نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق >>
قول-پۇت- ئېغىز كېسىلى ھەققىدە ساۋات
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-19 19:19:58  يازغۇچى:كۆكتاش  كىلىش مەنبەسى:قۇمۇل سەرۋەڭ تورى  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىز مىقياسىدا قول-پۇت- ئېغىز كېسىلى(手足口病) ئېغىر دەرىجىدە يامىرىغان بولۇپ، 2010- يىلى 5- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە، يۇقۇملانغانلار 400 مىڭدىن، ئۆلگەنلەر 260تىن ئاشقان، كېسىلى ئېغىرلار  5454 نەپەرگە يەتكەن. شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، مەزكۇر ئۇچۇرنى يوللىدىم

قول-پۇت- ئېغىز كېسىلى 71 تىپلىق ئۈچەي ۋىرۇسى (EV71)دىن يۇقۇملىنىپ كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، يۇشۇرۇن مەزگىلى 2- 7 كۈن، كېسەللىك جەريانى 7- 10 كۈن، پەقەت ئىنسانلار ئارا يۇقىدۇ. ئاساسەن ھەزىم يولى (گەندە، شۆلگەي ياكى بۇلغانغان يېمەكلىكلەر)، ياكى نەپەس يولى (تۈكرۈك چاچراندىلىرى، يۆتەل، ئۈشكۈرۈش) ئارقلىق يۇقىدۇ. يەنە تېرىگە چىققان سۇلۇق قاپارتمىلار بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىقمۇ يۇقىدۇ.

ئۈچەي ۋىرۇسىنىڭ تىپلىرى كۆپ بولۇپ، يۇقۇش يوللىرىنى ئاسان ئۈزىۋەتكىلى بولمايدۇ. يوشۇرۇن يۇقۇملانغان ياكى غەيرىي تىپىك يۇقۇملانغانلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى (يوشۇرۇن يۇقۇملانغانلار بىلەن ئاشكارە يۇقۇملانغانلارنىڭ نىسبىتى 1:100). EV71 قاتارلىق بىر قىسىم ئۈچەي ۋىرۇسلىرىنىڭ يۇقۇملىنىشى تېز، ئالاھىدە بولغان ۋاكسىنىسى ياكى ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۇسۇلى يوق.

ئالامەتلىرى: دەسلەپتە يۆتىلىدۇ، ماڭقىسى ئاقىدۇ، بىئارام بولۇپ يىغلايدۇ، كۆپىنچە قىزىتمايدۇ ياكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قىزىتىدۇ. شۇڭا دەسلەپكى مەزگىلىدە "ئۆپكە ياللۇغى" دەك بىلىنىدۇ. ئارقىدىنلا پۇت، قول، ئېغىز ۋە مەقەت ئەتراپىغا ئەسۋە ئۆرلەپ، ئېغىز بوشلۇقىغا سۇلۇق قاپارتمىلار چىقىدۇ. يەنە قىزىتىش، كېكىردىكى ئاغرىش، ھارغىنلىق ۋە جانسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، كېيىنچە ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. ئېغىزىنىڭ ئىچىگە چىققان سۇلۇق قاپارتمىلار يېرىلغاندا ئىنتايىن ئاغرىغانلىقتىن، بالىلار تاماق يېگىلى ئۇنىمايدۇ، دائىم شۆلگىيى ئېقىپ، كەيپىياتى تۇراقسىز بولىدۇ. ئاز بىر قىسىم بىمارلاردا، ۋىرۇس نېرۋا سېستىمىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقتىن، مېڭە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، نېرۋا خاراكتېرلىك ئۆپكىگە سۇ چۈشۈش قاتارلىق كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەرنىڭ تەرەققىياتى تېز، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

كۆتۈنۈشى: بۇ كېسەلنىڭ خاراكتېرى يەنىلا يەڭگىل بولۇپ، ئۆزلىگىدىن ساقىيىپ كېتەلەيدۇ. لېكىن، سۇسىزلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالىغا كۆپىرەك سۇ ۋە مېۋە شەربەتلىرىنى ئىچكۈزۈش كېرەك. ئەگەر بالىدا داۋاملىق قىزىتىش، قۇسۇش ۋە بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرىلىۋەرسە، تېزدىن دوختۇخانىغا ئاپىرىپ، مۇناسىۋەتلىك كۈزىتىش ۋە داۋالاشلارنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

ئالدىنى ئېلىش: بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم. يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن مەزگىللەردە، بالىلارنى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاز ئېلىپ بېرىش؛ بالىلارغا تازىلىققا رىئايە قىلىدىغان، تاماقتىن بۇرۇن ۋە تەرەتتىن كېيىن قول يۇيدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش. قاچا- قۇچا، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئويۇنچۇقلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرۇش؛ خام سۇ ئىچمەسلىك، خام- سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ، كېيىم كېچەك، يوتقان- كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش كېرەك.

قول-پۇت- ئېغىز كېسىلدە ئىممۇنىتېت ھاسىل بولمايدۇ. ساقايغاندىن كېيىن، ئېھتىيات قىلمىسا، قايتا گرىپتار بولىدۇ.

تورداش << كۆكتاش>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ