مەغلۇبىيەت بىر تال ئارغامچا
مەغلۇبىيەت بىر تال ئارغامچا.بەزىلەر ئۇنى يەنىمۇ ئىگىز، تېخىمۇ تىك چوققىغا يامىشىشنىڭ ۋاستىسى قىلسا،يەنە بەزىلەر ئۇنى ئۆزلىرىگە سىرتماق قىلىشىدۇ.
شۇنداق،نۇرغۇن كىشىلەر مەغلۇبىيەتتىن ئىبارەت بۇ ئارغامچىدىن چوققىغا يامىشىش ئۈچۈن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.ئەمىليەتتىمۇ ھەم شۇنداق قىلىدۇ.شۇڭا«مەغلۇبىيەت مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئانىسى»دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەر پەيدا بولغان.بىراق ،يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ بار.ئۇلار مەغلۇبىيەتنى راستتىنلا يۇرۇق دۇنياغا «خوش » دېيىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالىدۇ.ئۇلار:«مېنىڭ ياشىغۇم يوق ئەمەس.شۇ، زادىلا چېكىنىش يولۇم قالمىدى» دېيىشىدۇ.
راستنى دېگەندە،ھايات مۇۋاپپەقىيەت ياكى مەغلۇبىيەتكىلا باغلىنىپ قالسا،ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ.
ھاياتنىڭ ئۆزى بىر جەريان.مۇۋاپىقىيەت،غەلبە دېگەنلەر مۇشۇ جەرياندىكى كىچىككىنە بىر كارتىنا.خۇددى بىز سەپەرگە چىققاندا ماشىنا ياكى كېمىنىڭ مەنزىلىمىز ئۈچۈن بىر ۋاستە بولغىنىغا ئوخشاش.سەپەر ئۈستىدە بىرەر ماشىنا ياكى كېمىدىن چاتاق چىققانلىقى ئۈچۈنلا ئىلگىرلەۋاتقان قەدەملىرىمىز توختاپ قالمايدىغۇ؟
كىشىلىك ھايات ئۇزۇن بىر مۇساپە.ئۇنداق ياكى مۇنداق ئوڭۇشسىزلىقلار پەقەت سىزنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى يېتىشسىزلىكلىرىڭىزنىلا كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ھەممىدە كېرەكسىز ئىكەنلىكىڭىزنىڭ ئىسپاتى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ياراملىق ياكى يارامسىز ئىكەنلىكىڭىزگە كىم ھۆكۈم چىقىرىدۇ؟ «باشلىق قارا دىسە ئاقمۇ قارا بولىدۇ » دەيدىغان بۇ خىل قاراش پەقەت بەزى جان باقارلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىشى ،خالاس.كىم ئۆمرىمىزنى ئاشۇ بىرلا باشلىق بىلەن ئۆتىدۇ دەيدۇ؟ ناۋادا شۇ باشلىقنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەپ پىنسىيىگە چىقتۇق دېسەكمۇ ،ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمىز يەنىلا ئۆزىمىزگە تەۋەغۇ.نىمىشقا باشلىقىمىزنىڭ دېگىنىلا ھېساب بولغۇدەك؟ نىمە دەپ شۇ بىر ئادەمنىڭ بىزنى ئىنكار قىلىشى بىلەنلا پۈتۈن ھاياتىمىز ئىنكار قىلىنىدىكەن؟
شۇڭا،مەغلۇبىيەتنى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى قىلىۋالغۇچىلار،ئۆزىنىڭ ئاجىز ۋە ھاماقەتلىكىدىن باشقا ھىچنىمىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.
«ياشاشنىڭ سەۋەبى بىر بولسا ئۆلۈشكە مىڭ باھانە تېپىلىدۇ.»
«جاندىن تويۇشقا باھانە كۆپ.ياشاشقا سەۋەب تاپماق بەسىي مۇشكۈل.شۇڭا نۇرغۇن كىشى ئۆلۇمنى تاللىۋالدى.»
مۇشۇنداق مەنتىقە بويىچە بولغاندىمۇ،بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى ياشىشىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئالاقىسى يوق. مەغلۇبىيەتمۇ پەقەت بىر قارىغا قالغۇچى. ئۇ جېنىدىن تويغانلارغا باھانە بولۇپ بەردى،خالاس...
ئەگەر سىز ياشىماقچى بولسىڭىز،ياشىشىڭىزغا كىچىككىنە سەۋەبلا بولىدىكەن،ھەر قانداق مەغلۇبىيەت سىزنى ھاياتتىن بەزدۈرەلمەيدۇ.
شۇڭا،سىز ھېلىقى ئارغامچا بىلەن چوققىغا يامىشىۋېرىڭ.ئاخىرىغىچە ـــ ئۆزىڭىز يېتىپ بارالايمەن دەپ قارىغان ئەڭ ئىگىز نوقتىغا قەدەر...
(ئۆزەم تەرجىمە قىلغان)