ئەتىگەنلىك ناشتا ۋە گۈزەللىك
ئەتىگەنلىك ناشتا بىلەن گۈزەللىكنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار . مەلۇم بىر ئوزۇقلۈقشۇناس يىغىنچاقلاپ مۇنداق دەيدۇ :«سىز ياش ھەم گۈزەل بولىمەن دەيدىكەنسىز ، ئەتىگەنلىك ناشتىنى چوقۇم ياخشى يېيىشىڭىز كېرەك » .
ئەتىگەنلىك ناشتا چوقۇم ياخشى بولىشى ھەم ئوزۇقلۇقى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيېش كىرەك .بولۇپمۇ كالا سۇتى ، تۇخۇم قاتارلىقلارنى يېيېش ناھايىتى موھىم .
بىر كۈن ئىچىدە ئادەم ئۈچ ۋاخ تاماق يەيدۇ . ئەگەر بىر ۋاخ تاماق ئازىيىپ كەتسە ،كۈندە ئۈچتىن بىر قىسىم قۇۋەت ئازلاپ كىتىدۇ ، ئەتىگەنلىك تاماق يېمىسە ،چۇشلۇك تاماق ۋاختى بولغۇچە ئاشقازان سۇيۇغلۇقى ۋە ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىش تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ ، نەتىجىدە ئىشتەي تۇتۇلۇپ كىتىدۇ - دە ، گۈزەللىككە تەسىر يىتىدۇ .
ئەتىگەنلىك ناشتا ۋاختىدا ئاشقازان ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى قوبۇل قىلىدىغان ياخشى پەيت . بۇ خىل ماددىلار تىرىنى ئاسرايدۇ ، گۈزەللىكنى ئاشۇرىدۇ . شۇڭا ئەتىگەنلىك ناشتىدا كالا سۇتى ، مىۋە شەربىتى ئىچىپ بەرسە پايدىلىق .