نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> بۈگۈنكى دۇنيا >>
ھىجابلىق قىزلىرىمىزنىڭمۇ دەردى باركەن!!!
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-17 17:36:35  يازغۇچى:پاتىگۇل  كىلىش مەنبەسى:داڭلىق تورى  ئاۋاتلىقى:246   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئەسسالام قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم ،ھازىر مۇنبەردە قىزلىرىمىزنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا تىمىلار يوللىنىپ ، ئادەمنى ناھايتتىمۇ ئويغا سالىدىغان  ئىنكاسلار ئوتتۇرغا چۈشتى ،
ھازىر مەكتەپلىرىمىزدە ياغلىق ئارتقان قىزلىرىمىز بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ،ئىنشائاللا،ياراتقان ئېگەم شۇ ئاجىزەلىرىمنىڭ رىسقىنى بەرسۇن !!!
        مەن ھەم ياغلىق ئارتىمەن، بۇرۇن ئارتمايتىم ، دىنىمنى چۈشەنگەندىن كىيىن باشقىلاردىن پەرقىم بولۇشى كېرەككەن ئەمەسمۇ دەپ چىگدىم، چىگكەندىمۇ يامان تەستە چىگدىم ، تەستە كۆندۈم. كۆنەلمىگىنىم ياغلىق  ئەمەس،ئەتراپىمدىكى قېرنداشلىرىمنىڭ گەپ سۆزلىرى بولدى " ۋوي، نىمە ياغلىق چىگىۋالدىڭىز؟  بۇرۇن چىگمەيتىڭىزغۇ؟ ئۆيدىكىلەر تىنىچ ئامانمۇ ؟  بىردەمدىلا بۈۋم بولىۋالدىڭ ؟ نىمىگە ياغلىق چىگىۋالدىڭ؟ ھەيرانمەن، بىرەر قارىم بالاڭزا بىلەن ئارلىشىپ قالمىغانسەن ؟....." دىگەندەك  سۇئاللار كۈندە دىگۈدەك  قۇلاق تۈۋمدىن كەتمىدى .ئۇلارنىڭ سۇئالىغا يارىشا :" بۇرۇن چىگمەپتىكەنمەن،ئەمدى چىگىمەن. ئۆيدىكىلەر تىنىچلىق ئاللاھ خالىسا. بۈۋملىك ماڭا ياراشمامدىكەن؟ سەت كۆرۈنۈپ قالمىغاندىمەن كۆزۈڭگە؟ ياغلىق چىگسىمۇ نىمىگە چىگىۋالدىڭ دەپ سورامدۇ؟ ئېچىپ قويغان بولسام ھەيران قالمايتىڭلار ھە ؟ خاتىرجەم بول، پىشانەمگە قانداق بالاڭزا پۈتۈلگىنىنى سەن مەن بىلمەيمىز، ياغلىق چىگكەنلەرگە قارىمدىن باشقىلار  قارىمىسۇن دىگەن گەپ يوققۇ ؟" دەپ يۇرۇپ ئىككى يىلنى تۈگەتتىم.
           يىگىتلىرىم،ئەركەكلىرىم ،ئۆز قىزلىرىنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن ، رەھمەت . ئېيتقىنىڭلار كەلسۇن، سىلەر ئۈچۈن دۇئادا بولىمەن ، رىسقىڭلار كەڭ بولسۇن!
مەن مەستۇرە ھەدىمىز يازغان " ھەمشىرىلەر" دىگەن پوۋىستنىمۇ ئوقۇپ چىقتىم، كاللامدا نۇرغۇن زىددىيەتلىك سۇئاللار ئۈزۈپ يۈرمەكتە . يېقىندا مەكتەپداشلار تورىدا بىر سىڭلىمىز ماڭا مۇنداق خەت قالدۇرۇپتۇ :" سىز بۇرۇن ياغلىق چىگەمتىڭىز ؟ مەن چىگمەيتىم، چىگەي (ئورۇناي) دەپ ھەممە تەييارلىقنى قىلىپ بولغانتىم،كىيىم كىچەكلىرىمنى ئەكىلىپ دىگەندەك..بىراق شۇ باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ھىچ بىر باشلىيالمىدىم ، ھەيران قالىدىكەنچۇ  بۇرۇن چىگمىگەندىكىن..قانداقمۇ قىلارمەن؟ ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ..."  بۇ سىڭلىمىزغا قانداق مەسلىھەتنى ئىنكاسىڭلاردىن ئىزدەيمەن.
          يەنە بىر سۇئال بار، بۇ ئاساسلىق سۇئال ،يەنى قىزلىرىمىزنىڭ  ياغلىق ئارتىشىغا توسالغۇ بولىۋاتقان خىزمەت مەسلىسى. ئەلۋەتتە نۇرغۇن ھەمشىرىلىرىمنىڭمۇ ياغلىق ئارتقۇسى بار ، ئەۋرەتلىرىنى ياپقۇسى بار،ئەمما ئۇلارنىڭمۇ قىيىنچىلىقى بار، مەن ياغلىق ئارتىشتىن بۇرۇنلا ئىدىيەمدە تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ، خىزمەتنى پەقەت ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىنلا ئىزدىمەيمىز ، يەنە باشقا نۇرغۇن ئورۇنلار بار . ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئېگىلىك تىكلەشمۇ ياخشى چارە ئەلۋەتتە. بەزى ھەمشىرلىرىمىزنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، بەزىلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكى ھەممە پەرزەنىت قىز ئىكەن .ئوغۇل يوق، ھەم بالىنىڭ چوڭى...ئاتا-ئانىسى جاپا تارتىپ ئوقۇتقاندىكىن ياغلىقىم تۇرسا،ماڭا خىزمەت يوق دەپ ئولتۇرۇشتىن ھەم خىجىل بولىۋىتىپتۇ، باشقا ئىش قىلاي دىسە  ئەل-مەھەللىدىكى بىلەرمەنلەرنىڭ " يا ئاللا.يىمەي-ئىچمەي ئوقۇتۇپتىكەن.يۇرۇيدۇ ئۆيىدە قازان بېشىدا، خىزمەت تاپالماپتۇ، يا،ئىچكىردە ئوقۇغىنى بىلەن تايىنلىق ئەينا ..."(بۇ ھەممىمىزدە بارغۇ دەيمەن )دىيىشىدىن قورقۇپ غەم بىلەن يۇرىۋاتىدۇ.
        ئەمدى بۇ قىزلىرىمىز دۇچ كەلگەن مەسلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟( قالايمىقان سۆزلىمەڭ، ھەرقانداق ئىنكاسقا ئۆزىڭىز ئېگە !!)
        قېنى...قانداق ئويلىغىنىڭلارنى بىر بىلىپ باقاي....كۆڭلۈمدىكى جاۋاپ چىقامدۇ يا چىقمامدۇ؟
تورداش << پاتىگۇل>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ