ئەرلەرگە خاس مىجەز - خۇلقۇم بار دەپ چۈشكۈرگەندە ئاغزىنى توسمايدىغان ، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەيدىغان ، تۈكۈرۈىكىنى چاچرىتىپ ، ئاڭلىغۇچىلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ، ئاياللارنىڭ كۆڭلىگە باقماي ، ھەر قانداق پاراڭنى تېتىقسىز چاقچاققا تارتىدىغان ئەرلەر. ئاياللارنىڭ ئۈستۋېشىغا قارايدىغان ، بولۇپمۇ فىگۇرىسىدىن كۆزىنى ئۈزمەيدىغان ، مەيدىسى سەل ئوچۇق كىيىم كىيگەن ئاياللارنى كۆرسە ، ئەيمەنمەستىن تىكىلىپ قاراپ تۇرۋالىدىغان ئەرلەر. تاماق ۋە نەرسە - كېرەك يېگەندە باشقىلارنىڭ ئەجەپلىنىشىگە پەرۋا قىلمايدىغان ، ئەدەپ - ئەخلاققا ئەھمىيەت بەرمەي ئاۋاز چىقىرىپ يەيدىغان ئەرلەر. تاماق يەپ بولۇپ پۇل تۆلەيدىغان چاغدا ، ھاجەتغانىغا ياكى تېلېفون بېرىشىنى باھانە قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئەرلەر. ھاجەتخانىدىن چىقىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر تەرەپتىن ئىشتىنىنىڭ سىيرىتمىسىنى ئېتىپ ، يەنە بىر تەرەپتىن پاراڭلاشقاچ ، قارشى تەرەپنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئەرلەر. كىيىمنى قاملاشتۇرۇپ كىيەلمەيدىغان ياكى رەتسىز كىيىنىپ تۇرۇپمۇ ئۆزىنى سالاپەتلىك چاغلاپ مەغرۇرلىنىدىغان ئەرلەر. ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەتتىن كېيىن يۇيۇنۋەتمەي ، تەر پۇراپ تۇرغان ھالدا ئاياللارغا يېقىن كىلىپ پاراڭ سالىدىغان ئەرلەر. چاچلىرىنىڭ مايلىشىپ كەتكىنىگە ھەم كېپەك تۆكۈلۈپ تۇرغىنىغا قارىماي ، چېچىنى بارماقلىرى بىلەن تاراپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغان ئەرلەر . ھە دېسىلا ئاياللارنىڭ فىگۇرىسىنى ، تاشقى قىياپىتىنى مەسخىرە قىلىپ، ئاياللارغا باھا بېرىدىغان ئەرلەر . توختىماي تۇتامى يوق گەپلەرنى كۆپ قىلىدىغان ئەرلەر. ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىلىق ئەتىر ئىشلەتكىنىنى باشقىلارنىڭ بىلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، پۇرىقى كۈچلۈك ئەتىر ئىشلىتىدىغان ئەرلەر. ھە دېسىلا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلاردىن ئاغرىنىپ ، مەسىلىنى ئاكىتىپلىق بىلەن ھەل قىلماي ۋايساپلا يۈرىيدىغان ئەرلەر. قورسىقىدا ئۇمىچىنىڭ تايىنى بولمىسىمۇ بىلەرمەنلىك قىلىپ ئىقتىدارىدىن ماختىنىدىغان ، ئەمما ئەمەلىي ئىشقا يولۇققاندا ھەممىدىن بۇرۇن تىكىۋېتىدىغان ئەرلەر. ھاراق كۆتۈرەلمەيدىغان تۇرۇقلۇق ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ ، ھەممىنىڭ ئالدىدا مەست بولۇپ قالدىغان ئەرلەر. تاماكا ئىسىنى قالايمىقان پۈۋلەيدىغان ، بولۇپمۇ ئاياللار ئالدىدا تاماكا ئىسىنى دۈگىلەك چىقىرىپ ئوينايدىغان ئەرلەر. ئاياللارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلمايدىغان ، ئاياللارنىڭ ئېغىر نەرسە كۆتۈرۋالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ياردەملەشمەيدىغان ، لىفتقا چىقىپ - چۈشكەندە ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭدىغان، ئاپتوبۇستا ئورۇن بوشىغاندا ئاياللار بىلەن ئورۇن تالىشىدىغان ئەرلەر. ئاياللارنى دۆت چاغلاپ مازاق قىلىدىغان ئەرلەر. مېڭىش - تۇرۇشى لۈكچەكلەردەك ، قىلىقى قوپال ئەرلەر. قىز دوستىنىڭ ئۆيدىكىلىرىنى ئەيىبلەيدىغان ، قىز دوستى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردىن رەنجىگەندە تەڭ قوشۇق سالدىغان ئەرلەر. بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ، ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئالدىغا ئۆتۈۋالىدىغان ئەرلەر. ئۆزىنى كېلىشكەن دەپ چاغلاپ، قىلىق چىقىرىپ ئۆز - ئۆزىگە ھەۋەس قىلىدىغان ئەرلەر. |