مەكتەپتە ئوقوتۇش تەتقىقاتىنى قانداق ئىلىپ بارمىز
1.مائارىپچىلارنىڭ مائارىپنى تەتقىق قىلىشى قەدىمدىن كىلۋاتقان ئىش ،نەتىجە قازانغان مائارىپچىلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت تەجىربىلىرىمۇ ئازئەمەس .مائارىپتىن مەخسۇس مائارىپ تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئايرىلىپ چىققان بۇگۇنكى كۇندە ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپنى تەتقىق قىلىىشنىڭ ئەھمىيىتى تىخىمۇ زۇز.تەلىم- تەربىيە خىزمىتىگە بىرلەشتۇرۇپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللنىش مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوسۇپ يىتىلىشنىڭ مۇقەررەر يۇلى ..
ھازىرقى دەرىس ئىلاھاتىدا بۇسۇس خاراكتىرلىك يىڭىلىق يارتىش ۋە يىڭى دەرىس ئىلاھاتىغا ماسلىشىش ئوچۇن پايدىلىنىش ئاساسىغا ئىگە بىلىملەردىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىش ھەمدە ئوزىمىزنىڭ ھەربىر ئوقۇتۇش جەريانىدىكى تىمىلارغا چۇڭقۇر چوكۇشمىز كىرەك . بۇنىڭ ئۇچۇن ئالدى بىلەن ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ رۇلىنى ۋەئۇقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ يىڭى دەرىس ئىسلاھاتىدا كەم بۇلسا بۇلمايدىغان ھەركەتلەندۇگۇچ كۇچ ئىكەنلىگنى چۇشۇنۇشى كىرەك ..
مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرلىشى -.
مەكتەپنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش تەتقىقات ، يڭى دەرىس ئىسلاھاتىنى يىتەكچى قىلغان ھالدا ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەتقىق تىمىسى قىلىدىغان ، دەرىسلىك ئەمىيلىشىش جەريانىدا مەكتەپلەر ھەرخىل ئوقۇتش مەسىللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر خىل پائالىيەت . .
2.مەكتەپنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى . ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىدىكى ئىدىيەنى توغىرلاپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات تۈزۈمى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ، ماس قەدەمدە دىمۇگراتىك ، ئچىۋىتىلگەن ، دەرىسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەۋىيسىنى ، ئوقۇتۇش ساپاسى ۋە دەرىسلىك قۇرلۇشنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۇرۇش . .
مەكتەپنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى بولسا مەكتەپ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ئەمەلىي بولغان قىيىنچىلىقلار ، بۇلۇپمۇ دەرىسلىك ئىسلاھاتىدىكى ئۇقۇتقۇچى ۋە مەكتەپنىڭ يىڭى مەسىللەرگە ماسلىشىپ بولالماسلىق مەسىلىسى ، يىڭى قىيىنچىلىق ۋە يىڭى مەسىلىسى ، دەرىسخانا ئوقۇتۇشى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ، ئوقۇتۇشنى باھالاش ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئىمتاھان ئىسلاھاتى يەرلىك دەرىسلىك ئىچىلىشى ۋە مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىك قۇرۇلمىسىنى قۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ..
ئاساسى تەتقىقات ئۇسۇلى ..
مەكتەپنى ئاساس قىلغان تەتقىقاتنىڭ ھەل قىلىدىغىنى يىڭى دەرىسلىكنى ئەمىللەشتۇرۇىش جەريانىدىكى ھەقىقى قىيىنچىلىق ۋە مەسىللەر بولغاچقا بۇ قىتمىقى تەتقىقاتنىڭ ئاساسى تەتقىقات ئۇسۇلى بولسا، ھەركەتچان تەتقىقات ئۇسۇلى بۇلۇپ ھەم مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەمىليىتى داۋامىدىكى مەلۇم مەسىلە ، لاھىيە ۋە ئوقۇتۇش ئەمىليىتى جەريانىدىكى جىددى مەسىللەر ھەل قىلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزەرىيىنى ئەمىليەتكە ئايلاندۇرۇش ئادىتنى ۋە تەتقىقات قارشىنى كۇچەيتىش، تەتقىقاتچىلارغا قەدەر ئۆز- ئۆزىنى ئويغىتىش ، تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئەمىلىيەت جەريانىدا ئۆزلىرى يۇلۇققان مەسىللەرنى ھەل قىلىشى ئىقىدارىنى ئوستۇرۇش. كۇندىلىك ئوقۇتۇش داۋامىدىكى دەرىس تۈزۈش ، دەرىس ئۆتۈش، دەرىستىن كيىنكى خۇلاسىنى چىقىرىش قاتارلىق ھالقىلار ئوقۇتۇش بىلەن بىر گەۋدە قىلىندۇ . ئوقۇتقۇچى تەتقىقات جەريانىدا ئادەتتە تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە << مەسىلە – لاھىيە – ھەركەت – ئۆز ئۆزىنى ئەسكەرتىش - يەكۈن >> قاتارلىقلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ..
كونكېرىت ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى : .
مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش : ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش داۋامىدا يۇلۇققان ئەمىلىي مەسىللەر ئىچىدىن ئەمىلى بولغان تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىللەرنى تېپىپ چىقىپ ئۇنى تەتقىق تېمىسى قىلىش كېرەك . .
لاھىيە تۈزۈپ چىقىش : تەتقىقات تېمىسىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن كەڭ دائىرلىك ھالدا تېمىغا موناسىۋەتلىك بۇلغان ماتىرىياللارنى ،مەسىلنى ھەل قىلشنىڭ ئاساسى تەپەككۇريۇللىرى ۋە ئۇسۇللرنى ،،شەكىللنىش لاھىيىسنى تۇزۇپ چىقىش ..
ھەركەت: ئوقۇتۇش ئەمىليىتىدە ئىلىپ بېرىپ ياخشى لايىھىلەنگەن لايىھەنى ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىدە ئەمىلىلەشتۇرۇش بىلەن دەرسخانا ئوقۇتۇشنىڭ بىرلەشتۇرۇشنىڭ قانداق بۇلغانلىقى ،ئوقۇغۇچىنىڭ ئىنكاسىنىڭ قانداق بۇلغانلقى ،لاھىيەنىڭ دەسلەپكى نىشانغا يەتكەن يەتمىگەنلىكىگە قاراش كىرەك ..
ئەسىلدىكى لايىھىلەنگەن لايىھەنى ھەرگىزمۇ ئوزگەرمەس قائىدە ئەمەس بەلكى ئەمەلى ئەھۋالغا ئاساسەن جانلىق ھالدا بارلققا كەلتۇرۇلگەن بۇلۇشى كىرەك ..
قايتۇرما ئىنكاس ؛ لايىھىلەنگەن لايىھەنى بىر مەزگىل ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىدىن ئوتكۇزۇلگەندىن كىيىن قايتا –قايتا ئويلۇنۇش ۋە مەسىللەرنى ھەل قىلشنىڭ جەريانى . لايىھىلەنگەن لايىھەنىڭ مەسىللەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا مەسىللەرنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا قاراش ،يەنى قانداق مەسىللەرنى رەتلەشكە ئەرزىيدۇ.ئەگەر مەسىللەرنى ياخشى ھەل قىلالمىسا،يەنىمۇ بىر قەدەرئىلگىرلىگەن ھالدا ئەسلىدكى لاھىيەدە خاتالىق مەۋجۇتمۇ دەپ يەنە قاراپ چىقىشقا توغرا كىلىدۇ..
خۇلاسىلەش ياكى ئۆزگەرتىش :قايتارما ئىنكاسنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ياخشى بولغان كېڭەيتىشكە ئەرزىيدىغان ئىشلەش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىپ چىقىپ ياخشى ھەل قىلمىغان مەسىللەرگە قارىتا سەۋەبىنى ئېنىقلاپ لايىھەنى ئۆزگەرتىپ ئەمىليەتتە ئېلىپ بېرىش كىرەك..شۇڭلاشقا مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ پۈتۈن جەريانى لاھىيە-ھەركەت-قايتارما ئىنكاس-خۇلاسىدىن ئىبارەت شەكىل بۇيىچە ئېلىپ بېرىلدۇ.ھەركەتچان تەتقىقات ئۇسۇلىدىن باشقا خۇلاسىلەش ئۇسۇلى، تەجىربە ئۇسۇلى قاتارلىقلار بار.. .
3.ياخشى بولغان مەكتەپ ئۇقۇتۇش تەتقىقات مىخانىزىمى قۇرۇش .
1>زور كۈچ بىلەن مەكتەپ ئۇقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ رېئال ئەھمىيتىنى تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش. تەربىيلەش يىغىن قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەكتەپ ئۇقۇتۇش تەتقىقاتنىڭ ياخشى كەيپىياتىنى يۇقىرى كوتۇرۇپ، مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىلاغا قارتا ئۇقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە كەسكىنلىكىنى زۈرۈرلۈككە بولغان تۇنۇشىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش لازىم. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تۇسالغۇلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلىپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئۇقۇتۇش تەتقىقاتى ئارقىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بىرىپ ئۇقۇتۇش سەۋىيەسىنى ۋە مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشكە مەدەت بىرىش كىرەك. ئۇقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرى يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا دۆلەتنىڭ ئۇقۇتۇش تەتقىقات ۋەزىپىسى، ئېغىرلىق مەركىزى ئۇسۇلىنى توغرا تۇنۇپ، ياخشى ئۈگىنىپ خزمەتنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنى ۋە كۆزگە كۈرۈنىدىغان قىسىمىنى مەكتەپ ۋە دەرىسخانىغا يۆتكەپ مەكتەپ ئۇقۇتۇش تەتقىقاتىدا ئۈزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋە ئەقىل پاراسىتىنى كەسىپتىكى قابىلىيىتىنى تۇللۇق جارى قىلدۇرۇشى لازىم. .
2> مەكتەپ مۇدىرى بولسا مەكتەپ ئۇقۇتۇش تەتقىقاتىدىكى بىرىنچى مەسئۇل خادىم . .
مەكتەپ مۇدىىرى ئدىيىۋى جەھەتتىن بۇ خىزمەتكە چوڭقۇر چۈكۈپ ئىلىم پەنگە تاينىپ مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنى ھەقىقى بەرپا قىلىپ مەكتەپ ئۇقۇتۇش تەتقىقاتىنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق دەرىس ئىسلاھاتىنى ئىلگىرىى سۈرۈپ مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۈتۇرۇپ مەكتەپ تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. .
مەكتەپ مۇدىرى پۈتۈن مەكتەپتە ئۇقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپىسى ، ئۇقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپىسى ،پەن تەتقىقات گۇرۇپىسىنى تەسىس قىلىشى لازىم. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن تىرىشىپ ئېچېۋېتىلگەن مەكتەپ ئۇقۇتۇش تەتقىقات تورى قۇرۇش، ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇتۇش ئىسلاھاتى جەريانىدا ئۇچىرغان قىيىن مەسىللەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىپ ئۇقۇتقۇچى ئۈچۈن ئۇقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرى تەتقىقاتچىلار داۋاملىق سېستىمىلاشقان ئۇچىرشىش مۇھىت شارائىتىنى بەرپا قىلىش ئاكتىپ تەشەببۇسكار ھالدا كەسپى تەتقىقاتچىلارنىڭ قوللىشى ۋە يېتەكچىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش قەرەللىك مۇلاھىزە دەرسى، ئېچېۋېتىلگەن دەرىس مۇلاھىزە يىغىنى ۋە ئۇقۇتۇش تەتقىقات ماقالە مۇسابىقىسى تەجىربە ئالماشتۇرۇش خۇلاسىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ، مەكتەپ ئۇقۇتۇش تەتقىقاتىدا گەۋدىلىك تۆھپە كۆرسەتكەن گۇرۇپپا ۋە ئىشخانىلارغا ۋە ئۇقۇتقۇچىلارغا قارتا رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىش كىرەك. .
3> مەكتەپ ئۇقۇتۇش تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ۋە مەقسىدىنى چوڭقۇر چۈشىنىش لازىم. مەكتەپ ئۇقۇتۇش تەتقىقاتى بولسا يېڭى دەرىس نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاستىلىرىنىڭ بىرى. ئۇقۇتقۇچى پەقەت يىڭى دەرىستە تۇختىماي ئىجاتچانلىقنى جارىي قىلدۇرۇپ ۋە يىڭىلىق ياراتقاندىلا ئاندىن مەكتەپ دەرجىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقاتدا خاتا يۇلغا ماڭمايدۇ . .
خۇشاللىنارلىق بۇلغان ئوقۇتۇش كەيپىياتىنى يارتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۇنۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كوتۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا مەسىللەرنى ھەل قىلش قابىليىتىنى چىنىقتۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلادا تۇغرا ھىسىيات ۋە قىممەت قارشىنى تۇرغۇزۇش لازىم .
4> ئوقۇتقۇچى مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتققاتىدىكى ئاساسى كۇچ .ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش تەتققاتىدا ئۇزنىڭ ئوقۇتۇش سۇپىتىنى ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيەسنى ئۆستۇرۇش ئوقۇتقۇچى مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتققاتىدا زۇر كۇچ بىلەن ئەنئەنۋى ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى ئوزگەرتىش .بايقاش شەكلى ، ئىچىش شەكلى ،مۇزاكىرە شەكلى قاتارلىق ئۇسۇللارنى دەرىسخانىغا ئىلىپ كىرىش يىڭى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن ئاكتىپ ئىزدىنىش لازىم .
مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتققاتى ئارقىلق دەرىستىن سىرىتقى پائاليەتنى تۇللۇق جارى قىلدۇرۇپ ،ئىجتىمائىي ئەمىلىي پائاليەت ئىلمى تەجىربە قاتارلىق ئۇسۇللاردىن تۇللۇق پايدىلنىپ تىخمۇ كەڭ دەرىس بايلىقىنى ئىچىش لازىم . .
5> مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپىسى ،دەرىس تەييارلاش گۇرۇپىسى ،ئوقۇتۇش تەتقىقاتىدىكى فۇنكىسىيەسىنى تۇللۇق جارى قىلدۇرۇش ،مەكتەپتە ئوقۇتۇش تەتققات گۇرۇپىلىرنى قۇرۇپ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىنى تىىخىمۇ كۇچەيتىش ، ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئوز ئارا ھەمكارلىىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى تەكىتلەپ ،ئوز ئارا ئۇگۇنۇپ ،ئوز ئارا تەتقىق قىلپ ،بىرلىكتە بەھرىمان بۇلۇش ئۇنۇمنى ئوستۇرۇش لازىم . .
ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپىسى ئۆگۇنۇش مەزگلىدىكى تەتقىقات لاھىيەسىنى تۇزۇپ چىقىش ، ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرى ئىشتىراكچىسى ،ھەمكارلاشقۇچى سۇپىتى بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنجى سپىگە ئاتلىنىشى كىرەك ..
ئومۇمەن قىلپ ئىيىتقاندا مۇلازىمەت تىپىدىكى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى كۇچەيتىش ؛ ئوقۇتۇش تەتقىقات تۇزۇمى ۋەخىزمەت ئوسۇلىنى ئوزگەرتىش ۋە ئىلگىرى سۇرۇش ھەمدە تەتقىقات خىزمىىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى مەكتەپكە يۇتكەش ،مەكتەپنى تەتقىقات بازىسى قىلپ قۇرۇپ چىقىش يەرلىك ئورۇنلار ۋە مەكتەپلەر يىڭى دەرىس ئىسلاھاتىنى يۇلغا قۇيۇش جەريانىدىكى مەسىللەرنى چۇردەپ مەقسەتلىك، پىلانلىق، تەشكىلىك ھالدا تەتقىقات ئىلىپ بىرىش كىرەك
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇزىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا مائارىپ ئىسلاھاتىغا ماسلىشىش ماسلشالماسلىقىدا مائارىپ قارشى مۇھىم ئامىلدۇر .يىڭى مائارىپ نەزىرىيەلىرنى،باشقىلارنىڭ يىڭى تەجىربىلىرنى ئۇگۇنۇش، تەتقىق قلىش كىرەك. چۇنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۇزىگە خاس ئالاھىدىلىگى بۇلىدۇ .ئەينەن كۇچۇرۇشكە بۇلمايدۇ پەقەت ئوزى تەتقىق قىلىپ نەزىرىيە ۋە تەجىربىلەرنى ھەزىم قىلغاندىلا ئاندىن يىڭى نەزىرىيە ۋە تەجىربىلەرنى ئوزلىرنىڭ تەلىم –تەربىيە ھەركىتىگە ئايلاندۇرالايدۇ.