ئەرلەر ساغلاملىقىنىڭ خەلقئارالىق يېڭى ئۆلچىمى
1.زېھنى ئوچۇق بولۇپ ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھوددىسىدىن چىقالايدىغان ۋە ئىغىر خىزمەتلەرنى بىمالال ئۇستىگە ئالالايدىغان بولۇش ، زىيادە ھودۇقۇپ كەتمەيدىغان ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىغان بولۇش كىرەك .
2.خۇش پېئىل ، پوزۇسسىيەسى ئاكتىپ بولۇش ، مەسئۇليەتچان بولۇش ،چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھوددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇش .
3.ئارام ئېلىشقا ماھىر ، ئۇيقۇسى ياخشى بولۇش .
4.ماسلىشىشچانلىغى كۇچلۇك ،ياشقى موھىيتتىكى ئۆزگۇرۇشلەرگە تولۇق ماسلىشالايدىغان بولۇش .
5.ئادەتتىكى زۇكامغا ۋە يۇقۈملۇق كىسەللەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇش .
6.بەدەن ئېغىرلىقى مۇۋاپىق ، بەدىنىنىڭ يىتىلىشى تەكشى ، ئورە تۇرغاندا باش ، مۇرە ،بىلەك ماس كەلگەن بولۇش .
7.كۆزى نۇرلۇق ،ھەركەتچان بولۇش ،كۆزى ئاسان ياللۇغلانمايدىغان بولۇش .
8.چىشلىرى پاكىز ، چىشقا قۇرۇت چۇشمىگەن ،ئاغرىمايدىغان بولۇش . چىشنىڭ رەڭگى نورمال ، قانىمايدىغان بولۇش .
9.چېچى پارقىراپ تۇرۇش ، كېپەك بولماسلىق .
10.مۇسكۇلى يىتىلگەن ، تېرىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولۇش كىرەك .
تەييارلىغۇچى ----ئۈگدۈلمىش