ئەي دوستۇم ئەسلىمە ئۆتمۈشنى بۈگۈن،
قەلبىمىز تۇمانلىق بار ئىدى تۈگۈن.
قول تۇتۇپ دوسلارچە ياشايلى ئەمدى،
يېنىڭغا بارىمەن ئەتە يا ئۆگۈن.
ئاڭلىسام تۇيۇڭنى قىلماقچى بوپسەن،
مۇبارەك ئېيتىمەن بارالمىساممۇ.
تىلەكلەر قەلبىمدە ياڭرىدى شۇ دەم،
قۇلۇڭنى دوسلارچە سىقالمىساممۇ.
مەڭگۈلۈك ياشىغىن گۈل چىمەن ئارا،
بەخىتلىك بولغىن دەپ قىلمەن دۇئا.
بۇ شېئرىم تۇيۇڭغا تۇتقان سوغامدۇر،
قەدىمدەك تائەبەت ياشايلى يانا.