نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> تاغدىن-باغدىن >>
خوتەن شىۋىسىنى كۆپ ئاڭلىغان، لىكىن كۆرمەپتىكەنمەن
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-17 18:30:49  يازغۇچى:قاراقچى  كىلىش مەنبەسى:قوي بازىرى  ئاۋاتلىقى:397   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

 كــام بـــۇلا ...( ھەقىقى خوتەن شىۋىسى )
 
( قوي بازىرىدىكى دىئالوگ )


___ ساتاملا بۇ تازنى ؟
___ ساتىتمە دەپ ئەكىيدىم .  
___ ئېتىنى قويسىلا ئەمىسى .
___ مال تونۇيالىيتكەنلا ، مىنى دىگۈزمەي ، ئۆزلىرى چاغلاپ ...
___ ئىگىسى سىلىمۇ يا ؟
___ بۇ يانچاقنى مەن تۇتقاندىكىن ، ئىگىسى مەنتىمە .
___ دىسىلە ئەمىسى نەچچە پۇلغا بىرىتلا ؟
___ ئۆزلىرىنىڭ نەچچە پۇلغا ئاغىلىرى باكى ؟ 
___ ھە ، نەخ گەپنى دىسىلە . 
___ باشقىلىغا دىگەننى سىلىگە دىسەم بومايتۇ ، ئۈچ يۈز ئەللىك كوي بەسىلە ئەمىسى .  
___ ۋۇيجۇن ، مۇشۇ كىچىك باقىنى غۇنىجىننىڭ نەقىدە ساتاملا قالىسلا ؟ !` 
___ قاغىنىغا سىلىمۇ بىي نىمە دىمەملا ؟
___ ماندا ئاسماندا ئاتسىلا ئالاممىغىدەيمە . 
___ رىسقى با خىيدا ئاتۇ .  
___ باشقىدىن دىسىلە نەقىنى .  
___ ھا - ماقۇل ، ھاجى سۈپەت ئەدەمكەنلا ،ئون كوينى تاشلىۋاتاي ، ئۈچ يۈز قىرىقنى بەسىلە ئەمىسى . 
___ كام سوسام بەمىيتلا ، ئىككى يۈز كوي بىرىييا ؟ 
___ .......
___ گەپ قىغۇلىرى كەمىي ئىڭغا قالاپ تۇرتلىيا ، بەك كام سوغان چېغىمبا .
___ مۇت بەسىلە دىمىي پۇلغا ئالاي دىللە ھەنىم بولسا . 
___ بەسىلە بۇتتى .
___ پاقلان ئالدىلىردا تۇرتۇ ، مالغا قالاپ بىينىمە دىسىلە كام سوماي .
___ چىشىنى كۆمەپتىمە تېخى
___ كۆسىلە - كۆمىسىلە ئەممە تېخى .  
___ ئەمىسى سىلىنى ئەممەي ئانىسىنى ئىمىپتىۋىلا ، بەدىم دىسىلە .  
___ كام بۇلا
___ ھە بولاپتۇ ، ئەممىلىكىگە بەش كوي قاتتىم .ئەمدىغۇ بوغانتۇ .
___گەپ بەش كويدا بۇلا بوسا ئابايا بىرىۋىتىتتىم . 
___ يىيىشى كام ئەمەستۇ - ھە ؟  
___ يىمەس مالنىڭ قۇسقى ماندا تومپىيامتا . < خوتۇنۇڭ يىيىشلىك بوسا ئۇدى خۇدا ، مېلىڭ يىيىشلىك بوسا بەدى خۇدا > دىگەن گەپ با . بىي كالىنىڭ ئىشتىيى با بۇ پاقلاندا . ھە مۇشۇندا ھەممە يىرىنى كۆرەپ تۇتۇپ باققانلىرى ئابدان بولدى . بۇندا بىجىرىم مالنى باقسىلا ئەجرىلىرى يانىتۇ .
___ بايىقى دىگنىمگە ماقۇل دىسىلە ، سىلىدىن خوشۋۇلاي . . 
___ ماڭا يالۋۇرمىسىلىمۇ بۇتۇ ، مال ئونۇمايتۇ .  
___ ھە ، بۇلاپتۇ ، يىيىشلىك بوغىنىغا بەش كوي قاتتىم .  
___ كام بۇلا  
___ كېمى يوق ئىككى يۈز ئون كوي دىدىميا ؟
___ كام بۇلا  
___ بەگىلىرى كەمىدى ھاما .  
___ مىنىڭ بەگىم كەلدى ، سىلىنىڭ ئاغىلىرى كەمىدى . 
___ ماڭ قالىسلا ، يۈزلىرىگە قالىسام كۆز - قانى خېلى توق ئادەمكەنلا ، بەسىلە ما تازنى .  
___ كام بۇلا 
___ كېمىنى خۇدايىم بىرە
___ ...
___ بۇلاپتۇ ، سىلە چىدىمىسىلا مەن چىداي ، پۈتۈنلىۋىتىييا ، بولدىما ؟ 
___ ئىككى يۈز يىگىمىما ؟
___ ئىككى يۈز ئومبەش ، ما پۇلنى سانىسلا . 
___ خېلىۋەك كام تېخى .  
___ مالنىڭ نەقىگە يەتكىننى بىلەممىللە .  
___ بازانى مەن قىيمەت قىپ بۇلاممايتمە ، سىلە ئەزان قىپ بۇلاممايتلا ، بازا نەقىدە ئاسلا .
___ بۇلاپتۇ ،قىيمەت ئېپسەن دەپ ئاچچىقلايتقان ئانام ، دادام يوق ، يەنە قاتاي بەش كوي ، ئاچسىلا ئالقانلىرىنى .
___ كام بۇلا  
 ___ شەيتاننى ھەيدىۋېتىپ سانىسلا ما پۇلنى .  
___ كام بۇلا
___ قانچىلىك كام ، دىسىلە ئەمىسى .
___ ئۆزلىرى بىلەلا .
___ ھەي بەندە ، ئەدەمنىڭ كېمى ئۆلگەندە تۈگىيتۇ .  
___ ئۇغۇ شۇ .
___ بەدىم دىسىلە تاش چىشلەپ تۇرۇۋاماي ئەمدى .
___ مىنى قىستىمىسىلا ، ئۆيىمىزگە چىققان بوسىلىغۇ بۇنچىلىك بىينىمىنى پۇل ئالماي ئالدىلىرغا سېپ بىرتمە ، بازاغا ئەكىپ قېپتىمە ئەمدى .
___ مۇشۇ ئۇز گەپلىرىگە چىدىماي يەنە بەش كوي قاتتىم . ماۋۇ قالاپ تۇغانلار ئاڭلاپ قالدى ، گىپىمدىن يېنىۋامايتمە .
___ بەسىلە ئەمدى .(يېنىدا تۇرغان باشقا بىرسى سۆزلەيدۇ ) 
___ بىرەمتىمە ، بەمەمتىمە ئۆزەم بىلىتمە ، دالتەك بوماي يولىڭىزغا مېڭىۋىرىڭە سىز .  
___ خاپومىسلا ، خاپومىسلا ، سالاچى بومىسا سودا قىماق تەس . ئىبايا مەنما يەنە قوشسىلا دىگەن سالاچىلارغا ئاچچىقلاپ قامىدىم . سىلە بەدىم دىگەندە ، مەن ئالدىم دىگەندە بۇتۇ سودا دىگەن . يەنە كامما ؟ 
___ بەمىگەن يىرىم با .
___ نەچچە پۇلغا بەمەپلە ؟ 
___ ئىككى يۈز يەتمىشكە .
___ بازا دىگەندە ئاشۇندا ئالا چىپا ئەدەملە با ، ئامايتقان ھالىغا قالىماي ئاسماندا گەپ قىتۇ . بىرىي دىسە ئۆيدىن پۇل ئەكىلىي ، بىيكىمگە بىرىۋەتمىسلە دەپ قوياپ يوقاپ كىتىتۇ . ئاشۇندا ئاشۇندا ئالا - چىپادىن بىيسى ئۇچۇرۇپتۇ سىلنى .
___ ئۇچۇرمىغان ، چىن - پىششىغ تالاشقان .
___ ئەمىسى ئاشۇنىڭغا بەگۈلۈككەن . 
___ بۇ پاقلاننى ئـــاتمە دەپ جېق لەۋزى قىللا ، لەۋزىلىرىگە رازى بوسىلا ماقىما . 
___ لەۋزىمنى ئامىللا ئەينا .
___ لەۋزىلىرىنى مىڭ كويغا ئاساممۇ قىيمەت ئەمەس ، شۇندا بوسىمۇ ...
___ بەسىلە بومامتا ئەمىسى.
___ خاپومىسلا ، بازادا خىيدا يالغۇر سىلى ئەمەس .
___ مال ساتقىلى كىيگەنلىمۇ يالغۇز سىلى ئەمەسكەن ئەينا .
___ نەچچە پۇلغا چىقلىكى ؟
  ___ ئىككى يۈز يىگىمبەشكە چىقتىم ، ماۋۇ پۇلنى سانىۋېلىپ ئەكەسلە بۇ يانچاقنى ماڭا بەسلە .  
___ خاپوماي بازانى چۆگىلەپ كەسلە ، مەنمۇ بىيدەم بازانى دەڭسەپ باقاي . بەگىدەك يىرى بوسا ھېلى كەگەنلىرىدە بىرەمە .
___ ئەمىسى ساتقىلى ئالدىرمىسلا .
___ ئابدان

 

تورداش << قاراقچى>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ