شوپۇر مۈگدەپ قىلىپ ماشىنا ۋەقەسى كىلىپ چىقتى

مىنىبۇس ماشىنا شوپۇرى قورقۇپ پۇت-قولىدا جان قالمىدى

يۈك ماشىنىسى شوپۇرى ماشىنىغا قىسىلىپ قىلىپ مىدىرلىيالمىدى
17-ماي ئەتىگەن 2 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ماشىنا ساندۇقىغا بىر ساندۇق راك قاچىلىغان يۈك ماشىنىسى، نەنجىڭ ياڭزىجىياڭ چوڭ يولىدا كىتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز كونتىروللىقىنى يوقىتىپ، يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى مىنىبۇس ماشىنا بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن. ساقچىلار دەرھال يېتىپ كىلىپ، ياردارلارنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان. ئىگىلىنىشچە، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، يۈك ماشىنىسى شوپۇرىنىڭ مۈگدەپ قالغانلىقىدىن ئىكەن. ۋەقەدە يۈك ماشىنىسى شوپۇرى ئېغىر يارلانغان بولۇپ، پۇت قىسمى پۈتۈنلەي سۇنۇپ كەتكەن، دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بەلكىم پۇتىنى كىسىپ ئېلىۋىتىشى مومكىن ئىكەن. يۈك ماشىنىسى شوپۇرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان يىگىت بىلەن مېنىبۇس ماشىنىنىڭ شوپۇرى يېنىك يارلانغان بولۇپ، ئانچە چوڭ مەسىلە يوق ئىكەن.
يۈك ماشىنىسى شوپۇرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان يىگىتنىڭ ئېيتىشىچە، شوپۇر ئالدىدا بىر ماشىنىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنى چەتكە ئالماقچى بولغان ئىكەن. نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ ۋەقەنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرمەكتە.