MOMOE YAMAGUCHI بولسا ياپونىيەنىڭ 70-يىللىرىدىن ئوتتۇرىدىن 80-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە ئاسىياغا تەسىر كۆرسەتكەن نامدار ناخشىچى چولپىنى بولۇپ . ئايال مەبۇدە دەپ تەرىپلەنگەن . 1959-يىل توغۇلغان ، تۆت يېشىدىلا ئاتىسى ئائىلىسىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن بولغاچقا ئاپىسى ئۇنى ۋە ئەمدىلا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆتۈرۈپ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە تىنماي ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان . ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن MOMOE YAMAGUCHI ئاپىسىغا ياردەملىشىپ ئائىلىسىنى قامداش ئۈچۈن گېزىت ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ يۈرگەن ، 13ياشقا كىرگەندە ناخشا ئېيتىش چولپانلار سەنئەت كېچىلىكدە تالانتىنى نامايەن قىلغان ھەم ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 15ياشقا كىرگەندە ناخشا ئېيتىش تالانتىنى ھىس قىلغان ئۈن سىن شىركەتلىرى ئۇنى شۇ يىللاردىكى كىنولارنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاساسلىق روللارغا قاتناشقان ھەم كىشىلەر قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر پەيدا قىلغان . ئاساسلىق رول ئالغان كىنولاردىن : Tenshi o yûwaku Shunkinsho ، Zessho ، مىسلىسىز گۈزەل كۈي ، ئىدودىكى ئۇسۇلچى قىز ، تەقدىر قاتارلىقلار . 80-يىلى ئەڭ ئاخىرقى كىنوغا رول ئېلىپ بولۇپلا توي قىلغان ھەم ئائىلە ئايالى بولۇپ كىنوچىلىىق سەھنە ھاياتى بىلەن خوشلاشقان بولسىمۇ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن يەنىلا ناخشا ئېيتىشنى توختاتمىغان .


