بەخت ھەققىدە
ۋاڭ ئەنيى
بەخت دېگەن نېمە ؟ بەخت __ كىشى ئۆز - ئۆزىنى بەختلىك ھىس قىلىش دېمەكتۇر .
ئېھتىمال ، بۇ ھەممە ئادەم بىلىدىغان ، مودىدىن قالغان بىر جۈملە گەپ بولىشى مۇمكىن. بىراق ، مەن بەزىلەرنىڭ ، ھەتتا خېلى كۆپ كىشىنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىنى ئۆز تۇيغۇسى بىلەن ئەمەس ، بەلكى ، ئۇنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىمەن . شۇڭا ، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئائىلىسىگە «يېقىندىن دىققەت قىلىش » تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. كۈنىلىرىمىز خۇددى باشقىلارغا قانداق ياشاۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويۇش ، باشقىلارنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى كۆزىتىشتىن ئىبارەت ئىككىلا قىسىمدىن تەشكىل تاپقاندەك.
باشقىلارنىڭ بەختسىز تۇرمۇشىغا ھىسداشلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى بەختلىك سانايمىز. باشقىلارنى ئۇنى – بۇنى دەپ باھالاش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئالىيجاناب ، مۇكەممەل ھىس قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن ، بىزمۇ ھۇشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ :« باشقىلار تۇرمۇشۇم ھەققىدە نىمىلەرنى دېيىشىۋاتقاندۇ ؟» دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ تۇرىمىز. بۇ زور ئاۋارىچىلىق . بىراق ، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا ئامالىمىز يوق . چۈنكى ، بەكلا « ئېغىرلىشىپ »كەتتۇق ، ئەركىن - ئازادە يۈرەلمەيمىز. بۇ ئاۋارىچىلىق ۋە تەشۋىشلىرىمىز سەۋەبىدىن ، ئۆز ھىس- تۇيغۇمىز تۆۋەنلەيدۇ ، ئۆز ھىس - تۇيغۇمىزنى ئۆزىمىز ئېتىبارغا ئالمايمىز. كاللىمىز ئاتالمىش ئۆز ئىززەت – ئابرويىمىزنى قوغداش ياكى ئۆز- ئۆزىمىزنى كەمسىتىش تۇيغۇسى بىلەن تولۇپ كەتكەن . باشقىلارنىڭ قارىشى بىز ئۈچۈن شۇنداق مۇھىمكى ، ئۇ بىزنى دائىم تەشۋىشكە سېلىپ تۇرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئېتراپ قىلىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشەلمىسەك ، قانچە بەختلىك بولساقمۇ يەنىلا بەختسىزدەك ، شۇنچە خۇشال يۈرسەكمۇ خۇشاللىق بىزدىن ئالەمچە يىراقتەك بىلىنىدۇ . ئۆزىمىزنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىگە ئۆزىمىز ئىسپات بولالمايمىز ، ئۆزىمىزنىڭ بەختىنى ئۆزىمىز تونۇپ يېتەلمەيمىز. پاسسىپلارچە تۇرمۇش كەچۈرۈپ ، بەخت ئىزدەيمىز. بىراق ، ھەمىشە ئۇنى تاپالمايمىز . چۈنكى ، بىز بۇ سەپەرگە ئاتلانغاندىلا نىشاندىن ئادىشىپ قالغان .
(ئۆزەم تەرجىمە قىلغان)