نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خانىم - قىزلار دۇنياسى >>
سىھرى كۈچكە ئىگە ئايالغا ئايلىنىش ئۇسۇللىرى
يوللىغان ۋاقىت:2010-05-09 22:30:19  يازغۇچى:شەكىلە  كىلىش مەنبەسى:سىرداش تورى  ئاۋاتلىقى:1995   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئۈزلۇكسىز بېيىتىپ،نازاكەتلىك پەزىلەت يېتىلدۇرۇپ،ئۆزىنىڭ ئاق كۆڭۇل،مۇلايىملىقىنى ساقلاپ،ئۆز-ئۆزىنى ھۆرمەتلەش،ئۆز- ئۆزىنى سۆيۇش،ئۆز ئىززىتىنى ساقلاپ ئېغىر-بېسىق بولۇش،ئۆزىگە ئىشىنىپ مۇستەقىل بولۇش،ئۈزلۇكسىز ئالغا ئىنتىلىشنى ئىشقا ئاشۇرسىڭىز،سېھرىي كۇچكە ئىگە ئايالغا ئايلىنالايسىز.
1.ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بېيىتىش.توختىماي ئۇگۇنۇش،تۇرلۇك ماھارەتلەرنى يېتىلدۇرۇش،ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سۇپىتىنى ئۆستۇرۇش،ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى سۆزىدە،كۇلكىسىدە،تۇرمۇشىدا نامايەن قىلىش.

2.پەزىلەتلىك،نازاكەتلىك بولۇش.بەزى ئاياللار قارىماققا تەلەتى سۆرۇن كۆرىنىدۇ.ئەمما سېھرىي كۇچكە ئىنتايىن باي.بۇنىڭدىكى سىر ئۇلاردا كىشىنى جەلپ قىلغۇدەك پەزىلەت ۋە مۇكەممەل ئاياللىق خۇسۇسىيەت بولغانلىغىدا.نازاكەتلىك پەزىلەت،ئاياللار بىلەن ئەرلەر ئوتتۇرسىدىكى قەلب ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىل.

3.ئاق كۆڭۇل،مۇلايىم بولۇش. ئاياللارنىڭ مۇلايىملىقى ئەرلەرنىڭ يۆلەنچۇگى.

4.ئۆز ئىززىتىنى ساقلاپ،ئېغىر-بېسىق بولۇش. ئاياللارنىڭ سالماق،مۇلايىم پەزىلىتى ئەسلىدىنلا ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان سېھري كۇچ.ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا ماھىر بولۇش،ئازدۇرۇشتىن ساقلىنىش،ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىش،ئۆز- ئۆزىنى سۆيۇش،ئاياللىق پاقلىقنى ساقلاش،ئائىلىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش.

5.پائال ئالغا ئىلگىرلەش. چىۋەر خوتۇن،ياخشى ئانا بولۇپلا قالماي،كەسىپچانلىق،ئالغا ئىنتىلىشچانلىققا ئىگە بولۇش.كەسىپتە ئېرىگە ئەقىل كۆرسىتىپ،ئىلگىرلەش ۋە چېكىنىشتە ئېرى بىلەن بىرگە بولۇش.

6.ئۆز -ئۆزىگە ئىشىنىپ،مۇستەقىل بولۇش. ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاياللار ئەڭ گۇزەل ئاياللاردۇر. ھازىرقى جەمىيەتتە ئەگەر ھەممە ئىشتا ئېرىگە تايىنىۋالسا،مۇستەقىل خاراكتىرى بولمىسا،ئاخىرىدا ئۇنى باشقىلار كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
تورداش << شەكىلە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ