جەمىيەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا . جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ، تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ بىردىن-بىر يولى دەل ئادەمنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا . نۆۋەتتىكى يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى دەل ئادەمنى تەربىيلەش مۇھىمى سەرخىللاشتۇرۇشنى،تەربىيلەنگۈچىنىڭ ئومۇمى ساپاسىنى نىشان قىلغان . يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى ئاخىرقى ھېسابتا ساپا مائارىپىنى ئەمىلەشتۈرۈشنىڭ تۈپكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى . بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ تۇپ مەقسىدى يەنىلا ساپانى يۇكسەلدۇرۇشتە. ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ساپا قۇرلۇشىنى ئايرىشتا بىر تۇتاش قوللىنىلىنىدىغان ئۆلچەم: فىزىئولوگىيلىك ساپا ، پىسخىك ساپا ، ئىجتىمائى مەدىنىيەت ساپاسىدىن ئىبارەت بۇلۇپ ، پىسخىك ساپا شەخىسنىڭ ئومۇمى ساپاسىنىڭ ئۆلچىمى قۇرۇلمىسىدا ئاساس ۋە يادرولۇق رول ئوينايدۇ .يەنى، بىرىنچىدىن پىسخىك ساپا جەمىيىتىنىڭ مەدىنىيەت ساپاسىنى شەكىللەندۇرۇشنىڭ ئاساسى ۋاستىسى ، پىسخىك ساپانىڭ ۋاستىلىك رولىدىن ئايرىلغاندا ، جەمىيەتنىڭ مەدىنىيىتى پەقەت تاشقى ھالەت قاتلاملىرىدىلا توختاپ قېلىپ ، ئادەمنىڭ ساپاسىغا ئايلىنىش مۇمكىن ئەمەس . چۈنكى ئىدىيە ھەركەتنى كونتىرول قىلىدۇ . ئىككىنجى پىسخىك ساپا باشقاساپالارنىڭ تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رولىنى ئوينايدۇ . مەسىلەن : ئاسان ھاياجانلىنىدىغان كىشى سودىيە بۇلالىشى ناتايىن . تەسەۋۋۇر كۈچى يۇقۇرى كىشى كەشپىياتچى بۇلالىشى مۇمكىن ... ئۈچۈنجىدىن ، پىسخىك ساپا ، مىجەز خاراكتىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللىشىدىكى پائالىيەت ئاساسى ، مەسىلەن : ئۆز-ئۆزىنى تۇنۇش ، ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەش ... ..
مۇشۇ نۇقتىدىن پىسخىك ساپالا ئادەمنى پائالىيەتچانلىققا ئىگە قىلالايدىغان بىردىن – بىر ئاساس. مەسىلەن : زېھنى كۈچى ئوخشاش كىشىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ، ئۆگۈنۈش ئۇسۇلىنىڭ توغرا- خاتالىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئوخشاش مۇھىتتا ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ چىقىشى ، ئۆزىگە ئىشىنىشى ، ئىشەنچىسىنى يوقىتىشى ، مەغلۇبىيەتكە تەسلىم بۇلۇشى ، مەغلۇبىيەتتىن ئىشەنچ تېپىشى، بۇلارنىڭ سەۋەبى ئىچكى جەھەتتە ، بۇلاردىن كۆرۈشكە بۇلىدۇكى، پىسخىك –ساپا تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭئۆسۈپ يىتىلىشىدە مۇشۇنداق مۇھىم رول ئوينايدىغان بولغاچقا ، تەربىيلەش ئوبىكتىۋىغا قارىتا تەربىيلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى پىسخىك ساپاغا قۇيۇش خاتا ئەمەس . مائارىپقا سىڭىپ كىرگەن زېھنى قابىليىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ، ئۆگىنىشنى ئۆگۈنىۋېلىش ، ئىجات قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، غەمخورلۇق قىلىشنى ئۆگنىۋېلىش ، گۈزەل پەزىلەتنى يارىتىش دىگەنگە ئوخشاش مائارىپ شۇئارىنىڭ ھەممىسى بەزى مۇھىم پىسخىك ساپالارنىڭ يەكۈنى . شۇنداق قاراشقا بۇلۇدىكى ئېسىل پىسخىك ساپالارنى يىتىشتۈرۈش يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى بۇلۇپ قالماستىن بەلكى يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ جانلىق، ئەمىلى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم شەرتى . ..
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈشكە بۇلىدۇكى پىسخىكا ساغلاملىق نۆۋەتتىكى مائارىپ خىزمىتىدە تەكىتلەش زۆرۆر بولغان كونا ئېيتىلغان يېڭى ئۇقۇم بۇلۇپ، پىسخىك ساغلاملىق ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۇش كەڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئەمىليىتىدىكى مۇھىم خىزمەت شەرتى. بىز ئوقۇتۇچىلار كۈندىلىك خىزمەتلىرىمىزدە قەلىب دۇنياسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ، خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ، بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان ئوبىكتىلار بىلەن بىرگە پائالىيەت ئېلىپ بارىمىز، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىمىز، پىلانلىشىمىز ، سۆھبەتلىشىمىز . بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ قەلىب دۇنياسىنى چۈشىنىش ئاساسىدا قانداق مۇئامىلە قىلىش ، قانداق يىتەكلەش ، قانداق تەربىيلەش ئىنتايىن مۇھىم؛ شۇسەۋەبلىك پىسخىك ساغلاملىق ھەققىدە كەڭ دائىرلىك بىلىمگە ئىگە بۇلۇش، ئۇمۇمىي خىزمىتىمىزنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى . پىسخىكا – ئادەم مىڭىسىنىڭ ئوبىكتىپ دۇنياغا بولغان سوبىكتىپ ئىنكاسى . كىشىلەر ساغلاملىقنى ئاددىي ، بىر تەرەپلىمىلا چۇشۇندۇ . ئۇ ئۇنداق ئاددىي ئۇقۇم ئەمەس . شۇنى تەكىتلەش زورۇركى تۇرمۇش رېىتىمىنىڭ تىزلىشىش ، خىزمەت ، ئۈگۈنىش بېسىمىنىڭ يۇقۇرلىشىغا ئەگىشىپ پىسخىك كېسەللىكلەر 21-ئەسىردىكى زور ئاپەت بۇلۇپ قالدى . ..
ساغلاملىق – يالغۇز كېسە ل بولمىغان ۋە ئاجىز ھالەتنى ئەمەس بەلكى جىسمانى ،پىسخىك ۋە ئىجتىمائى جھەتلەتلەردىن مۇككەممەل بولغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ .پىسخىك ساغلاملىق ئادەمنىڭ بىر خىل پىسخىك ئىقتىدار ھالىتىنى يەنى ئادەمنىڭ بارلىق يۇشۇرۇن پىسخىك ئىقتىدارىنىڭ ..
ھەمىسىنى تۇللۇق جارى قىلدۇرالايدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ .(شۇنداق ھالەتتە تۇرغان ئادەم مەيلى قانداق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسۇن ھەممىسىدىلا كۆڭىلدىكىدەك سەۋىيە يىتىلدۇ .) ئۇنداق بولسا ئوقۇغۇچىلاردا كۈرۈلدىغان بىنورمال پىسخىك ھالەت قايسى ؟..
ئوقۇغۇچىدا پىسخىك جەھەتتە نورمالسىزلىقنىڭ كۈرۈلىشى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پىسخىكىسىنىڭ توسالغۇغا ئۇچۇرىشى بۇلۇپ ، پىسخىك ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچىرىغانلىقىنىڭ ئىپادىىسى ، ئۆز- ئۆزىنى تەڭشەش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ ئوقۇغۇچىلاردا ئاسان كۆرۈلۈدىغان بىنورمال پىسخىك ھالەت،ئۇ ئاساسلىقى- ئۆزىنى كەمسىتىش، جۈرئەتسىزلىك ، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك ، ئۆزىنى پەس كۆرۈش ، باشقىلاردىن يىتىرقاش ، ئەنسىرەش ، ئاسان ھاياجانلىنىش ، يالغۇزلۇق ھېس قىلىش ، كىشىلەردىن بىزار بۇلۇش ، ھاياتىدىن ئۈمۈد ئۈزۈش ، ئىشەنچىسىنى يۇقىتىش ، ئىزدىنىشى سۇسلاش ، ئۆزىنى تۇتىۋالالماسلىق ، شەخسىيەتچىلىك ، ھەسەتخورلۇق ، جاھىللق ، تەرسالىق،زىيادە سەزگۈرلۈك ، مەسئۇليەتسىزلىك، ئۆزىنى تىكلەش روھىنىڭ يىتەرسىز بۇلۇشى، ھوشيارلىق روھىنىڭ ئاجىز بۇلۇشى ، ئىجتىھاتچانلىق روھىنىڭ سۇسلىقى ، ئۈمۈدسىزلىك، ماسلىشىش قابىليىتىنڭ ئاجىز بۇلۇشى، مۇستەقىللق ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئىپادىلەش قابىليىتىنىڭ كەملىكى ، رىقابەت ئېڭىنڭ ئاجىزبۇلۇشى ، ئۈمۈدسىزلىك روھى قاتارلىقلار بۇلۇپ ، بۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلى ھەركىتى . كۈندىلىك تۇرمۇش ۋەزىيتىدە ساقلىنىۋاتقان بىنورمال پىسخىك ئامىللار . بۇخىل پىسخىك ئاجزلىقلار ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بۇلۇپ ، ئۇلاردا ساقلىنىۋاتقان پىسخىك توسالغۇلارنى تۆگۈتۈش ساپا مائارىپىنىڭ ئېھتىياجى ، ساپا مائارىپىنىڭ تۈپكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغان يېڭى دەرىس ئىسلاھاتنى ماھىيەتكە ئىگە قىلىشىڭ ئاساسى شەرتى . ..
يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مائارىپ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيلىنىپ يىتىلىشىدە ياخشى پىسخىك ساغلاملىق ، گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەت. مىجەز –خاراكتىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماس ھالدا يىتىلىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ شەرتى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ،ئەقىلى ، جسمانى گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتىراپلىق يىتىلىشىدە ئۇ ئىنتايىن مۇھىم . شۇنىڭ ئۈچۈن پىسخىك ساغلاملىق تەربىيسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش نۆۋەتتىكى جىددى مەسىلە ...
مۇشۇنۇقتىدىن مەكتەپلەردە پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش، ساغلام پىسخىك ساپا يىتىلدۈرۈش، مائارىپ ئەمىليىتى جەريانىدا ئوقۇغۇچىلاردا كۈرۈلىدىغان تۈرلۈك نورمالسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ئەمەللىلەشتۈرۈشى زۆرۆر . ..
1 .ئوقۇتقۇچىلاردا ساغلام پىسخىك ساپا يىتىلگەن بۇلۇشى ۋە يىتىلدۈرۈشى زۇرۇر. ..
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجتىمائى رولى ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپ ، ئۇ ئىنسانىيەت مەدەىنيىتىنىڭ تارقاتقۇچىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھنى ياراتقۇچىسى ، سىنىپ پائالىيىتىنىڭ رەھبىرى ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋاكالەتچىسى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرداش دوستى ، پىسخىك ساغلاملىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى. مۇشۇ نۇقتىدىن ئوقۇتقۇچى ئۆزىدە مول بولغان پىسخىك ساپا ۋە پىسخىك بىلىمىنى يىتىلدۈرگەن بۇلۇشى زۆرۆر . ئۇ مائارىپ ئىسلاھاتى جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان مۇھىم خىزمەت . بۇنى چىڭ تۇتۇپ ئەمىللەشتۈرۈش زۆرۆر ...
2. مەكتەپ تەلىم –تەربىيە خىزمىتىدە پىسخىك تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇش لازىم . ..
پىسخىكا- روھ ئىلىمى . ئادەمنىڭ ھەربىر پائالىيىتى روھنىڭ كونتىروللىقىدا بۇلىدۇ . دىمەك ، ئادەمنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى نورمال بولمىسا ئۇنىڭ ئەخلاقى- پەزىلىتى ،يۈرۈش – تۇرۇشى ، مىجەز – خاراكتىرىگە بىۋاستە تەسىر قىلدۇ، ياخشى بولمىغان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مەكتەپ تەلىم- تەربىيە خىزمىتىدە ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلگەن تۈرلۈك ئەخلاقسىز قىلمىشلارنىڭ باش مەنبىيى-نورمال بولمىغان پىسخىك روھى ھالەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . مەسىلەن : مەلۇم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرىستە ياخشى ئوقۇغۇچىنىڭ كىتاب، قەلەم قاتارلىق ئوقۇش قوراللىرنى تىقىۋېلىشى ، ئوغىرىلاپ تىقىپ قۇيۇشى، بۇ ئەخلاقسىزلىق قىلمىشى بولسىمۇ لېكىن پىسخىك جەھەتتىن مۇلاھىزە قىلساق ، ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەخلاقسىزلىق قىلمىش سادىر قىلىشى مەلۇم ھەسەتخولۇق ، كۆرەلمەسلىك پىسخىكىنىڭ بولغانلىقىدىن بۇلۇشى مۇمكىن. ..
3. مەكتەپلەردە پىسخىك مەسلىھەت بىرىش ئورنىنى تەسىس قىلىش لازىم . ..
ئوقۇغۇچىلار كۈندىلىك تۇرمۇشى ئۆگىنىش جەريانىدا تۈرلۈك بېسىم ، ئوخشىمىغان زىدىيەتلەرگە ۋە تۈرلۈك پىسخىك توسالغۇلارغا ئۇچىراپ تۇرىدۇ . بۇ خىل روھى جەھەتتىكى بېسىم ، جىددىيچىلىك تەربىيلەنگۈچىنىڭ پىسخىكىسىدا تۈرلۈك نورمالسىزلىقلارنى ، زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ، ھەتتاكى ئۆزىنى ھاياتلىقتىن بىزار بۇلۇش تۇيغۇسىغا باشلاپ بېرىشى مۇمكىن ...
مەكتەپ تەلىم –تەربىيە خىزمىتىدە ئەخلاق قارىشى بىلەن پىسخىك تەلىم – تەربىيىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا، ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم سۆھبەت پۇرسىتى، كاللىسىدىكى زىددىيەت توقۇنۇشنى ھەل قىلىش پۇرسىتى ، ئۆزىنى تۇنۇش ، ئۆز-ئۆزىنى يارىتىش ، يۈكسەلدۈرۈش پۇرسىتى بىرىش زۆرۆر . ..
پىسخىكىلىق مەسىلىھەت بىرىش ، باشقىلارنى قەدىرلەش ئەمەس بەلكى يول كۆرسىتىش ، تەدبىر بەلگىلەشكە ياردەملىشىش ، ئىدىيەدە چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ، ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرەلەيدىغانلىقىغا ھەقىقى ئىشىنىش، ھاياتقا ئىشىنىش، ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ئورنىنى تېپىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈشتىكى بىردىن-بىر يول. ..
4. زىھىن تەربىيىنى كۈچەيتىشتە يەنىلا پىسخىك تەربىيىسنى مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيۇش زۆرۈر. ..
ئۆگۈنۈش پائالىيىتى بىر خىل ئۇمۇمى تەرەپلىك پىسخىك پائالىيەت جەريانى، ئۆگۈنۈش پائالىيىتى جەريانىدا تەربىلەنگۇچىنىڭ ھېسىيات، ئىرادە، تەرەقىيات جەريانى، قابىلىيەت، مىجەز- خارەكتىرنىڭ شەكلىنىش ۋە تەرەقىقي قىلىش جەريانى. ئىلگىركى ئۆگۈنۈش پائالىيىتىدە، ئۆگۈنۈش پەقەت بىلىم،ماھارەت ئىگەللەش جەريانى دەپ قارىلىپ، تەربىلەنگۇچىلەرنىڭ باشقا پىسخىك ساپاسىغا ئېتىبارسىز قارىلىپ كەلگەن ھەم كىلىنىۋاتىدۇ . بۇيەردە شۇنى ئېنىق چۇشىنىش زۆرۈركى ئۆگۇنۇش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بۇلىشى پەقەت ئەقلى سەۋىيەسىگىلا باغلىق بۇلۇپ قالماستىن بەلكى پىسخىك ئامىلغىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك (مۇقىم كەيپىيات، قۇيۇق ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقى، قەلبىمىزدە ئېنىق نىشان، ئۆز-ئۆزنى تىزگنلەش قابلىيىتى قاتارلىقلار.) بۇ ئىككسنى زىچ بىرلەشتۈرمىگەندە ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇشتىن زىركىش، بېسىمدىن قېچىش، جۈرئەتسىزلىك خامۇشلۇق ۋە باشقا پىسخك كېسەلىلكلەرنىڭ كۈرۈلىشى ئېنىق ..
5. تەربىلەنگۇچىلەرنى ساغلام تەن ساپاسىغا ئىگە قىلىشتا، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش لازىم. جەمىئەت تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ كىشىلەردە پىسخىك بېسمنىڭ كۆپ بۇلۇشى، ناچار كەيپىياتلارنىڭ باشتىن كۆپ ئۈتۈشى، نورمالسىز روھى ھالەتنىڭ كۆپ داۋاملىشىشى سەۋەبىدىن ئادەم نېرۋىلىرىنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، فىزوپلوگىيىلىك ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ توسالغۇ پەيدا بۇلىدۇ. بۇنۇڭدىن كۈرۈشكە بۇلۇدىكى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى كۆرنەرلىك. پىسخىك ساغلاملىق،جىسمانىي ساغلاملىققا بېىقىندۇ ۋە يەنە پىسخىك ساغلاملىق ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسلەن:كونىلاردا ئادەم روھىدىكى كەيپىيات چەكتىن ئېشىپ كەتسە كېىسسەلىلىك چاقىدۇ دىيىلدۇ(خوششالىق يۇرەكنى زەخمىلەندۇرىدۇ، قايغۇ- ھەسىرەت جىگەرنى زەخمىلەندۇرىدۇ، خىيالچانلىق تالنى زەخمىلەندۇدۇ، غەم- ئەندىشە ئۆپكىنى زەخمىلەندۇرىدۇ،قورقۇنۇچ بۆرەكنى زەخمىلەندۇرىدۇ. بۇخىل قاراشنڭ مەلۇم ئاساسى بار. يەنە مەسىلەن :ئېغىردەرىجىدىكى ئىمتىھاندىن قورقۇش كىسلىگە گىرىپتار بولغان ئوقوغۇچى دائىم بېشى ئاغرىش، ئىچى ىسىقىلىش، ئۇيقىسى قېچىش ھەتتا ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىمالى كۇرىلىدۇ شۇنىڭ ئۇچۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ھالەتنى ساقلاشتا يەنىلا پىسخىك ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۇر...
6.تەلىم-تەربىيە شارائىتىدا ئوقۇغۇچىلار خاسلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە،مۇستەقىقل مەناغا ئىگە ئادەم دەپ قاراشنى ئەمەلىلەشتۇرۇشى زۆرۆر...
ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى، ياخشى كۆرىشى، مۇددىئاسى، ئېھتىياجى، مىجەزى، خاراكتىرى، ئەقلىي ئىقتىدارى، ئارتۇقچىلىقى قاتارلىق تەرەپلەردە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇ سەۋەپلىك ئۇلارغا ئۆز خاسلىقىنى ئاساس قىلىش ئاساسىدا مۇئامىلە قىلش كېرەك شۇ سەۋەپلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ خاراكتىركۈچىنى نامايەن قىلىدىغان بۇشلۇق ۋاقىت بىرىشىمىز كېرەك...
'ساپا مائارىپىدا ئالدى بىلەن ئادەمىنى ئاساس قىلىش گەۋدىلەندۇرىلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا جانلىق ئادەم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش. مۇكەممەل ئادەم قاتارىدا تەسىر كۆرسىتىلىش. ئوقۇغۇچىلار ئۇمۇمىي جەھەتتە راۋاجلاندۇرۇلىشى كېرەك. ..
بىزنىڭ مائارىپىمىز ئوقۇغۇچىلارنى دائىم بىلىم قاچىلايدىغان قاچا،سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىدىغان ماشنا، لاھىلىگىلى بۇلىدىغان مەھسۇلات دەپ قارايدۇ؟ مائارىپنى بولسا نىشانغا توغرا يەتكىلى بۇلىدىغان سىنارەت دەپ قاراپ ئوقۇغۇچىلارنى قانداق تەربىلىمەكچى بولسا شۇنداق تەربىلىۋالغۇسى كېلىدۇ. بۇ يەرئوقۇغۇچىنىڭ جانلىق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ.ئوقۇغۇچىلاردا نورمال ھېسىيات، قىزىقىش بۇلۇشنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. تەلىم تەربىيدە ئالدىن بەلگىلەنگەن ئەندىزىگە ئوقۇغۇچىنى كىرگۇزۇش پىرىنسىپ قىلىنغان.بۇ ھازىرقى دەرس ئىسلاھاتىنڭ تەلۋىگە تۈپتىن ..
خىلاپ. بۇ خىل خاھىشنى تۇپتىن تۈگۈتۈش كېرەك. ..
ئومۇمەن يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ئەمەلىيتىدە پىسخىك جەھەتتن يېتەكچىلىك قىلش، ئوبكىتنىڭ پىسخىك ھالىتى، روھى، ئىدىيىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئۆزگۈچە ئۈنۈمگە ئىگە ئۇسۇلنى جانلىق، ماھايەتلىك ئەمىلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش ھازىرقى مائارىپ ئەمەلىيتى جۇملىدىن كەڭ جەمىئەتنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى.