مىھرى ئىللىق ئورۇن ۋە شەخىسلەرگە، مېھرىبان ئاتا-ئانىلارغا مۇراجەت
خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيە سامپۇل يېزىسىدىن تولۇقسىز قوش تىللىق 7-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان 13 ياشلىق قىز مۇكەررەم بۇيىل 3-ئايدىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا بىر ئاي، ئۇنىڭدىن كىيىن يۆتكىلىپ تىببى ئۈنۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتىدۇ. بۇ قىزنىڭ كېسىلىگە دوختۇرلار (再生障碍性贫血) قان ئىش ئىختىدارى توسالغۇغا ئۇچىرىغان جايىل خاراكتىرلىك كېسەل دەپ دىئاگۇنۇز قويدى، بۇنى داۋالاش ئۇسۇلى يىلىك كۆچۈرۈپ ھۈجەيرە سېلىش . بۇنداق قىلغاندا %80 ئۈمۈت بارلىقىنى ئېيىتتى. ھازىر بالىغا دادىسىنىڭ يىلىكى ماس كەلدى. بۇ قىز ھازىر (血液二科) قان ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەرنى كۆچۈرۈش رايونىدا ئەينەكلىك ئۆيىدە دەسلەپكى تەييارلىق ئوپراتسىيەسىنى قىلىپ بويۇن تەرەپكە نەيچە سالدى (1049739-نۇمۇرلىق كېسەل). دوختۇرلار يىلىكىنى مۇشۇ ئىككى-ئۈچ كۈن ئىچىدە سالىدىغانلىقىنى، بۇنۇڭ ئۈچۈن ئالدىن تاپشۇردىغان پۇل 300 مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقىنى ئېيىتتى، بىز ھازىرغا قەدەر 110 مىڭ يۈەنلىك داۋالىنىپ بولدۇق، ئۆي-مۈلۈك، يەر-زىمىن ھەممىسىنى ستىپ تۈگەتتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا 100 مىڭ. يۈەن قەرىز ئېلىپ دوختۇرخانىغا تاپشۇردۇق بىزدە بارىلىق ئىقتىساد تۈگەپ، ھازىر بەك ئېغىر قىيىنچىلىققا قالدۇق. يەنى بۇ قىزنىڭ 3 ياشلىق بىر ئىنىسى 8 ئايلىق بولغان ۋاقتىدا قىزىپ قېلىپ مىيىپ بولۇپ قالغان. بۇ بالىغا ھازىر قارايدىغان ئادەم يوق، ئامالسىز 65 ياشقا كىرىپ قالغان كېسەلچان چوڭ ئانىسى قاراۋاتىدۇ. شۇ ئانىنىڭ تىزراك كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرۋاتقان بىچچارە، مىيىپ بالىنىڭ، شۇ كېسەلچان ياشىنىپ قالغان ئانىنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن يارىدەم قولۇڭلارنى سۇنۇپ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىشلىرىمىزغا خالىسانە يارىدەم بېرىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن : كېسەل قىزنىڭ دادىسى: نۇرەخمەت روزى مەممەت
ئانىسى: ئامىنەخان توختىتۆمۈر
تېلفون نۇمۇر: 15026031403
يېزا ئىگىلىك بانكا كارتا :
ئىسمى-ئاتىسى: ئامىنە توختىتۆمۈر
خەنزۇچە يېزىلىشى: 阿曼娜.托合提铁木尔
كارتا نۇمۇرى: 0890427157718 622848
بىچچارە قىزىمىزنىڭ رەسىمى:

دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتى:

ئانا يۇرۇت لوپ ناھىيە سامپۇل يېزىمىزدىن قىلىپ بەرگەن تونۇشتۇرۇش:


ئاخىرىدا بىزگە يېقىندىن يارىدەم بەرگەن لوپ ناھىيىمىز جۈملىدىن سامپۇل يېزىمىزدىكى قېرىنداشلارغا، قىزىمىزنى داۋالاۋاتقان دوختۇر سېستىرالارغا، ئەتراپتىكى ئاق كۆڭۈل، مىھرىبان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
كەڭ تور بىكەت باشلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تور بىكەتلەردە ئىلان قىلىپ يېقىندىن قوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز!