تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ۋە يۇقۇرلاپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان بولغاچقا ، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بىرىلىدىغان ماتېماتىكا تەكرارىنىڭ ياخشى ئىلىپ بىرىش- بىرىلماسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا يۇقۇرى نۇمۇرغا ئېرىشىش - ئېرىشەلمەسلىكىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ .
ئېنىقكې ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار قىلىشتىن مەقسەت بۇرۇن ئۈگەنگەن بېلىملەرنى مۇستەھكەملەپ ھەربىر بېلىمگە نىسبەتەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئېمتىھانلارنى ياخشى بىرىش ئۈچۈن ئاساس سىلىشتىن ئېبارەت .
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا تەكرارىنى ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتقۇچى زادى قانداق قىلغاندا ھەقېقى ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ ؟.
1.ئوقۇتقۇچى ئەڭ ئاۋۋال يىڭى دەرىسلىكنىڭ ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئېگەللىشى كىرەك .
يىڭى دەرىس ئسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئېمتىھان سۇئاللىرىدىكى دوگمىلىققا زوردەرىجىدە خاتېمە بەردى . بولۇپمۇ يىڭىدىن تۈزۈلگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا دەرىسىنىڭ تۇرمۇش بىلەن يىقىنلىشىشچانلىقى ئېنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ئابىستىراكىتلىقتىن كونكىرىتلىققا قاراپ يۈزلەنگەن . بۇدەرىسلىكنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى ھەربىر يىڭى بېلىم يىللىقلارغا ئاسانلىقتىن قېيىنلىققا قاراپ پەلەمپەيسىمان ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، بۇ ئىلگىركى كىتاپلاردىكى يىڭى بېلىمنىڭ ئاسان قىيىنلىق دەرىجىسى گەۋدىلەندۈرۈلمەيلا باشتىن - ئاخىر بىر باپقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھالەتتىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ .ئوقۇتقۇچى مۇشۇ نۇقتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەكرار جەريانىدا پەقەت ئاساسى ئۇقۇم خاراكتىرلىك كىتابې بېلىملەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي تۇرمۇشتىكى ئەمىلىي مېساللارنى كۆپلەپ ئېلىپ جانلىق چۈشەندۈرۈشى كىرەك . مەسىلەن ، ئىككىنچى دەرىجىلىك فۇنكىتسىيىلەرنى تەكرار قىلغاندا ، تېجارەتتىكى پايدا -زىيان موناسىۋىتى ( مەسىلەن :مەلۇم مېھمانخانىدا 50ئېغىز ياتاق بار ھەربىر ياتاقنىڭ بار كۈنلۈك باھاسى 180يۈەن بولغاندا ھەممە ياتاق توشۇپ كېتىدۇ ، ھەربىر ياتاقنىڭ بار كۈنلۈك باھاسى 10 يۇەندىن ئۆرلىسە بىر ئېغىز ياتاق بوش قالىدۇ ئەگگەر مېھمانخانا مېھمان چۈشكەن ھەربىر ياتاققا كۈنىگە 20يۈەندىن چىقىم قىلسا ، ياتاق باھاسى قانچە يۈەندىن قىلىپ بېكىتىلگەندە مېھمانخانىنىڭ پايدىسى ئەڭ چوڭ بولىدۇ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر ) شەكىللەر يۈزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ياكې ئەڭ كىچىك بولۇشى دېگەندەك.
2 . ئاۋۋال ئەڭ ياخشى تەكرار نىشانىنى بەلگىلەش كىرەك .
ماتېماتىكىدا مەزمون بىر قەدەر كۆپ ئەمما تەكرار ۋاختى ئاز بولغاچقا ، ئاز ۋاقىتتا كۆپ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم مۇۋاپىق بىر نىشان بەلگىلەپ ئەڭ ياخشى تەكرار پېلانىنى تۈزۈپ شۇبويىچە سىستېمىلىق تەكرار قىلىش كىرەك .
3. بېلىملەرنى زەنجىرسىمان تىزىپ ، سىستېمىلىق ئېگىلىۋىلىشقا يىتەكچىلىك قىلىش كىرەك
يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتى بويىچە تۈزۈلگەن كىتاپتا بېلىملە ھەرقايسى يىللىقلارغا ئاسان- قىيىنلىق دەرىجىسى بويىچە چېچىۋىتىلگەن بولۇپ ، بۇئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشىگە قولايلىق بولسىمۇ لىكىن ئەستە ساقلىشىغا پايدىسىز شۇڭا ئوقۇتقۇچى بېلىملەرنى زەنجىرسىمان ھالەتتە تىزىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشگەئاسانلىق يارىتىپ بىرىشى كىرەك .
① بىر تۈردىكى بېلىملەرنى بىر گۇرۇپپىغا ئايرىپ تەكرار قىلىش ، مەسىلەن ، تەڭلىمە بابىنى تەكرار قىلغاندا بىر نامەلۇملۇق بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە ، ئىككى نامەلۇملۇق بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەر سىستېمىسى ئۈچ نامەلۇملۇق بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەر سىستېمىسى قاتارلىقلارنى بىر گۇرۇپپىغا ئايرىىش .
② ئوخشاش بىر تۈردىكى بېلىملەرنى پەرقى ئارقىلىق ئەستە ساقلاشقا يىتەكلەش .
③ بېلىملەرنى بىربىرىنى قاپلاش دەرىجىسى بويىچە تىزىپ تەكرار قىلىش .
4. فورمۇلا ، تېئورمىلارنى قارىغۇلارچە يادلاتماي ، ئېمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىلىش جەريانىنى ئېگىلىتىش .
مېخانېكىلىق ئەستە قالدۇرۇشقا قارىغاندا مەنىلىك ئەستە قالدۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى يۇقۇرى بولۇپ ئوقۇغۇچىلار ئېمتىھان ۋاختىدا تۇيۇقسىز ھالدا فورمۇلا ، تېئورمىلارنى ئۇنتۇپ قالسا تەمتىرىمەستىن ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ .
5. ئىلگىركى ئېمتىھانلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ ئومۇميۈزلۈك تەكرارلاش .
گەرچە نۆۋەتتىكى ئېمتىھانلارنىڭ قاپلاش دائىرسى پۈتۈن كىتاپ دائېرسىدە بولسىمۇ لىكىن يەنىلاموھىم نۇقتىلار ئېنىق بولىدۇ ، شۇڭا ئوقۇتقۇچى موھىم نۇقتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەكرار قىلىشى لازىم .
6. ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم مانىۋىر ئېمتىھانى ئېلىش ، ھەر قېتىملىق ئېمتىھان سۇئاللىرىنى ئېمتىھاننى خۇلاسىلەپ بولغاندىن كىيىن سىنىپتا ئومۇملاشتۇرۇش .
7. ئمكانىيەت بولسا ئالدىنقى 10يىللىق ئۆرلەپ ئوقۇش ئېمتىھانىنىڭ سۇاللىرىنى تېپىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەپسىلې ئىشلەتكۈزۈش .
8. ئوقۇغۇچىلارنى ھەر ۋاقىت ئېلھاملاندۇرۇپ ئۇلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئېمتىھاندىن بۇرۇنقى كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش .