خورلانغان ئانا
( شاتئاي)
بۇگۇن دەم ئىلىش كۇنى بولغاچقا ياتاقدىشىم راھىلە بىزنى ئۆز ئۆيىگە مىھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. بىزنىڭمۇ باشقا ئىشىمىز بولمىغاندىكىن ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدۇق .ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سەل سىرتىدا ئىكەن . بىز خىلى يول يۇرۇپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدۇق.بىزنىڭ بىرشىمىزغىلا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىزنى ناھايىتى قىزغىن كۇتىۋالدى. بىزنى ئۆيىگە باشلاپ ، ھەر خىل نازى نىممەتلەرنى ئالدىمىزغا تىزغىلى تۇردى . ھەمدە بىزنى تارتىنماي ئولتۇرۇشقا ، ئۆز كۆرىشىمىزنى تاپىلاپ قويۇپ باشقا ئۆيگە چىقىپ كەتتى.
بىزمۇ تارتىنماي ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن ئىلىپ، كۆڭۇللۇك ئولتۇردۇق. بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كىيىن ، ئىشىكتىن 80 ياشلار چامىسىدىكى ياشانغان بىر ئايال كىرىپ كەلدى. بىز دەرھاللا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ، سالام قىلدۇق ، بۇ ئايالمۇ بىزنى كۆرۇپ ناھايىتى قىزغىن سالام قىلدى ھەمدە بىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ھەمدە دۇئا قىلىپ بىزدىن تىنىچ ئامان كەلدىڭلارمۇ دەپ تىنچ ئامانلىق سورىدى. بىزمۇ بۇ ياشانغان ئايالغا قىزغىن مۇئامىلە بىلەن جاۋاپ قايتۇردۇق. بۇ ئايال ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ راھىلەنىڭ چوڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى ئىيىتتى. ئۇ بەك توڭاپ كەتكەندەك كۆرنەتتى ، ئولتۇرۇشنى ئويلىدىمۇ قانداق يىنىمزغا كىلىپ ، ئولتۇرماقچى بولدى. مەن ئۇنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم . ئۇ ناھايىتى قىينالغان ھالدا ئارانلا ئولتۇرۋالدى.
ئۇ ئەمدى ئولتۇرشىغا ، راھىلە گەپ باشلىدى: ۋايجان ، ئۆيۇڭگە چىقىپ ئولتۇرساڭ بولمامدۇ، نىمە پۇتۇڭدىكى ، ئىغىلغا كىرگگنمىدىڭ . ما گىلەمىنى مەينەت قىلىۋەتتڭ قارا. بىزنى ئارامخۇدا پاراڭلاشقىنى قويۇپ ، چىقىپ كىتە .
ئۇ نارازىلىق ئارلاش ھومىيىپ قويدى . بىز ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدۇق . ئۇنىڭ بۇ تەلەپپۇزى بىر چوڭ ئاپىسىغا ئەمەس ، يات ئادەمگىمۇ قىلغىلى بولمايدىغان مۇئامىلە ئىدى. ئارىمىزدىن دوستىمىز گۇلمىرە ئىغىز ئاچتى:- راھىلە ، بۇ يەردە ئولتۇرسىمۇ مەيلى ، كۆرمىدىڭمۇ ، بەك توڭاپ كەتكەندەك قىلىدۇ ، بىردەم ئولتۇرسۇن .
- بولدىلا يەنە بىر ئۆيگە چىقىپ ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ . سىلەر ئاران بىر كەلدىڭلار . خاتىرجەم ئولتۇرۇڭلا دىۋىدى،
بۇ ئايال ئۆزلىكىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ، ئۇ ناھايىتى تەستە ئورنىدىن تۇۇرپ ، ھالسىرغان پۇتلىرىنى سۆرىگىنىچە بىزگە خوش دەپ چىقىپ كەتتى.
بىزنىڭ كۆڭلىمىز غەلىتىلا بولۇپ قالدى. مەن راسىت گەپ قىلسام راھىلەگە ئاچچىقىم كەلدى. ئۇنىڭ قىلغىنىغا شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى.بىردەم ئولتۇرسا نىمە بولاتتى.
بىز بىر-بىرىمىزگە قاراپلا قالدۇق. شۇ ئەسنادا راھىلەنىڭ ئاپىسى تاماق كۆتۇرۇپ كىردى. گەرچە تاماق شۇنداق ئوخشىغان بولسىمۇ بايىقى ئەھۋالنى كۆرۇپ ، تاماق يىگىممۇ كەلمەي قالدى.
مەن بۇ ئايالنى كۆرگىنىمدە مىنىڭ مىھرىبان ، رەھمەتلىك چوڭ ئاپامىنى كۆرگەندەك بولغان ئىدىم. بىراق بۇ ئايالنىڭ كۇنى مىنىڭ چوڭ ئاپامىنىڭكى بىلەن تۇپتىن قارشى ئىكەن . ئىشقىلىپ شۇ چاغدىكى ھىسياتىمنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەي قالغان ئىدىم.
باشقا بالىلارغىمۇ بۇ ئىش تەسىر قىلغان ئوخشايدۇ ، ئۇلارمۇ تامىقىنى تۇزۇك يىمەپتۇ . بىز مەكتەپكە قايتىشنى بانا قىلىپ قايىتماقچى بولدۇق . راھىلە يەنە تاماق ئىتەي دىدىيۇ ، بىزنى يەنىلا ئىلىپ قالالمىدى.بىز ئۇنىڭ ھويلىسىغا چىقتۇق. ھويلىسىغا چىققاندىن كىيىن ئۇ ئۆيىنى بىزگە تونۇشتۇرۇپ كەتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۆيى ۋاي دىگۇدەك بولمىسىمۇ ، بىز ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا بەردۇق خالاس. چۇنكى ئۇنىڭ مەمەدانلىقىنى ھەممەيلەن بىلەتتۇق. ئۇ ئۆزىچە بۇ ئۆيدە مەن ياتىمەن ،ئاۋۇ ئۆيدە ئۇ ، ما ئۆيدە بۇ دەپ تونۇشتۇرغىلى تۇردى. مەن قىزقىپ چوڭ ئاناڭچۇ ؟ دەپ سورىدىم .
- مۇشۇ ئۆيدە . دەپ يىنىمىزدىكى ئۆينى كۆرسەتتى. بىز تىخىمۇ ھەيران قالدۇق . بۇ ئۆينىڭ دىرىزىسى چىقىغلىق ، ئىشىكلىرىمۇ كونىراپ ، ئارلىق چىقىپ قالغان ئىكەن.
- راھىلە مۇشۇ ئۆيدە چوڭ ئاناڭ تۇرامدا. دەرىزىللىرىمۇ چىقىغلىق . بۇنداق تۇرسا ئۆي قانداق ئىسسىيدۇ؟ دىدىممەن.
- ۋاي شۇ ، ھازىرچە مەشكە ئوت ياقمىدۇق ، چوڭ ئاناممۇ داۋاملىق ئولتامايدۇ . كەچتىلا ياتىدۇ . توڭسا ئىككى كۆرپە يىپىنىپ ياتىدۇ . بۇ خوتۇننىڭ جىنى پىششىق . توڭلاپ قالمايدۇ . ھا ھا ھا ......... ئۇ كۇلۇپ كەتتى.
بىز نىمە دىيشىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق . توۋا مۇشۇ 12- ئايغا ئاز قالغان مۇشۇ سوغۇقتا ، مەش قويمىغان بۇ ئۆيگە دەيدۇيا . ھەي .
- ئاداش ، كىم بىللە ياتىدۇ چوڭ ئاناڭ بىلەن ؟ سورىدى گۇلمىرە .
- ئۆزى يالغۇز . دەپلا راھىلە گىپىنى باشقا يانغا بۇرىۋەتتى. بىزمۇ ئوشۇق گەپ قىلماي ، ئىشىكتىن چىقتۇق.
بىز قەدەملىرىمىزنى تىز- تىز ئىلىپ بۇ يەردىن يىراقلاپ كەتتۇق . ئاشۇ بىچچارە ئايال بولسا ئىشىك ئالدىدا بىزگە قول پۇلاڭلىتىپ قالغان ئىدى.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، بۇگۇنكى ئانىلار بايرىمىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن !!! ئانىلار دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان !!