نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> بۈگۈنكى دۇنيا >>
قىز تاماق تاللىغانلىقتىن ئۆگەي ئانىسى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلدى
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-20 16:41:44  يازغۇچى:مايىرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             
قىزتاماق تاللىغانلىقتىن ئۆگەي ئانىسى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلدى




بىر ھەپتە بۇرۇن، خۇبېي ئۆلكىسى جىجىياڭ شەھىرى ۋېنئەن بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق 16 ياشلىق قىز شىياۋيۈن ئۆگەي ئانىسى تەرىپىدىن ئۈستىگە ئىسپىرت تۆكۈلۈپ كۆيدۈرۈلۈپ يارلاندى. نۆۋەتتە قىزنىڭ ئۆگەي ئانىسى چېن X ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.
12-ماي كەچ سائەت 6 لەر ئەتراپىدا، شىياۋيۈن دادىسى تىيەن ۋېن مىڭ، ئۆگەي ئانىسى چېن X  بىلەن بىللە تاماق يەپ ئولتۇرۇپ، دادىسىغا: «دادا، بۇ پۇرچاق سەل تۇزلۇق بولۇپ قاپتۇ، چۈشتىكى سەيمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس» دېگەن. نەتىجىدە، قىزنىڭ ئۆگەي ئانىسى دەرھال پىيالىنى ئېتىۋىتىپ: «سەن داداڭغا دىمەيۋاتىسەن، ماڭا دەۋاتىسەن!» دېگىنىچە ئۆگەي قىزى بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتكەن. كىيىن چېن X قىزغا ھۆكۈرگىنىچە: «يوقال!» دېگەن. قىز سىرتقا چىقىپ دەرەخلىقتە بىر سائەتچە يىغلىغاندىن كېيىن قايتىپ كەلگەن. قىزنىڭ دادىسى ئۇنى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتتى، دەپ ئويلاپ ئۇنى ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن پەيىتتە قىز قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا چېن X  يەنە قىز بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن. ئۇ قىزنىڭ بېشىغا گۈرجەك بىلەن بىرنى ئۇرۇپ قىزنى يارلاندۇرغاندىن كېيىن،قىز ھوشىدىن كەتكەن. چېن X يانە ئاچچىقىغا پايلىماي، قىزنىڭ ئۈستىگە ئىسپىرت تۆكۈپ ئوت ياققان. گەرچە قىز ئۆزىنى يامغۇر يېغىۋاتقان سىرتقا ئاتقان بولسىمۇ، نەتىجىدە قىزنىڭ بەدىنىنىڭ 35 پىرسەنت قىسمى كۆيۈپ كىتىپ، 3-دەرىجىلىك يارلانغان. قىزىنى تاپالماي قايتىپ كەلگەن دادا قىزىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ، ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارغان.
نۆۋەتتە، قىزنىڭ ھاياتى يەنىلا خەۋپ ئىچىدە تۇرماقتا ئىكەن.  چېن X ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ ئۇ چاغدا بەك ئاچچىقلىنىپ شۇنداق قىلىپ سالغانلىقىنى، ھازىر ناھايىتى پۇشايمان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
تورداش << مايىرە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ