىزنى تىمىڭىزغا قۇشۇپ يوللاشنى ئويلۇشۇپ باققان بولسىڭىز.
قەدىرلىك تورداشلار بۇ تەكلىۋىم قىسمەنلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقماسلىق مۇمكىن شۇنداقتىمۇ قەلبىدە غۇرۇر بولغان قىسمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.چۈنكى كىگىز،پالاس،شەپكە.رامجانى،بوۋدى،جېك،مېك،بۇغا،كىيىك،ئۆشكە..... دىگەندەك ئىسىملارنى قويغاندىن ئەخەت،مەخەت،سەمەت....دىگەندەك ئىسىملىرىمىزنى ئىشلەتسەك ئۆزىمىزنىڭ مىللەت نامىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشى مۇمكىن.
تەكلىۋىمنى تاللاش ياكى شاللاش ھۇقۇقى يەنىلا تورداشلارنىڭ ئىنساۋىغا قالدى.تىمىغا ئىنكاس يازغاندا ئادىمىلىكنى ئۆلچەم قىلىپ،ئەقلىڭىز بىلەن ئىنكاس يازغايسىز.

تورداش << دىلداش>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ