يەڭگەمگە يىزىلغان خەت
قەدىرلىك يەڭگە، ياخشىمۇسىز؟گەرچە سىزنى يەڭگە دەپ چاقىرىشىمنى خالىمىسڭىىزمۇ، لىكىن مەن يەنلا شۇنداق ئاتاشنى لايىق تاپتىم، مىنى كەچۈرۈڭ .بىز بىر ئائىلگە كىلىن بۇلۇپ ئون نەچچە يىل بىرگە ياشىغان بولساقمۇ، ھەقىقى قىرىنداشلاردەك ياشيالمىدۇق، بۇزادى نىمە ئۈچۈن؟
ئەجىبا كونلارنىڭ‹‹ئىپى-يەڭگە ئەپ بولماس، ئۆپكە قىرىن گۆش›› دىگەن گىپى راستىنلا توغرىمىدۇ؟مەن سىز بىلەن يەڭگە بۇلۇش شەرىپگە ئىرىشىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاپامنىڭ ئىيىتقان بىر ئىغىز سۆزى ھىلمۇ ئىسىمدە؛‹‹قىزىم ئەتدىن باشلاپ سىز يىڭى بىرئائىلگە ئەزا بۇلسىز، ئاشۇ ئائىلدە قانداق ئۇرۇن ئىگەللەش، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن قانداق ئۆتۈش، يەنلا سىزنىڭ ئەقىل پاراسىتڭىزگەباغلىق، بۇئىشلارنى ياخشى ھەل قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنمەن، شۇنداق بولسىمۇمەن ئۆزۈمنىڭ سىزتۇغۇلغاندىن بۇيان سىزگە ئىيتىشنى ئويلاپ كەلگەن سۆزۈمنى ئىيتىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم،قىزىم، يىڭى ئائىلگەكىرگەندىن كىيىن ئالدى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنى ئۆز قىرىنداشلىرىڭىزدىنمۇيىقىن كۆرۈڭ،قىيىن ئانڭىزنى مىنى ياخشى كۆرگەندىن نەچچە ھەسسە ياخشى كۆرۈڭ،قىيىن ئاتڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، ئۇلارنىڭ دىلنىئاغرىتىدىغان ئىشلارنى قەتئى قىلماڭ، ئىپى-يەڭگە، قىيىنسىڭىللىرىىڭزنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشنى ئويلاڭ، ئۇلار بىلەن ھەر ۋاقىت ئىناق ئۆتۈڭ، ئۆيدە بۇلۇنغان گەپ-سۆزلەرنى ھىچقانداق كىشگە، ھەتتا ماڭمۇ ئىيىتماڭ،
يولدىشڭىزغا ئىللىق مۇئامىلەقىلىڭ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا يولدىشڭىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىڭ، ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر سادىق ھەمرابۇلۇڭ،›› ئەنە شۇ گەپلەر بۇلۇنغان كۈننىڭ ئەتىسى مەن سىلەرنىڭ ئائىلگە يىڭى بىر ئەزا بۇلۇپ قۇشۇلدۇم، مەن سىزبىلەن تۇنجى ئۇچراشقان شۇكۈنى سىزماڭا ئىنتايىن ياخشى تەسىر بەرگەن ئىدىڭىز، سىزنىڭ ئۇماق
چىرايڭىز، زىلۋا،قاملاشقان بوي- بەستىڭىزنى كۆرۈپ، ئىچىمدە سىزگەھەسەت قىلغان، مەسلىكىم كەلگەن ئىدى.لىكىن كۇنلەرنىڭ ئۆتشى بىلەن سىزنىڭ بەزىبىر تەرەپلىرىڭىزماڭا پەقەتلا ياقمىدى،‹‹خۇددى ھەر بىر ئادەمنىڭ خارەكتىرىدە سىز ياقتۇرمايدىغان تەرىپى بولغانغا ئوخشاش،مەندىمۇ سىزياقتۇرمايدىغان نۇرغۇن تەرەپلەر بۇلشى مۈمكىن،››لىكىن بىز بۇ ئەملىيەتكە سەل قارىدۇق،بىربىرىمىزگە يول قۇيۇپ كەڭ قورساقلىق قىلماي،ئەكسىچە تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، كۆڭۈل سۇقشى ئىچىدە نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋەتتۇق.
قەدىرلىك يەڭگە؛بىلەمسىز؟مەن سىزبىلەن ياخشى ئۆتۈشكە قانچە تىرىشقانسىرى سىزماڭاخۇددى ئۆزىڭىزنى قاچۇرغاندەك تۇيۇلىسىز،مەن ھەرقىتىم كاماندۇرۇپكا،ئۇقۇشلارغا بارغىنىمدا سىزنىڭ ئۇماق قىزلىرىىڭزغاتاللاپ كىيىم-كىچەكلەرنى ئىلىپ كەلسەم سىزئۇلارغا كىيگۈزمەيسىز،كىيىن ئاڭلىسام باشقىلارغا بىرىۋىتىدىكەنسىز،بۇسىزنىڭ مىنى ياراتمىغنىڭىزمۇ؟سىزمىنىڭ ئاشۇكىيىم-كىچەكلەرنى تاللاشقا قانچىلىك زىھنىمنى،ۋاقتىمنى زايە قىلغىنىمنى چۈشنەرسىزمۇ؟ بىلمەن،باللىرىڭىزنىڭ كىيىملىرى كۆپ،شۇنداق بولسمۇمىنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ قۇيشىڭىز، ھىچبولمىسا رەخمەت دىگەن بىرئىغىز سۆزنى بولسىمۇ قىلىپ قۇيشىڭىزكىرەك ئىدى.بىراق، سىزشۇبىر ئىغىز سۆزنىمۇ مەندىن ئايدىڭىز.مەن بۇنۇڭدىن خاپا بولغان بولساممۇلىكىن يەنلاچاندۇرمۇدۇم، چۈنكى مەن قىيىن ئاپامنىڭ تەڭ قىسلىقتا قىلىشىنى،ئاكا-ئۇكا قىرىنداشلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ قىلشىنى قەتئى خالىمايتىم.
بىراق يىقىندا يۈزبەرگەن كۆڭۈلسىزلىكتىن كىيىنلامەن بۇنداق چاندۇرماي يۇرۈۋىرىشنىڭمۇتوغرائەمەسلىكنى ھەقىقى ھىس قىلدىم. يەڭگە؛سىزمىنغۇ كۈزىىڭىزگە ئىلماڭ، قىيىن ئاپامنىمۇ كۆزىڭىزگە ئىلمامسىز؟ ئۇسىزياخشى كۆرگەن يولدىشڭىزنىڭ ئانسىغۇ؟سىزيامان كۆرگەن قىيىن سىڭىللىرىڭىزمۇئاشۇيولدىشڭىزبىلەن بىر قۇرساقتايىتىپ بىرناننى تالشىپ يەپ چوڭ بولغان قىرىنداشلارغۇ؟سىزنىڭ ئۇلارنى يامان كۆرگىنىڭىزپەقەتلاياخشى بولمىدى،‹‹پوققا چالما ئاتساڭ يۈزۈڭگە چاچلار›› دىگەن ماقال تەمسىلنى ئەجداتلىرىمىزئىنتايىن توغرائىيىتقان.سىزبىركچىك بالنىڭ كەينىگە كىرىپ نۇرغۇن ئادەمنى رەنجىتتىڭىز. ئائىلمىزنىڭ ئىناقلىقغا تەسىر يەتكۈزدىڭىز، ئەڭ يامان بولغىنى يولدىشڭىىزئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا قالدى، ئۇياققا قارىسا خۇتۇن بالا،بۇياققا قارىسا ئانا قىرىنداش، ئىيتىڭە ئۇزادى قانداق قىلشى كىرەك؟
يەڭگە؛ سىزتۇلۇق ئوتتۇرامەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە،بىلىملىك ئايال، سىزئۆزئائىلىڭىزگە نىسبەتەن،بىرۋاپادارقىز،ئاتا-ئانڭىزغاقىرىنداشلىرىڭىزغاشۇنداق كۈيۈنىسىز،شۇكۈيۈمچانلىقڭىزدىن زەررىچىنى بۇئائىلگە ئاتۋەتكەن،كۆڭۈل كۆكسىڭىزنى سەل كەڭرەك تۇتقان بولسىڭىىزنەقەدەر ياخشى بۇلاتتى ھە!
يەڭگە؛ بۇگەپلەرنى سىزگە يۇز تۇران ەئىيىتقۇم بارئىدى،لىكىن سىزنىڭ خۇي مىجەزىڭىزماڭا ئىنىق بولغاچقا ئۆزۈمنى ئايدىم، مىنى كەچۈرۈڭ، ئاخىرىداسىزدىن ئۆتۈنىدىغنىم؛
قىيىن ئاپامنىمۇ ئۆز ئاپڭىزدەك كۆرۆڭ، ئۇسىزگە بەك ئامراق،سىزچوڭ ئۆيگە ئاياق باسمىغان بىريىلنىڭ ياغى ئۇ كۈندە سىزنىڭ گىپڭىزنى قىلدۇ، كىرمىدى دەپ يىغلايدۇ، ئۇنىڭ ئاشۇ بىچارە ھالتىگە قاراپ، مەنمۇ نەچچە قىتىم يىغلاپ كەتتىم، سىزنىڭ شىللىڭىز نىمانچە قاتتىق؟ سىزمۇ قىرىپ يالغۇز قالغاندا باللىرىڭىز، كىلىنلىرىڭىز، نەۋرىلىرىڭىزسىزنى يوقلىمسا ئازاپلانمامسىز؟ يەڭگە؛ ھىچ بولمىسا باللىرىىڭىزنى، يولدىشڭىزنى بولسىمۇچوڭ ئۆيگە كىرگۈزۈڭ، قىيىن ئاپامنىڭ باغرى ئۇلارغا قىنىۋالسۇن!