نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> تاغدىن-باغدىن >>
يېــڭــى ئىددىــيە جــۆيــلــۈمسى
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-17 18:05:13  يازغۇچى:تىكەن  كىلىش مەنبەسى:ئابدۇقادىر جالالىدىن   ئاۋاتلىقى:41   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

يېڭى ئىدىيە جۆيلۈمسى

ئابدۇقادىر جالالىدىن

داۋراڭچى بىر مىنۇتلۇق داۋراڭ ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەننى نەق ئالدى-دە، داۋراڭ ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. ناخشا چولپىنى ئوبراز بەدىلى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەننى نەق ئالدى. ۋاقتى بىر مىنۇت ياق ئۇنىڭىدن ئاز.
دەۋاگەر ئىلتىجا قىلىپ كەلدى، بوسۇقلاردا جىنايەت شان-شەرەپكە، پۇرسەتكە، زىياپەتكە ئايلاندى. ھاجەتلەردىن بىنالار ئۈندى، داچىلار ئۈندى، ماشىنىلار ئۈندى.

يېڭى ئوقۇش يۈتتۈرگەن ستۇدېنت قىز ئانىسىنىڭ باشلىشىدا ئش ئىزدەپ ئىشخانىغا كىردى. تارتىمىلار بايلىققا تولدى، ئىپپەت سودىسى باشلاندى. ئىشخانىلاردىكى توختام ئىشرەتخانىدا ئەمەلىيلەشتى.
ئاخۇنۇم نىكاھ ئوقۇدى، ئالدىغا 50 يۈەن قويۇلدى. ئاخۇنۇم چالۋاقىدى:
-نىكاھ ئوقۇپ، ھارامنى ھالال قىلدىم، ھالاللقنىڭ بەدىلى مۇشۇمۇ؟
پاھىشە زىناخوردىن پۇلنى نەق ئالدى، ئاندىن نازلىنىشقا باشلىدى.
دوختۇر ئىنجقلاپ تۇرغان بىمارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئاۋۋال سۇغۇرۇۋالدى، ئاندىن دىئاگنوزىنى باشلدى.
زوردون سابىر ئون بەش يىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ «ئانا يۇرۇت»نى بېزىپ چىقىپ، ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كەتتى. يازغۇچى بىلەن خۇشى يوق خېنىملارمۇ كىتابخانىلاردا ئۇنىڭ كىتابىنى ساتىدۇ.
ئەدىبلەر نەشىرىيات بوسۇغىسىدا دۈگدىيىپ يۈرۈشكەن يېزىق مەدىكارلىرى. ئۇلار ئۆز ئەمگىكىنىڭ باھاسىنى يېزىق سودىگەرلىرىدىن ئەيمىنىپ سورىشدۇ.
-يېزىقچىلىق بىر پۇلسىرات كۆۋرۈكى، ئۇ قايەرگە ئېلىپ بارىدۇ؟
-يىقىلىپ چۈشسەك جەھەننەمگە، يىقىلمىساڭ قىيامەتكە ئېلىپ بارىدۇ؟
-قىيامەت دېگىنىڭ نېمىسى؟
-زەردابى قەلەم،گادايى ئەلەم دېگەن گەپ.
...
قاسساپ پۇل ئالماي تۇرۇپ گۆش بەرمەيدۇ، ئاشپەز پۇل ئالماي تۇرۇپ تاماق بەرمەيدۇ. شەھەرنىڭ قىستاڭ رەستىلىرىدە پۇل تۆلىمەت تۇرۇپ ھاجەتخانىغا كىرگىلى بولمايدۇ. ئەدىب جېنىنى خەجلەپ، نېسىگە يازىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك»تىن ئودغۇرمىشنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭىدن سورىدىم:
-ئىدىيىنى نېمىشقا پۇلغا ئالغىلى بولمايدۇ؟
-چۈنكى، ئىدىيىنى يېگىلى بولمايدۇ.
-چۈشەنمىدىم.
-زامانداشلىرىڭ قورساق كويىدا، ئۇلار ئىلىمدىن ئىدىيە ئەمەس، نان سورايدۇ.
-قورسىقى توقلارچۇ؟
-ئۇلار ئىشرەت كويىدا. ئۇلار يېڭى ئىدىىيگە ئەمەس، تازىلىق قەغىزىگە موھتاج.
-مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟
-سەن سۈكۈت قىل.بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يۆنىلىشىنى ئاياللار بەلگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ كوپتىسى بىلەن يوپكىسىنىڭ ئارىسىدا بۈيۈك ئىدېئولوگىيە بار.
-ئۇنداقتا...
-جىم تۇر، تەپەككۇر قۇلاقلىرى پاڭ بولدى، جىسمانىي سەزگۈلەر ئويغاندى...
ئاھ، سىنا چۆلى، ئارىلىقىڭ قانچىلىك يىراق؟!


ئاپتور: شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات پروفېسسورى

تورداش << تىكەن>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ