نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خانىم - قىزلار دۇنياسى >>
ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-20 20:39:43  يازغۇچى:شەكىلە  كىلىش مەنبەسى:ئانا تۇپراق تورى  ئاۋاتلىقى:472   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             
 بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى . ئۇ پاقىنى ئۆلتۈرۈپ توپنى ئالماقچى بولۇپ پالاقنى كۆتۈرىشىگە پاقا توپنى چىقىرىۋىتىپ گەپ قىلغىلى تۇردى :  

-مىنى ئۆلتۈرىۋەتمە، مەن ئادەتتىكى پاقا ئەمەس، سىھىر ئىشلىتەلەيمەن. ئەگەر مىنى قويىۋەتسەڭ ئۈچ ئارزۇيىڭنى قاندۇرىمەن .
  ئايال پاقىنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى .پاقا:
- سەن ئارزۇيىڭنى ئېيتىشتىن بۇرۇن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قوياي – دىدى پاقا – ھەر بىر ئارزۇيىڭنى ئېيىتقاندا ئېرىڭمۇ ئارزۇيىڭدىن تەڭ بەھرىمان بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ئېرىشكىنى سىنىڭكىدىن ئون ھەسسە كۆپ بولىدۇ.
ئايال پاقىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا ھاياجانغانلىقىدىن ئالدىراپ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە كۆڭلىدە سان بولغاچقا، پاقىغا قاراپ:

 -گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ئايال بولۇشنى ئويلايمەن،- دىدى .
پاقا دەرھال ئۇنىڭ گىپىنى بۆلدى : 
- ئىسىڭدە بولسۇن ئېرىڭمۇ ئەڭ كىلىشكەن ئەر بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئەپسانىلەردىكى جەزىبىدار يىگىتمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىزلىق قىلىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەرلەرنىڭ پىيىغا چۈشىدىغان ئاياللارنىڭ ئايىغى بىسىقمايدۇ . 
- بۇنىڭ ئەنسىرگۈدەك نىمىسى بار – دىدى ئايال سۈزىنى باشلاپ ،

- مەن تەڭداشسىز ساھىپ جامالغا ئايلانسام ، ئەجىبا ئۇنىڭ كۆزى مەندە بولماي باشقىلارغا چۈشەمدىكەن !
ئۇ شۇئان تەڭداشسىز ساھىپ جامالغا ئايلاندى .
- ئىككىنچى ئارزۇيىمغا كەلسەك،- دىدى ئايال ئۇلاپلا – جاھاندىكى ئەڭ باي ئايال بولماقچىمەن .
- ئىسىڭدە بولسۇن ، ئېرىڭنىڭ بايلىقى سەندىن ئون ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ .
- غەم قىلىش ھاجەتسىز – دىدى ئايال جاۋابەن – مىنىڭ بايلىقىم ئۇنىڭغا مەنسۈپ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بايلىقىمۇ ماڭا مەنسۈپ – تە .
ئۇ شۇئان جاھاندىكى ئەڭ باي ئايالغا ئايلاندى .
- ئۈچىنچى ئارزۇيىمغا كەلسەك ..... – دىدى ئايال قوشۇمىسىنى تۇرۇپ ئويلانغىنىچە، ئارقىدىن پىشانىسىگە پاققىدە بىرنى قويدى-دە :

- تاپتىم، مىنى ئانچە ئىغىر بولمىغان ، بىر ئوپراسيە بىلەنلا ساقىيىپ كېتىدىغان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار قىلغىن ....
بۇ ھىكايە بىزگە شۇنداق ساۋاق بىرىدۇ : ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق .

تورداش << شەكىلە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ